ئۇيغۇر
! T% E$ J ~/ Y
! k; O4 r5 q" b- kجالالىدىن بەھرام 1942-يىل 8-ئاينىڭ16-كۈنى تىككۈچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۇنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان يازغۇچى ھەم رەسسام خەلق ناخشىچىسى ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادەم بولۇپ ،خۇش -پېئىللىق ۋە چاقچاقچىلىق بىلەن ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.ئۇ زېرەك ھەم تېتىك چوڭ بولۇۋاتقان ئوغلىغا خەلق -چۆچەكلىرى ۋە داستانلىرىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن سۆزلەپ بېرەتتى.شۇنداقلا ئۇنىڭغا ھەرخىل رەسىملەرنى كۆرسىتىپ، رەسساملىقنىڭ سېھرى-كۈچىنى تەرىپلەيتتى.شۇڭا ، جالالىدىن بەھرام :"مېنىڭ يۇمران قەلبىمگە ئەدەبىيات-سەننەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ، رەسساملىق ۋە ئەدەبىيات بىخلىرىنى يېتىشتۇرگەن ئاتامنى ھەر دائىم مەمنۇنىيەت بىلەن ئەسلەيمەن....." دەيدۇ. 1 x. n/ V8 K, N: d1 P% l* O* k/ E. I
جالالىدىن بەھرام 1950-يىلدىن 1954-يىلغىچە غۇلجا شەھىرىدىكى <روشەن> باشلانغۇچ مەكتىپىدە،1954-يىلدىن 1957-يىلغىچە ئىلى ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ.<رەسىم كۇرژۇكى>،<ئەدەبىيات كۇرژۇكى> قاتارلىقلارغا قاتنىشىپ،مەكتەپنىڭ تەشۋىقات تاختىلىرىدا تۇنجى قېتىم بالىلىق ھېسسىياتى بىلەن يازغان شېئېرلىرىنى ئېلان قىلىدۇ. جالالىدىن بەھرام 1957-يىلى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كېلىپ،1958-يىلغىچە شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنىستىتۇنىڭ رەسىم سىنىپىدا ئوقۇدى.1958-يىلى سەنئەت ئىنىستىتۇتى قۇرۇلغاندىن كېيىن،ئۇ ، 1958-يىلدىن 1961-يىلغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ رەسىم كەسپى سىنىپىدا ئوقۇدى. . n9 J+ _+ k$ {! e; [, Y- e
جالالىدىن بەھرام خىزمەتكە قاتنەشقاندىن كېيىن،1961-يىلدىن 1976-يىلغىچە خوتەن ناھىيىسىنىڭ سەيشەنبە بازار ئوتتۇرا مەكـتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدى.1976 -يىلدىن 1981 -يىلغىچە خوتەن ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا خىزمەت قىلدى.1981-يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ گۈزەل-سەنئەت بۆلۇمىدە مۇدىر مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى ئۆتەۋاتىدۇ...
7 `( m1 J) m. N* _جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەدەبى ئىجادىيەت پا ئالىيىتى 1963-يىلدىن باشلانغان. ئۇ دەسلەپتە كىچىك تىپتىكى سەھنە ئەسەرلىرىنى يازغاان . لېكىن،1966-يىلى <مەدەنىيەت ئىنقىلابى >باشلىنىش بىلەنلا،ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلەرى ۋە بىرنەچچە يىل ئەجىر سىڭدۇرۇپ يازغان <ئۇنتۇلغان قەلب> ،<كۈتمىگەن تەقدىر>،<ئۆمۇر خاتىرىلىرى> قاتارلىق پوۋېستلىرى ھەمدە ساقلاپ كەلگەن ئەتىۋارلىق كىتاپلىرى بۇلاپ كېتىلگەن ۋە ناھىيىنىڭ گۈلباغ رەستىسىدە كۆيدۈرۇلگەن.<مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى>دەپ ئاتالغان ئاپەتلىك يىللارنىڭ بورانلىرىدا،ئۈششۇك تەگكەن بۇ ياش مايسىنىڭ ئون نەچچە يىللىق ئۆمۆرى تەقىپ ئاستىدا ۋە يەرلىك قاراڭغۇ تۈرمىلەردە ئۆتتى. خىزمەتتىن توختىتىلىپ ،بۇ ناھىيىدىكى <ئەلنامە>،<يېڭى ئېرىق سۇ ئامبىرى>ۋە <قوشكۆل> لەردە ئىشلەشكە سۈرگۇن قىلىندى.% o. r* H) {5 |, M% {
دەرت - ئەلەم ،ئازاپ -ئوقۇبەتكە تولغان ئۈچ قېتىملىق سۈرگۇننى باشتىن كەچۇرگەن جالالىدىن بەھرام <تۆت كىشىلىك گۇرۇھ > ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن،1978-يىلى <نەشتەر>تەخەللۇسى بىلەن ،خوتەن گېزىتىدە <كوچىدا>،<ئانىنىڭ ئامراقلىقى> ....ناملىق ساتېرىك ھېكايە ،ئوچىرىكلارنى ئېلان قىلدى.ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرى كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىكەندىن باشقا،گېزىت يۈزىدە ئوبزور-ماقالىلىرىمۇ ئېلان قىلىندى...; T: I# x% ]; `. j$ }
جالالىدىن بەھرام 1979-يىلى<يېڭى قاشتېشى> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان <بۇلبۇل بوستانىنى تاپتى> ناملىق ھېكايىسى بىلەن كەڭ ئاممىغا تونۇلدى.ئۇ شۇندىن ئېتىبارەن <ھارۋېكەش>، <يېتىمە>،<بەش يۇز يۈئەنلىك چاقچاق>ئايگۈزەل>،<تويدا>،<مېنىڭ ئوقۇتقۇچىم>،<ئانا مېھرى>،<ئېقىندىكى ياپراق>،<ئاخىرقى تىنىقتا>.......قاتارلىق نۇرغۇن ھېكايە، <قاباھەتلىك چۈش>،<ئادەم پارچىسى>،<قامغاق >،.<تەنھا يۇرەكلەر>،<قۇددرەتلىك ئىلاھ>،<دانۇر تاغا>......قاتارلىق پوۋېستلىرى ۋە <لېيغان بۇلاق > <مېھرىگىياھ>،<ناتىۋانلار>،<كۆمۇر ساتقۇچى بالا> ناملىق رومانلارنى ئېلان قىلغان.....
, s L) K7 r: M( O" ~جالالىدىن بەھرام ئەدەبىيات ئىجادىيىتى ھەم گۈزەل-سەنئەتتىن ئىبارەت ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قوش تۈرىدە مول-ھوسۇل بېرىۋاتقان ئىقتىدارلىق يازغۇچى،تالانتلىق رەسسامدۇر.ئۇ ھازىر كاندىدات ئالى مۇھەررىر بولۇپ،جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمى جەمىئىيىتىنڭ ئەزاسى.رەسىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |