ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1930|ئىنكاس: 1

كوردلار ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچەلۇغەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

75

تېما

110

يازما

1743

جۇغلانما

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
499 سەر
تۆھپە
352 سەر
تىللا
278 دانە
جەۋھەر
1 دانە
يانفۇن كوردلار ئوتتۇرا شەرىقتە ياشايدىغان چارۋىچى مىللەت بولۇپ ،ئاساسلىق ياشاش ماكانى غەرىبى جەنۇبى ئاسيا كوردىستاندۇر . ئومۇمىي نوپۇسى 30 مىليون بولۇپ ،ئاساسلىق تۈركىيە ،سۈرىيە ،ئېراق ،ئېران قاتارلىق تۆت دۆلەتكە جايلاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا ئەزەربەيجان روسىيە،ئەرمىنىيە ،ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ جايلاشقان بولۇپ ئوتتۇرا شەرىقتە ئەرەپ ،تۈرۈك ،پارىسلاردىن قالسا تۆتىنجى چوڭ مىللەت.
0 Z  M' S; U, g. r" C/ K3 D$ E     كوردلار بولسا ئوتتۇرا شەرىقتىكى قەدىمىي مىللەتلەردىن بولۇپ ،رىۋايەت قىلىنىشىچە كوردلار قەدىمكى مىدىيە 米底亚 لىقلارنىڭ ئەۋلاتلىرىدۇر،2000يىلدىن بۇيان كوردلار كوردىستان تاغلىق رايونىدا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ياشاپ كەلگەن. يىقىنقى يىللاردا كوردلار ئارىسىدا مۇستەقىللىق سادالىرى بارغانچە كۈچەيگەن ،ئەمما ئارقا ئارقىدىن تۈركىيە،ئېراق تەرىپىدىن باستۇرۇلغان.% {% @: `+ _# \5 v# a1 Z5 N
     كوردلار ئاساسەن ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان سۈننىي مەزھەپتىكى مۇسۇلمانلاردۇر.كوردلارنىڭ تىلى ھىندى ياۋروپا تىل سېستىمىسىنىڭ ئىران تىلى تارمىقىغا كىرىدۇ.كورد تىلى ئىككى خىل يېزىققا ئىگە بولۇپ ،ئىراق ئىران تەۋەسىدىكى كوردلار ئەرەپ يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ ،تۈركىيەدىكى كوردلار بولسا لاتىن يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ.گەرچە ئوخشاش تىلنىڭ ئىككى خىل يېزىقى بولسىمۇ ئەمما ئۇزاق يىللىق ئايرىلىپ تۇرۇش ھەر قايسى كوردلىرىدا پەرىق ھاسىل قىلغان
( k7 ~% j/ k# K9 Aتۈركىيە كوردلىرى:
! C' J/ Y) W" F- z1 A    كوردلار تۈركىيىدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ ، نوپوسى 14 مىليون ، ئارىسىدا 7 مىليون كورد تۈركىيەنىڭ شەرقى ۋە شەرقى جەنۇبى قىسمىدىكى كەڭرى ئەمما ئادەم ئاز رايوندا ياشايدۇ. تۈركىيىدىكى كوردلار ئاساسىي جەھەتتىن مۇسۇلمانلار بولۇپ ،ئۇلار سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتە كۆپ پەرىققە ئىگە ئەمەس ،ئەمما تىل ،مەدەنىيەت ئۆرۈپ-ئادەت جەھەتتە ئوخشىماسلىقلارغا ئىگە.$ `# D9 j$ C  r1 Y
تۈرك ۋە كورد ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى توقۇنۇشقا دائىر تارىخى ماتېرياللار بار.تۈركىيەجۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىككى مىللەتنىڭ مۇناسىۋىتى بارا-بارا يامانلاشقان. ئاتا تۈرك مۇستافا كامالنىڭ ئىسلاھاتى مىللەتچىلىك دولقۇنلىرىنى قوزغىغان ئەمما تۈركىيە تۈرك مىللىتىدىن باشقا ھېچ بىر مىللەتكە ياشاش بوشلۇقى بەرمىگەن،كوردلار ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆزىنىڭ تۈركىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇش كۈرىشىنى باشلىۋەتكەن.' U& \' \% A' R2 h  x0 s
    1984-يىلى ئابدۇللا ئوچالان( تۈركچە Abdulah Ocalan) كورد ئىشچىلار پارتىيىسى قۇرغان.1980-يىلنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ بۆلگۈنچى كۈچلەر كۈنسايىن كۈچەيگەن،ھەم تۈركىيىنىڭ شەرقى قىسىم زىمىنلىرى كەسكىن ۋەزىيەت ئىچىدە قالغان .80-90 يىللاردىكى15 يىلغا سوزۇلغان ئۇرۇشتا 30 مىڭدىن كۆپ ئادەم ئۆلگەن.1991-يىلى ئابدۇللا ئوچالان كىنىيەدە تۇتۇلغان ،21 -ئەسىر ھارپىسىدا  ئوچالان ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنى قورال تاشلاشقا مۇراجەت قىلغان.+ z7 Y4 N/ r9 }3 {
    تۈركىيە نىڭ كوردلارغا بولغان قوپال مۇئامىلىسى تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتىپاقىغا كىرىشكە ئىلتىماس قىلىشى بىلەن ئۆزگەرگەن،تۈركىيە ياۋرۇپا ئىتىپاقىغا ئەزا بولۇش  ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلىنىشى ئۈچۈن ،ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىغان،2002-يىلى  تۈركىيە كورد تىلىدا رادىيو ئاخباراتلاردا تارقىتىش بەرگەن.يەنىمۇ  ئىلگىرلەپ مەكتەپلەردە كورد تىلىدا دەرىس بېرىش يول قويۇلغان.
6 E" N: Z6 l$ b2 h9 v& l  g" ?7 U/ u
مەنبەسى : ئەجدات تارىخ تورىئىزدە

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

5

يازما

134

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
9 سەر
تۆھپە
9 سەر
تىللا
103 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-12-5 23:04:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۈمدىكىدەك تېما ئېلىپ كەپسىز  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗