خەۋەربالىلارنىڭ سۆيۈملۈك دوستى ياسىن ئابدۇقادىر
0 d9 P; ?; m V3 n r7 z
8 d; J) h+ y* h: O3 ?0 x {
بالىلارنىڭ سۈيۈملۈك دوستى ياسىن ئابدۇقادىر 1977-يىلى 3-ئاينىڭ 13- كۈنى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ قاراساي يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە توغۇلغان. 2000- يىلى خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ تىل- ئەدەبىيات فاكولتىتىنى پۈتتۈرۈپ قاراساي يېزىلىق 1- ئوتتۇرا مەكتىپىدە خىزمەت قىلغان. 2011- يىلىدىن باشلاپ قاراقاش ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.
' Y1 N# O+ P* Z2 u2 K% H' u6 k6 rئۇ 2000- يىلى «خوتەن گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «بەخت» ناملىق نەسىرى بىلەن ئىجادىيەتكە كىرىشكەن بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان «تارىم»، «تەڭرىتاغ»، «يىڭى قاشتېشى»، «ئىلى دەرياسى»، «قومۇل ئەدەبىياتى»، «تارىم غۇنچىلىرى»، «ئۆسمۈرلەر گېزىتى»... قاتارلىق گېزىت- ژورناللاردا «ئورمان بالا»، «تۇغۇلۇپ ئويناش»، «بالام بولغىن ئەمدى سەن ئانا»، «سەن نۇزۇك، مەن سادىر»، «قىزىمنىڭ قەلبى»، «كېچىدىكى مەشرەپ»، «مەن قەلەم ئوغرىسىمۇ؟»... قاتارلىق 200 پارچىدەك شىئىر، ھېكايىلىرى ئېلان قېلىندى. ئۇنىڭ «رەسسام چاشقان» ناملىق شېئىرى 17-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. بىر قىسىم ئەسەرلىرى «ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىدىن تاللانما»- (بالىلار ھېكايىلىرى)، (بالىلار نەسرلىرى)، (بالىلار قوشاقلىرى) ناملىق ئۈچ كىتابقا كىرگۈزۈلدى.. «ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ 100 يىلى» ناملىق ماقالىسى جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى- مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ 5- نۆۋەتلىك ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا 1- دەرىجىگە ئېرىشتى. ئۇ 2009- يىلدىن بويان شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. ; r) T# R; O; O4 r4 `( p2 v
; q3 x$ X3 o! `( Fياسىن ئابدۇقادىرنىڭ شېئىرلىرى بالىلارغا ئەڭ يېقىن ۋە يېڭى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. بىز بالىلارنىڭ بۇ سۆيۈملۈك دوستىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ يۈكسەك پەللىلەرنى تىلەپ بىر يۈرۈش شېئىرلىرىنى دوستلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق., X2 A$ ^+ N# e. i7 w0 u
3 J3 ]# A" X9 O! a' V
! I) l7 A# O& ~4 y
چوڭ بولۇشقا رايىم يوق2 Z4 o2 t6 A; k7 ]! d
# O$ L% q( J! l8 i& f; b) z
2 b S h4 z4 q: O+ J$ d: m3 B7 n
بوپ كەتسەمچۇ بىرتال قۇش،: k9 A; B7 V4 Z j% L4 t
ھېچبولمىسا يوپۇرماق.
4 C! F1 Z8 d$ |چوڭ بولۇشقا رايىم يوق: Y/ }9 D9 U. L
بالا دېگەن بەك ئوماق.4 g r! b$ x, u! Z' T. Z
$ g2 Z$ r/ m$ d* Z
چوڭ بولساملا قارىماس،, R" d/ z' f* j$ k" K; ]! t
مەن ئوينىغان ۋاللەيلەر.! _9 n0 @& y7 a, U6 s
ئالمىشاركەن تاياققا،
0 C9 V T5 J1 uمەن ئاڭلىغان ئەللەيلەر.9 S5 F. t8 K$ l/ I4 u
" T& c, A7 G4 o& {$ S
`# m6 r" Y- ~7 V2 Tسىيگەك قار! o8 l9 t1 P+ H2 o
$ r3 |7 e' f& n: a8 W1 ]/ m6 u
& ?+ X: c3 t: f: }چانا ئويناپ دالىدا،8 z1 @/ i- }! h9 `" J H
مەندىن تەرلەر ئاقماقتا.
: w0 C z0 g0 h; W* u- n8 Y: K( zئويناش ئۈچۈن بىز بىلەن،$ j( ~( q+ D: ]
ئاپئاق قارلار ياغماقتا., T, o2 X4 d' `7 z: W h0 Y8 n4 |
( A& {) y$ x, n
توڭۇپ قاپتۇ ئاپئاق قار،: h- ]% ?; B/ H5 k" T
مېنى كەتتى قۇچاقلاپ.
$ @) L% ]# v i- @" l8 N% W4 zئىسسىتىشقا تىرىشتىم،! d! D) |! D/ `$ P5 |
قوللىرىمدا ئاۋايلاپ.
% G( e4 q" y) m8 Q/ O3 B, J, n: A
8 l, ?3 c6 `: m6 }, U# v- L9 g) Sئىسسىق ئۆيگە ئەكىردىم،
' k y3 m% l/ ^) E) ~قارنى تىزدىن يېتىلەپ.
, I1 K4 T) ^) }# \سىيىپ قويۇپ مۆكۈندى،+ x! |& @- F; K: k
ماڭا بىردىن ئەركىلەپ.
+ n5 R0 x9 K3 Q: l6 t! d6 X) B
6 n7 N5 h3 ]3 x: _3 c+ j: T. R5 {6 H) q* x+ j5 c
تىكتاك توپ- N, r! a f" K6 N: d V7 Y
/ m, k, |/ ]1 ^4 Y5 V/ g
" H+ h' R4 R- d+ Rيېقىندىلا كەتكەنتى،
L6 v: K: w& }& Oئاتا- ئانام ئاجرىشىپ.
0 d& \. |1 R+ b& hئۇلار مېنى ئۆز- ئارا،9 _( _+ U' M- o+ d
ئوينىماقتا ئىتتىرىشىپ.+ G1 Z+ ^7 q; e2 r+ V
0 S6 ~' W1 g u6 @* D* lبولۇپ قالدىم تىكتاك توپ،
4 B$ ]4 O/ z+ P) ]بولۇپ قالغاچ مەن قىزچاق.7 E- a8 R- r& C- _
بىر پالىقى دادامدا،
; T: M! U; h# O+ Hئانامدىدۇر بىر پالاق.
, }; K! ]' n2 f. L
! v: v2 ^, R# M# zئىككى پالاق ئارىسىدا،
& d9 Y; i9 ~- Gيۈرەكلىرىم پوك، پوك، پوك...
/ Q: o$ F$ F7 E' p7 i5 _: w3 q8 q5 `( eئەتىۋارلىق بولغۇم بار،. S4 c4 i" Y7 M7 V3 m4 j. r: h
بولغۇم يوقتى تىكتاك توپ.( w9 w3 q: n6 V8 p; s9 A" u( K
7 v! B# A$ G$ [! d0 K% d# p3 Z* ]$ R4 V
ئۆچۈرگۈچتۇر چىنتۆمۈر8 ]4 D( ~3 i3 R7 v* I% Y0 S: r) n! f
9 K; J( w0 x+ _# m2 s( [
8 j5 r; \9 b$ `6 A" Dماڭا ياغاچ ئات بولدى) o2 D% P4 Y" \& C" P
بوۋام.
7 I, L) A; M) h& W% L% _4 lئالتۇن ساڭقار ئېشىكىم6 u1 X" {# d' p7 h
دادام.' E$ |$ j* ~5 K# r
مەن بولدۇم ئۇچار گىلەم،
9 u0 e8 @5 c7 rبوخچامغا.( d2 x8 T! V1 N7 X, h' g1 [( q4 g- M
بوخچام ئېچىل داستىخان،
( }4 K2 U$ j+ ?- Z- g5 Cچاشقانغا.3 b; F3 q- V" m" K# A: [
ئۇرتوقماقتۇر ئاسلىنىم
6 L) I) C5 K# E! [9 R: ~/ Xئۇنىڭغا.
% B6 j$ o% N) ` V% q2 ^- _, e8 tقەلىمىممۇ دەپتەرگە،
* q/ H# f4 E4 o+ N* u: Qيەتتە باشلىق يالماۋۇز.( e2 y8 L P! M8 Z- A7 d* ~% M
ئۆچۈرگۈچتۇر چىنتۆمۈر،
" m; g; H* r" d! ]( n4 Z- H) Hباشلار ئاڭا تاجاۋۇز.
: j- J2 ^+ f p1 Q! Aچۆچەك ئادەملەرنى بېسىپ
3 R3 O8 B# G$ k* r8 r% g«گۇف- گۇف!» ماڭغان پاراۋۇز.
% i; S- l, N* Z8 ^' F0 ^& _) _5 X4 M& v
- _) k% x5 v I" b0 i
رەسىم
" ^7 N* S# c1 P6 m( U
; y. E# e! N6 F& k1 O% q4 X
! l( o# I1 W9 y% w. v9 W«تۇرا- تۇرا تۇرۇشقان،8 c9 }: L7 e: f- O" K- ^% U: g
ئارپىلىقتا ئۇرۇشقان.
& _1 e9 D' H' H |بىرتال بۇغداي تالىشىپ،- G/ g% v! M5 v% s( N0 i
كاللا- قاپاق يېرىشقان».- ^" t7 w8 t; X, f& L( n! n
. L+ `6 T+ {4 ]& Dبۇ قوشاقنى ئاڭلاپلا،
0 u- G6 c7 r7 B' R# y+ Z: J. K5 Pكۆڭلۈم تازا بۇزۇلدى.: |, `( l# H2 V2 A- }
ھېچكىم- ھېچكىم ئۇرۇشماس،2 C% r% X) K4 Z$ M1 O1 Z5 V/ E" `: p
بۇغداي كۆپ- كۆپ بولسىدى.
. l0 N+ e$ P1 H8 @" ]4 X
: P# }. n& B3 q! t6 i1 tرەڭدار- رەڭدار قەلىمىم،
5 e& p0 W x% K+ O6 N+ Nيورغىلىدى تاختايدا.
! k, |4 _1 ~" \# j- w. iھايت- ھۇيت دەپلا بۇغدايدىن،
- ]5 S; q* r! Uسىزىۋەتتم جىق- جىقلا.
4 d; j( n$ p2 b5 a3 E0 T6 _9 T+ b6 y6 [5 ~9 g4 p. H& H
تۇيۇقسىزلا چاشقانلار،
9 } B6 V4 o2 A" ~+ P6 Lھۇجۇم قلدى بۇغدايغا.
9 r& @! I# J9 o: Wمەن كەپسىزمۇ بوش كەلمەي،4 p' J' L( h$ U! [) _+ Z
مۈشۈك سىزدىم سىزمامغا.
9 S8 I! |; z5 A V7 Z |. r, Q
+ V& |+ w" w5 c$ |. ^# [
$ w/ P! k5 q4 \$ l+ E6 `, ]تىكىپ بەرگىن قولياغلىق
* E* l. M& c! a: ]
7 p* D* N3 b- P, s5 q1 c/ v1 f/ \' ?
ئانا، ماڭا تىكىپ بەر،4 @9 O! u0 z" q4 `; f
مېھرىڭ بىلەن قولياغلىق.' X, Z9 n. ` U1 b# y
قۇياش بوۋام تەرىنى،
/ m5 X+ [7 |0 xسۈرتۈپ قوياي داۋاملىق.& B5 G; E' E! |8 a& j% _- x- U% H2 x
1 E* T( E0 T$ j9 w, jسۈرتۈپ قوياي يامغۇرنىڭ،
+ X+ @6 i; x2 k! hقولياغلىقتا يۈزىنى،
9 X! m3 |* x3 m* r4 n8 }- qئىس- تۈتەكتىن ياشلانغان،
5 Y+ {5 L1 I4 mتەبىئەتنىڭ كۆزىنى.
4 l. m0 |! D5 S2 q0 m) \$ G3 V: O \4 w9 W
قولياغلىققا تىكىپ بەر،
, G) U5 X5 d1 R$ Bچىن تۆمۈرنى كەشتىلەپ.
- }+ b3 Y3 X! d* y8 _قونچىقىمنىڭ يېشىنى،
0 q- ]7 |4 ~3 L' e$ [. Nسۈرتۈپ قوياي پەپىلەپ.
! c. D* ` {/ K$ B( z6 p: ]. ~, L; \6 S" M1 Z" `
يەلپۈگۈچ قىپ ياغلىقنى، b8 g0 I# m% o* ^# D
يەلپۈپ قوياي يازلىقنى.
2 D# U1 f! R& L: mداستىخان قىپ گاھىدا،' o4 k, a, p, B
مېھمان قىلاي ساغلىقنى.& w2 M6 u7 p- B9 g j+ D* {
3 Z3 H' P# C. d8 H) t2 F2 P" L, n+ O) z5 {3 g1 w/ ?, D
كېچىدىكى مەشرەپ
& ~5 }* L7 T, N. G0 q6 j% W
' R3 H6 }/ c6 F+ @0 V
p0 ^7 _* U* I) d- Dچېكەتكە چىرت- چىرت
% {# D9 J4 u I5 Rچالسا مۇزىكا،+ }+ W/ U, ~. M$ q1 T0 P+ c
تومۇزغا تىرت- تىرت
4 O" C: v& t$ c& i/ w) mئېيتىدۇ ناخشا.
2 Y5 i: W4 J8 C5 Q. L
9 H* ^( V+ j: e6 C! s; qشوخ پەدىگە يۆتكىسە# Q$ ]2 {, ^8 R# E
ناخشىسىنى تومۇزغا ،# g- m* b5 v- ~! m% X
مەجنۇنتاللار چۈشىدۇ4 n& `5 T. E& U5 {- P, m. k* ?
بەس- بەس بىلەن ئۇسسۇلغا.; L( D1 E9 W' h5 e9 x/ T1 n$ @, Q% a
" m- r7 A& W$ N+ Y/ ~% p6 {
سۇلار شىر- شىر9 E" S6 g* y* V; _1 R* p- j" D( p
تەڭكەش قىلىدۇ .
% Z! N' }! Y% s2 s6 C$ Yياپراق پاق- پاق, B+ `1 ]1 ~. F. s2 W
چاۋاك چالىدۇ.( R( d2 C! {! M+ v
+ x4 Y9 z% D7 u: \; f& c- x
پاقىلار كۇر- كۇر( |# p$ i6 a9 r8 ^$ W+ z: b
ئېيتىشىدۇ خور.
9 {3 ~5 t/ [, |) X6 qھۇۋقۇشلار ھۇۋ-ھۇۋ) |1 z4 b" Z2 b# \- L
بولىدۇ جور.# C' M% E, A9 O4 I* p6 }
" _% L' Y/ h7 ^1 jشەپەرەڭ پىر- پىر y$ K5 q; Y/ a
ئوينار ئادىنوشكا.
; ~7 D# L) |) gئىتلارمۇ ھاۋ- ھاۋ, h9 V. p1 t8 |* @7 X
بوپكىتەر كاسكا.
; B9 `* u7 P4 S* O! O% ^' L* v6 x# \" \ w: s" B% d
سۇغا سەكرەپ كەپسىز ئاي،
$ t7 n( E( \' S' tسەھنىگە نۇر چاچىدۇ .
. K- ?' |; y; P$ oھاياجاندا مەشرەپكە ،: Z( Y8 p: F& F# _8 k8 M+ T' v
يۇلتۇزلارمۇ قاچىدۇ .# c' u. {0 k+ ~, B$ s G" u
' _" T3 s' Y7 U' L Z; X: [& _3 t
پىلتىڭ- پىلتىڭ پىلتىڭلاپ# A+ ~; d% \6 r, D4 n
سۇ ئىچىدە بېلىقلار ،
: o2 e' w0 ]( ]$ B' b7 ]# W. Xكۆرسىتىدۇ ماھارەت/ G4 [. W# `! x7 T9 K
چىقىرىپ كۆپ قىلىقلار.+ d7 R$ X6 U* U# ~0 w: w( q
' \7 Z/ }. l, eغاز غاقىلداپ غاق- غاق- غاق
. Q7 U! P3 f$ y3 xشوخ ئوينايدۇ « نازىركوم»
+ [2 S" h) v* c: L5 Uبۇ ئۇسسۇلدىن سۆيۈنۇپ،
, d6 ~/ ?! @; Xشامال قىلار تەبەسسۇم .) c7 Y3 n- ` A7 g
3 A! d9 |* I& ]- B8 @مۈشۈك بىلەن چاشقانمۇ،/ e& P& w( g6 E0 N$ J$ `
قىزىق ئىتوت قۇيىدۇ.
9 Z3 N H3 Q* p+ xئۇخلاپ قالغان بىر بالا،
+ l3 J) u: R2 \شۇنداق چۈشنى كۆرىدۇ.
4 l/ S! Y) _% z$ }/ K/ M6 [5 g q3 u6 `+ j+ Z; k
«مەشرەپ كۆر» دەپ خورازجان،
( M0 W- `- M3 N3 c( J2 J& N# _بالىلارنى چىللايدۇ .- l6 j9 v2 o" X, K, v
«ئىشنى بۇزدۇڭ، خوراز» دەپ،
3 y) X A8 r! K. Z! E; V% ], iمىرشاپ ئۇنى تىللايدۇ.
- ~1 W/ G8 F( T D f: F" c5 H- y5 a( @) _4 k9 G+ `+ {* p
& l% E |9 w, Y8 B ]6 i( @يالغان گۈل' z c: ~7 \( T+ N; P( O/ k
9 E( {: ^3 w t5 Z% s
+ P' a& N# T: _, o9 U N
گۈل يېنىدا كېپىنەك،/ V5 O1 o( R& H! I4 i
پورەك بولۇپ ئېچىلدى.
1 t" M; t2 a. t, S6 t) s* v6 }* dشەبنەم گۈل دەپ قالغاچقا،# o1 E) X% B9 ]8 c& v- }
ئۇنىڭغىمۇ چېچىلدى.
' b" D1 |* k; Q% G6 U
" T8 G9 \2 a" h7 X# ]باھانىدە گۈلنىڭكى،4 Q. \4 b; ~9 j& @% [/ ?! C9 n
كۆپ يۇيۇندى كېپىنەك.
1 p- g$ O7 E, {& x0 z d6 |بۇ ئويۇندىن سۆيۈنۈپ،! v5 @, Q1 f* g5 d
ۋىلىق- ۋىلىق كۈلگۈدەك.
* O/ d e J$ z0 [, l+ V* L& ]7 B! ^( `6 v, z5 ~& }' ?& M
گۈل دەپ قالغاچ ھەرىمۇ،
( b$ E* u9 e0 j0 b# B \' c+ Kكېپىنەككە قونغانتى.
4 y" {. E- I. zشۇرىغاندا «شىرنىنى»
1 F7 C+ X# c9 d; [6 Tمەخپىيەتنى ئۇققانتى.1 X; e2 ~/ i9 ^0 O5 t7 A
: U/ r. V9 h* r5 w0 B7 G9 ~ۋايجان- ۋايجان، ۋايجانلاپ،
: @' A* {3 W4 r$ ] nقېچىپ كەتتى كېپىنەك.
" O. J5 h; R% F+ Tتوۋا قىلغاچ ئەمدى ئۇ،
9 Q: m R' N6 i( Jگۈل بولمايمەن دېگۈدەك.8 X, `8 }1 E5 l, j V+ E
+ g- w v6 K+ O% p' U& f. f) O \( K+ i' a1 @3 y
جىن$ N, i L' K- f: v$ w
# M6 a9 a9 M" x) X3 k/ u3 ^: `
9 {' i0 V$ O1 `6 z0 U9 T& ~ئويناپ تۇرسا بىر بالا،
5 h2 `% `3 v4 m! {قۇياش بىردىن شوخشىدى.- A( K" y S! W3 @
پەيدا بولۇپ بىر نەرسە،
* [5 ?! O3 B4 @ئەمدى ئويۇن ئوخشىدى.
* h) J* ?7 C6 b& ]3 H+ L
& z& @# o8 q# t6 r) I# O+ k) o* Z- Hماڭسا ماڭدى ماڭغۇچە،
3 n, H: F+ c7 G1 G; ?% E5 E0 X$ ]تۇرسا تۇردى تۇرغىچە.
0 g8 C8 H) h3 aكۆمۈپ باقتى، كۆمۈلمەس،6 {, @ ~4 W3 P0 y
تېپىپ باقتى ھارغۇچە.
s6 F4 t- f. y% R
. p, v8 b% ^, p, e# o9 S: }% h$ y0 |/ H+ }شىلتىۋېدى قولىنى،+ P& z- j, E5 n
ئۇ نەرسىمۇ شىلتىدى.
, n9 V( C- Z; d- I3 lقورقۇپ كېتىپ بۇھالدىن' I& Q( S8 N" V) d
قاچسا يەنە قوغلىدى.
3 l P' k* ]* n5 r p# Y' g4 z! F# v9 V
«جىن قورقۇتتى مېنى» دەپ،8 e# q. I5 c/ I" O( t
ئۆيگە كىردى ئۇ يىغلاپ.) a' W" q7 b4 e
ئانا ئۇقۇپ ئەھۋالنى،% t) u, t' Y# y1 z0 M
كۈلۈپ كەتتى قاقاقلاپ...
0 q% f$ Z/ r) ?' x4 X$ c: N- G( `
4 V2 V7 k: @* b4 q
% L7 `) h$ U0 |+ X5 t ئالما
# \+ \, L& Q* d) f) `: V# T$ i$ O- R$ q
% n! E$ g" H9 {- t, lبۇرۇن- بۇرۇن، بۇرۇندا،
& X* A# b0 g, X' c/ zبىر بۇۋاينىڭ بېغىدا،
& e& v d3 S V' bبىر تۈپ مېۋە بار ئىكەن،+ ^! r9 l- Y6 ~/ E
يېمىگەنلەر ئارماندا.. l& R, l2 ^, g% {, b
. N9 `5 T- w( k" `2 m) t; \. Xبالىلارغا بېرىپتۇ،
' \$ }6 o+ ]. \9 S: Fقوش قول بىلەن مېۋىدىن.
) i+ R9 x8 U5 q8 Tبوۋاي بېشى قېتىپتۇ،9 G5 w) e7 `5 w/ r9 n1 R
ئالما ئوغرىسى دېۋىدىن.5 H+ {1 O2 l- R+ J: z
3 _3 A. k K2 d
بالىلارنىڭ رىزىقى،
+ ?9 w S3 Y* H8 Yقىيىلمىسۇن دەپ بوۋاي.
. T* }! z4 ^; @دېۋىلەرگە «ئالما» دەپ،, h, S! \6 }. o, e4 ]1 i
توۋلايدىكەن: ھاي، ھاي، ھاي!
1 h. k9 q ^/ S5 Z0 l) } u: R# j* ]7 j
ئالما دېسە ئېلىپتۇ،* P6 a4 e* g: l
يانچۇقىغا سېلىپتۇ.
: b5 E& x$ ~, v) Bشاخ- شۇمبىغا ئىلىنىپ،5 `' E5 t6 n) n2 v
ئۇياتلارغا قېلىپتۇ.
! j3 m) E) L* \) k) B' q6 ]; e' J$ O$ f1 o, W5 W
شۇندىن بىرى شۇ مېۋە،
; Q3 \( u7 |5 K1 xئاتىلىپتۇ «ئالما» دەپ.
. B) x6 |. }# y @8 r8 ~ياخشىلارنڭ مېۋىسى،: u D3 C5 _8 B7 f+ c* W1 f( a
ئەسكىلەر كۆز سالما دەپ.4 r& M P Y: C; Z# A1 P$ H
3 X% Y( D8 [$ k: y: E/ \ q* P, F4 J- Z: L- O. m v
ئون بىر
; j; S5 ?- B& v& t
: k! H) B% z1 a; Q! w; O. e7 ]+ A& x- G/ N$ I- I( W; X$ ~$ A7 y
بۇرنى قەلەم ئىكەنغۇ،! p* }, A) j3 j* e
ئەلقەمجاننىڭ ئەسلىدە.
" R6 _! t' {8 M& g5 W, y, oدەپتەر ئىكەن كالپۇكى،) z: Q' e) d" Y$ t7 q9 V. [
چوكىمۇزنى يېگەندە.
& K1 o$ R0 n) L) o/ ^7 z
; p d+ d/ m+ L% Aبۇرنى قىلىپ شىرت، شىرت، شىرت،
" d* ^% G1 o' n# b" z3 iبىرنى يازار دەسلەپتە.
. Y) }& q3 ^4 L1 q2 v* Aتىرىشىپلا ئون بىرنى،* [- n8 g0 q5 }: O
يېزىۋېتەر بىردەمدە.
4 @7 q) o3 ^9 `, ~0 l! t9 i. f& m: z6 ^" s: @4 u; E
يېزىپ بولۇپ ئون بىرنى،3 Y; c/ Q( B9 T4 ~' z/ i. Z) M
ئېغىزىغا كۆچۈرەر./ e. k+ b" B1 d
ئۆچۈرگۈچكەن بۇرنى ھەم،( j" X! D% U! x2 K( |9 ^, Y1 @
خىرت- خىرت قىلىپ ئۆچۈرەر.4 a: b! ?4 V ~9 E% X! G
! \0 {" F* v( H- kتوشۇپ كېتىپ دەپتەرلەر،" R# c; b# r+ ^6 B% ^! S' o+ x5 j7 }, ]3 i
بولۇپ كەتسە ئاڭا ئۆچ،
: P; ?9 F. d* ~) ]. d7 ^كۆڭلىكىنىڭ يېڭىنى،: v, ]9 o. L0 d7 F
قىلىۋېتەر ئۆچۈرگۈچ.
* P: d2 U$ h+ Q5 \& R7 e
: U" @7 ^) `+ N$ z1 G9 rبىرنى ياكى ئون بىرنى،8 Y( W. k$ c3 C3 m' [1 R r
بەك چىرايلىق يازىدۇ.! u* n& V8 r5 }8 R2 D
باشقا ساننى ياز دېسە،6 W/ T; T2 w' `; L' f6 c8 v3 Y
خىجىل بولۇپ ئازىدۇ.1 J" I9 }' [+ j- W: V& }% v
0 I3 H! z" [" i: V6 x2 ^4 d- [( u% b
چۆچەك كىتابتىن سەكرەپ چىق; c5 P" g1 x: q3 N
: E# p! {( Q, S s8 o9 y) N" T4 v a( j; M5 n9 F
ھەي، مەختۇمسۇلا، مەختۇمسۇلا،
, e0 A7 G# P5 \. H8 ^توخۇنى «تاخ» دەپ قويۇپ ،
) s) O0 l) |1 V7 iئۇيقۇ تولا، ئۇيقۇ تولا.
- Z: ~" F* e2 E- [0 Q" s, P
; G& C4 T3 `2 \; A7 cھەي، مەختۇمسۇلا، مەختۇمسۇلا،; S% {. F2 [4 v) x
مۈشۈكنى«پەش» دەپ قويۇپ،
9 Z0 I+ K( @4 d% x) Yچاشقان تولا، چاشقان تولا.- C+ B* C% ~. {6 u8 z5 m
* g3 P) b- t3 y$ H7 D% {' q( {
ھەي، مەختۇمسۇلا، مەختۇمسۇلا،3 T1 n6 w3 O L. c) i/ H6 m9 V
ئىتنى «چاغ» دەپ قويۇپ،
& V# O' B) i; ^4 } ~6 d$ J7 uئوغرى تولا، ئوغرى تولا.& T m8 v* k( O$ P; J# j. \
7 D2 v5 i) r7 Z! r+ j6 x
ھەي، مەختۇمسۇلا، مەختۇمسۇلا،- [9 m' w3 W; w/ Z/ [0 z
تالادا چاچ تاراپ قويۇپ
: L- }5 k9 ?" y2 z6 {5 W" Hچىگىلىۋالدى چىڭگىلىك،
4 ^: u# T0 Z' w& g. O7 |* @قىرىق بىرتال ئۆرۈم چېىچىڭغا.7 m& }+ G8 z( [$ \. Q2 j- A
; ~: L+ ?: v9 |5 T0 t- E' S
سېھىرلەندى. E- ~; `6 K- A, o, Y' C. G
ئارغىماق ئات «يامان ئات» قا،9 E$ j4 ~% L3 @" K6 e
ئالغۇر بۈركۈت بەرگۈر بۈركۈتكە،
+ z9 v, X& |: U7 k/ J7 F- Zمىسران قېلىچ ياغاچ قېلىچقا., E2 k, o# ^7 F& X1 ]
: }' ?) i+ W, N" F% A
سېھىرلەندى1 ^4 ]' t1 I8 Z6 ]
يەتتە باشلىق يالماۋۇز
1 j% r' C6 u* z$ \: M- l Rيەتمىش باشلىق يالماۋۇزغا.1 @2 Y A! `, h; g
ئىشىك ئالدىدىكى ئېرىقتا،
% e* [- y* e) E1 vسۇ ئەمەس ياش ئاقماقتا. ]: d0 Z7 }% A+ s0 d5 c
; n. t. m7 l* c+ ?: ]0 Wچىن تۆمۈر باتۇر5 I/ F1 c7 z% l3 k# L! }
چۆچەك كىتاب ئىچىدە ياتۇر،
1 i5 `; o5 ~; R6 Gخور... خور... خورەك تارتۇر.
% V" l3 d1 |; d& A! y, E
& _. g9 g n! p- a$ ^چىن تۆمۈر باتۇر
' f6 e2 `) V% q4 h/ lباتۇر دېگەن جەڭلەردە باتۇر،
/ ]$ e$ y8 n& \/ Iچۆچەك كىتابتىن سەكرەپ چىقىپ
. T) g# U" ?6 o* \, e, V9 fياۋنىڭ گېلىغا قېلىچ پاتۇر.( I& |" ~/ m* M8 [2 ~; b# s( O
% w( K' M" R; F8 Z/ G( p
^( D5 G: O* W; Y
قۇرسىقى ئاچ قېلىچىم, T9 ~3 U# J2 @0 } w
& O1 M7 q+ N, l% V3 q% v# v
( @& L2 t* S: D9 c" \- |چىنتۈمۈر
4 o1 s$ k! L* Kجا ئەمەس ئۇ
) S, f, Q# {* [8 `' \جىڭ تۈمۈر.
5 p/ s* ?7 V9 `$ G6 Z. x0 o; V2 L3 c0 K' ~
يالماۋۇزنىڭ يەتتە بېشى،# n3 N. b+ L2 j+ Z1 `( r
قېلىچىمنىڭ بىرۋاق ئېشى.0 ~+ [5 G$ k7 \$ T0 V3 t1 X
7 X7 R: ^! _. {( A+ W; A& Q
قېلىچىم بەك ئۇرۇق،
6 k4 L6 I2 c# jقۇرسىقى قۇپقۇرۇق.! P1 U: m# i9 Q; h" m% h% L
كىمگە ئەرىز قىلىدۇ،" X; L5 x' W" r& k$ {. l
ئۆزىدە كۈچ تۇرۇقلۇق.
, N, u% Z% b. ~# z3 O3 K. L. _* T9 E
غىلاپ ئورداڭ ئىدى،
r! S5 N7 o- Xبوپقالدى تۈرمە.# d" i3 V; c4 J2 h, e+ s0 S
سەن بۇنى
( F/ m: n+ a" {# yمېنىڭدىن كۆرمە.+ A& V* `. q0 w4 M6 U
7 P+ r+ }: p( ^4 g
خۇراز چىللىدى; d( t9 `7 C b# R7 H7 K$ Z
قۇق، قۇق، قۇق...
8 K4 N/ g+ u: \& b! xئويغان قېلىچىم1 p2 _$ y+ x0 h/ |
مەندە ئۇزۇق يوق.
- E0 W6 G4 Z3 O/ W9 ]5 P; P7 z9 F" j
2 s5 H: Y1 E) ~0 Yچىققىن شىكارغا،; Y+ _/ f' @9 D) r; L
كەلمەس بىكارغا." C) y% P5 {9 f8 F- R8 O- e' X
4 U0 y7 X& {/ p( c: e
7 O" c8 e1 v' _: {! m2 ]( g4 F2 d) ?توغۇلۇپ ئويناش6 f0 @" A+ [6 N' g6 s3 H1 W
' N0 X6 x/ M1 d2 m, S/ b6 z
6 G) }: N5 c& }$ y% r2 ?+ V! @2 Gئىشىك مېنى تۇغدى،
0 L/ y$ \8 P, ]" {8 lئۆيدىن تالاغا.
. O0 S( {; @( _6 k# L7 M; Jئاسمان ئاچتى قوينىنى،
6 _6 f. I' j3 [. }مەندەك بالىغا.) R8 @( L' S& r' m8 p9 L: }
ئاسمان تۇغدى خىيالىمنى،
8 a" g9 M% V# z% v3 F, V' w% l' m, w& nئاسمان كەينىگە.% P2 M7 }' |- J) Q3 l: W8 A
ئۇ يەردىكى بالىلار بىلەن ،
( M; A. z. V/ y: Oچۈشتۈم بەيگىگە.6 ?0 V% o; c- E3 H* p, T L
5 D) ~. d0 i1 R' f+ E
ئىشىك مېنى تۇغۇۋالدى،# m4 N+ n* x% I0 G" V
تالادىن ئۆيگە. h0 D1 h0 i) O+ f! l* {
چۈشۈم مېنى تۇغۇۋالدى،
# E, p2 ^: x+ P) h9 k9 o/ l* Y; ~! Nچۈشۈم شەھرىگە.
$ m9 k2 H+ |0 d2 J Aكەتسەم چۈشۈم شەھرىگە،
; k/ w3 r4 f3 T4 O8 X& v( |يوتقان تاپالماس.
3 u1 y- a2 u5 q; }4 y5 fمېنى تاپماق بولغانلار،
/ f, y9 f% t7 b) Dئۇخلىمىسا بولماس.
2 s8 a& ~' T M% S) o }0 z, \! s$ |. w# E" w9 g" p5 F4 j
مەن بىر شوخ بالا،- h* R9 D. h/ S+ A
تۇغۇلۇپ ئوينايمەن.+ \. J. }* C# i" b
چاشقان تۇغۇپ باقاي دېسە،
% n9 a2 F& Q. M1 l7 q9 y0 qھەرگىز ئۇنىمايمەن.6 w2 e( T" D9 I! ]$ E2 B/ d
مۈشۈكتىن تۇغۇلسام،
! c) }* q n5 z/ ~2 w& _2 jچاشقاننى ھام قىلسام.
9 B9 _0 k7 x5 |/ a% J3 N& z1 bچاشقان قۇرسىقىمدا قالسا،
5 q- C5 r% k! [ N; K# s9 R" `3 Iئەدەپلىك قىلىپ تۇغسام.
. {/ ]3 j+ ^: u- W* n# V% L+ ]! K& c1 v+ p; o
يەتتە باشلىق يالماۋۇزدىن،# v# V+ G6 }* a+ B. p/ _- |
تۇغۇلۇپ باقسام.
; P/ f& J) m( Y. _& E0 tيەتتە بېشىمنى يەتتە خىل1 s+ i' y$ ?6 y: e) T
ئىشلىتىپ باقسام.
8 w' k- r" N/ z" a7 s- F* N9 H% mسەكرەپ كەلسە چىن تۈمۈر،
& L `' \9 D. |' rدەرھال تۇغۇلمىسام.
4 G: h/ G; Y9 T# z) f& f; `4 j3 M8 I9 J8 J
تۇغۇلۇپ باقسام- T3 `- [0 a g' ^
چىن تۈمۈرنىڭ قېلىچىدىن.
: ^7 \' F2 V yئاتالسام مىسىران بالا دەپ.
/ e9 W5 U# U* |7 p' \1 P0 e. c, Aتۇغۇلۇپ باقسام4 ~1 L; B8 d3 e2 {4 Y
سادىر پالۋان ئانىسىدىن،
* X/ z$ a' p0 Q- O0 }, ]4 ^" Tھېچ بولمىسا قالپىقىدىن.( `. \. n( k8 Q) {
يەتتە باشلىق يالماۋۇزنى* e% o, n7 Y% g9 J0 N7 Y* r
ئۆلتۈرمەيتتىم،
! a; d8 q) F! h: \7 R: @: fئۆگۈتەتتىم ئېلىپبە.
3 \: J. i9 f. z1 C6 I5 w" d# m1 wچىرىكلەرنى ئۆلتۈرمەيتتىم،+ L, |' _& M2 ]3 S& Y- ^5 w) Q
كىرگۈزەتتىم ئەدەپكە.& H# J) f- G) e9 B
تۇغۇلۇپ باقسام
0 J8 K. f: o d; P! i! F$ Z, Iئۇزمۇخنىڭ ئانىسىدىن،
- Y$ o* O! U, q% |8 Z! A& gمەختۇمسۇلانى ئېلىپ قاچمايتتىم.
' a, V0 F1 f0 `/ |2 ^5 w«ماڭا تىگەمسىز» دەپ
4 `, I, j; @0 K) ?8 g" B% Vخىجىل قىلمايتتىم.7 a E) {6 q1 x% J7 b$ L
* b6 A2 Z0 A' S$ I. Y9 i2 s
قوياش بولۇپ! U- Q) l/ O( L7 j
تۇغۇلۇپ باقسام قوياشتىن،
9 c4 c& A+ d! q: pچاقچاق قېلىپ كۈندۈزدە،" t( E- P2 ^+ ?( P$ I
ئۈچۈۋالاتتىم.& [$ \/ y4 u% ]( a0 ^
ئېلىپ بېرىپ ئۈچۈۋالغىنىمنى،1 F+ l. _$ P& ?1 o( a" q' {0 B' F( W9 [
كېچىگە ۋىل- ۋىل+ Z+ ^! f0 ?! Y9 P7 _3 o/ c
ئېسىپ قوياتتىم.
5 V9 U% }& o' G# I' F3 |0 x C; E' p8 f" _" g# a+ a
ئورمان بولۇپ يەردىن تۇغۇلسام،
* O0 N' g F3 M; ^$ { E, s" yقۇشلار ماڭا قونىدۇ.& Y7 `" v J" u! j0 k4 L# x
دەل شۇ چاغدا تۇغۇلماي،
) ], g( J+ W2 y7 P U# z4 ?قۇشنى تۇتىۋالسام.7 @0 C( P) E1 T& |; w
مىنى تۇغۇپقوي دەپ
& A+ \" x w2 Zقۇشقا ئېسلىۋالسام،
9 L( h! y1 {% |4 ]) {تۇغۇپ قويسا$ V- J1 `" K1 j; C
قوش بولۇپ ئۇچسام.2 ?- k/ g& p/ m' k' F
دەل شۇ چاغدا
2 e2 o0 ^8 \' {* }5 G! dقۇش مېنى تۇغمىسا،
- ~7 h5 z& {. J: q* N, @2 N! Mئاسماندىن ياغسام.
+ n5 _4 M/ q% \/ w. {3 H# c) Y G" F( r+ p+ p! \8 ]; {
قەلەم بولۇپ تۇغۇلۇپ باقسام" A0 Y5 H8 p; L! a* \! _
ئورماندىن،1 X* s/ B+ B7 O5 S
ئىشلەپ بولالمىغان تاپشۇرۇقنى
5 V' @3 S/ B4 t1 B/ b( }6 q1 W: uئىشلەپ قوياتتىم.
6 z% K% b) x3 w6 T; n+ c0 m* Cئۇقۇپ قالسا مۇئەللىم،
; w6 E. d+ s) t- ~% r/ F% W5 L, ^ئىشلىگەنگە توياتتىم.- T9 }9 e5 S! a# @! J8 o7 z
تۇغۇلسام قەلەمدىن،
: @3 M5 K+ g0 A- t q$ cباھارغا خەت بولۇپ،) @' l. \% X. i
قىش دەرۋازىسىغا
% J& x h1 p5 @4 c' Z" H( ]بولاتتىم قولۇپ.
+ r. g6 v8 D7 i- S% Z1 w N7 G+ I! m
تۇغۇلۇپ باقسام زاۋۇتتىن،& m; k( W* M3 p" Z9 ]% ?8 b. Y: s/ t
ئويۇنچۇق بولۇپ،4 y; z3 A l5 L6 C1 ]0 N
تۇيۇقسىز گەپ قىلاتتىم.
. D' i* ?8 \& o& E0 ?: F7 Lقورقۇپ كەتسە بالىلار،, X9 z% n2 u( y4 S
شۈك تۇرۇۋالاتتىم.
; r$ b3 ^1 N8 L; B. d( o8 J; ^, k- e0 I7 I) i
چۆچەك كىتاب
3 `5 Z# h8 p. A, vتۇغسا ئۇرتوقماق،; ?; p; q1 I1 I
ئۇرتوقماقتىن تۇغۇلسام
: T/ \5 Q# G) q/ ~1 ^4 N1 b" @ Bبولمايتتىم ئەخمەق.1 u; e7 `! H8 ^/ L- O; U) `
; R" H5 |4 X2 [
پادىشاھنىڭ ئانىسىدىن; _* U0 T, H) T p: P
پادىشاھ بولۇپ تۇغۇلسام.7 X( T( l) z$ z* N! h1 J& z: F- x S4 T
يولۋاسنىڭ يۈرىكىدە
6 ~5 y7 u' O8 C! S1 n) c9 x" c( cبولسا ئوردام.( {- n8 t3 I6 r# v% [
9 p+ Y* K* F w& _ p! Q
تۇغۇلۇپ باقسام
9 y2 r, _1 Q# ~# J& ]ھەممە ھەممىدىن،' F$ v" _ y S0 W
ئانام جىق بولسا.) K$ C; `- [9 U
بىر ئانىغا قانمايمەن ھەرگىز،
' J8 e) N! r" d; L0 ^: ?* C9 a+ lكۈڭۈل توق بولسا.
r% A) M* b* l8 _1 mكۆپەيتمەك بولۇپ ئانامنى،
0 [3 `. G) I! {; \5 A8 f8 ^9 Mقونچىقىمدىن تۇغۇلۇپ باقسام،' [& x1 w2 }% v A
ياكى تۇغۇلسام
% u5 \: ]2 v' R. c% Iئۆگەي ئانامدىن
1 s- ~' A4 k4 t/ B9 e+ _3 [: Nئۆز ئانام بولۇپ قالسا. / Y, V, }1 V/ R% h/ j/ V* a& m/ `
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تەمكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-6 16:17
6 T( T- v( ^7 h H- @" F9 M8 i1 i- f2 T# u
چۈشۈرۈش
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |