مائارىپ
قاراسايدىكى ياش باغۋەن . R& @/ _- _2 `+ X
y+ E7 f/ v6 [% S7 Wئىجىتھاتلىق تۆھپىكار باغۋەن، بالىلارنىڭ سۈيۈملۈك دوستى ئىقتىدارلىق شائىر ياسىن ئابدۇقادىر « چوڭ بولۇشقا رايىم يوق »، « سىيگەك قار »، « تىكتاك توپ »، « ئۈچۈرگۈچتۇر چىڭ تۈمۈر »، « رەسىم »، « تىكىپ بەرگىن قولياغلىق » قاتارلىق ئەھمىيتى زور، پەلسەپپىۋى پىكىرلەرگە تۇيۇنغان شېئىرى بىلەن ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆرنەرلىك تۆھپە قۇشۋاتقان بالىلار يازغۇچىسىدۇر.3 T7 `$ ~! [' S; c0 I
ئۇ 1977-يىلى 3-ئاينىڭ 13- كۈنى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ قاراساي يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە توغۇلغان. 2000- يىلى خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ تىل- ئەدەبىيات فاكولتىتىنى پۈتتۈرۈپ ھازىرغا قەدەر قاراساي يېزىلىق 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.
& Z) n4 C* Q/ c. T1 g$ [ئۇ 2000- يىلى خىزمەتكە چىقىپلا « خوتەن گېزىت ى» دە ئېلان قىلىنغان «بەخت» ناملىق نەسىرى بىلەن ئىجادىيەتكە كىرىشكەن بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان « تارىم »، « تەڭرىتاغ »، « يىڭى قاشتېشى »، « ئىلى دەرياسى »، « قومۇل ئەدەبىياتى »، « تارىم غۇنچىلىرى »، « ئۆسمۈرلەر گېزىتى »... قاتارلىق گېزىت- ژورناللاردا « ئورمان بالا »، « تۇغۇلۇپ ئويناش »، « بالام بولغىن ئەمدى سەن ئانا »، « سەن نۇزۇك، مەن سادىر »، « قىزىمنىڭ قەلبى »، « كېچىدىكى مەشرەپ »، « مەن قەلەم ئوغرىسىمۇ؟ »... قاتارلىق 200 پارچىدەك شىئىر، ھېكايىلىرى ئېلان قېلىندى. ئۇنىڭ «رەسسام چاشقان» ناملىق شېئىرى 17-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. بىر قىسىم ئەسەرلىرى «ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىدىن تاللانما»- (بالىلار ھېكايىلىرى)، (بالىلار نەسرلىرى)، (بالىلار قوشاقلىرى) ناملىق ئۈچ كىتابقا كىرگۈزۈلدى. « ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ 100 يىلى » ناملىق ماقالىسى جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى- مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ 5- نۆۋەتلىك ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا 1- دەرىجىگە ئېرىشتى.9 T% y) A7 @$ |! B8 d8 \) H9 V
ياسىن ئابدۇقادىرنىڭ شېئىرلىرى بالىلارغا ئەڭ يېقىن ۋە يېڭى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. بىز بالىلارنىڭ بۇ سۆيۈملۈك دوستىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ يۈكسەك پەللىلەرنى يارتىشا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز. ئۇ 2009- يىلدىن بويان شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. بولوپ ئىشلەپ كەلمەكتە.
! v1 I6 V# A, N, t& y2 Pمەنبەسى:مائارىپچىلار تورىرەسىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |