ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 366|ئىنكاس: 1

دەرىس تۈرك يازغۇچىسى ئۆمەر سەيفىددىنيانفون

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

581

تېما

881

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
3811 سەر
تۆھپە
2477 سەر
تىللا
734 دانە
جەۋھەر
17 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنى

ۋاقتى: 2012-10-27 11:17:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
خەۋەر  مەشھۇر يازغۇچى،ھېكايە ئۇستىسى ئۆمەر سەيفىددىن 1884-يىلى تۈر كىيىنىڭ گۈنەل دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئۆمەر بەي مىڭ بېشى ئىدى.كېيىن ئۆمەر سەيفىددىن باشلانغۇچتىن سەل يۇقۇرى تۇرىدىغان مەدەنىيەت ئوقۇشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ھەربىي مەكتەپكە كىرىپ ژاندارما ئوفىتسېرى ئۇنۋانىنى ئالغان ۋە ئەسكەرلىككە كىرگەن. 1910-يىلى ئەسكەرلىكتىن بوشاپ سىلانىك دېگەن جايغا ماكانلاشقان ۋە مۇشۇ يەردە ئەدەبىي ھاياتىنى باشلاپ «ياش يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» نى قۇرغان. بالقان ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئوفىتسىرلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۇرۇشقا قاتنىشىپ گىرىكلەرگە ئەسىرگە چۈشكەن. بىر يىلدىن كېيىن ئەسىرلىكتىن ئازاد بولۇپ ئىستامبۇلغا قايتىپ كېلىپ، ئەسكەر لىكتىن رەسمىي چېكىنىپ، كاباتاش ناملىق ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپىدە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىقى قىلغاچ يېزىقچىلىق ھاياتىنى داۋاملاشتۇرغان. 1920-يىلى 36 يېشىدا ئىستامبۇلدا ۋاپات بولغان.) t) y  j9 G/ j+ x7 s" f
     ئۆمەر سەيفىددىن تۈرك ئەدەبىياتىدا مىللەتچىلىك ۋە تۈركچىلىك پىكىر ئېقىمىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ،ئۇ سىلانىكتىكى ۋاقتىدىن باشلاپلا ئالىي جانىپ يۇنتەم ۋە زىياكۆك ئالىپلار بىلەن بىرلىكتە تۇرانچىلىقتىن ئىبارەت مىللەتچىلىك پىكىرئېقىمى ۋە ئىدىيىسى تەشەببۇس قىلىپ، ئاساسلىقى ھېكايە ئىجادىيىتى بىلەن شۆھرەت قازانغان.ئەمما كېيىن يەنە، رىئال مىللە تچىلىك كۆزقارىشىنى ئەلا بىلىپ زىياكۆكئالىپ بىلەن بىر يولدا مېڭىشتىن ۋاز كەچكەن.
' b0 \5 I5 Y+ a# r3 P2 Z    ئۆمەر سەيفىددىن شۇ دەۋىردىكى ئاسالىق پىكىر ئېقىمى نەزىرىيسى، يەنى، زىياكۆكئالىپنىڭ «تۈركچىلىك ئاساسلىرى»ناملىق كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرك تىلىنى ساپلاشتۇرۇشنى ياقىلايتتى. دېمىسىمۇ، شۇ دەۋىر تۈرك تىلىدا كۆپ قوللىنىلىۋاتقان ئەرەپ، پارس تىلى سۆزلۈ كلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئەرەپ، پارس تىلىنىڭ گىرامماتىكا قائىدىلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ،تۈرك تىلىنى ساپلا شتۇرۇش،بۇنىڭ ئۈچۈن ئەسەرلەردە تۈرك ئېغىز تىلى ۋە ماقال-تەمسىللەردىن پايدىلىنىش،بۇ ئارقىلىق تۈرك تىلى فونتىكىسىنى بېيىتىپ،ساپ تۈركچە سۆزلۈ كلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش تۈرك جەمئىيىتى ئۈچۈن زورۈرىيەتكە ئايلانغانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ كېيىنكى ئەسەرلىرىدە بۇ خىل چۈشەنچىلەرنى باشتىن-ئاخىر ئىزچىل قوللىنىپ،بۇ غايسىنى ئەمىللەشتۈردى. شۇنداق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىستامبۇل ئېغىز تىلىنى ئاساس قىلغان كۈندىلىك تۇرمۇش سۆزلۈكلىرى ۋە گېزىت تىلىغا ئوخشاش ساددا،ئاممىباپ تىل بىلەن يېزىش ئۇسلۇبىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلدى.  k  L  i4 s) {& }* G  `" g
     ئۆمەر سەيفىددىن ھېكايىلىرىدە رىئال ھايات ۋە رىئال كىشىلەر ئەكىس ئەتتۈرۈ لگەن بولۇپ،«مېنىڭ تالانتىم كومېدىيە»دېگەن يازغۇچى،ئۆز ھېكايىلىرىدە كۆپۈنچە،دەۋىرنى ھەجۋىيلەشتۈرۈشكە كۆپرەك ئورۇن بېرىدۇ. ئەمىلىيەتتە، ئۇ ئىستامبۇلغا كېلىپ گېزىتكە خەۋەر يېزىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئاددىي، كىچىك ،ئەمما تەبىئىيلىكى يۈكسەك ئەسەرلەرنى يېزىشقا باشلىغان.' e& _) |8 w2 ?8 L( u
    ئۆمەر سەيفىددىن بىزگە 1917-يىلىدىن 1920-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا 125 پارچە ھېكايىدىن تەركىپ تاپقان 10 كىتاپ قالدۇرۇپ كەتكەن. بەزى مەنبەلەردە،ئۇنىڭ «ئەپرۇز بەي بىلەن يالغۇز يىگىت» ناملىق بىر روماننى يېزىشقا باشلىغانلىقى ۋە بۇنىڭدىن باشقا مىللىي مائارپ مىنىستىرلىقى ئۈچۈن يازغان «ئىلئادا»غا ئوخشاش يەكۈن ياردەمچى كىتابلىرىمۇ بارلىقى ئىلاۋە قىلىنىدۇ.
$ ]/ a: X, v$ ~% t7 P    ئۆمەر سەيفىددىن ئەسەرلىرىنىڭ تېمىسىنى بىۋاستە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن ئالىدۇ. مەسىلەن؛ئۇنىڭ«بېشىنى بەرمىگەن شېھىت»،«بومبا»،«ھۆرىيەت بايرا قلىرى»غا ئوخشاش ھېكايىلىرى تۈرك تارىخىنىڭ ئاچچىق–تاتلىق جەريانلىرى، شۇنداقلا قەھرىمانلىق جاسارىتى بىلەن كىشىنى ئويغا سالىدىغان سەھىپىلىرىنى يۇرۇتۇپ بېرىدۇ.«پىنھان ئىبادەتخانا»،«ئىگىز پاشنا» قاتارلىق ئاز بولمىغان ھېكايىلىرىدە شەھەر ھاياتىنىڭ رەڭگارەڭ كۆرۈنىشلىرى ئۆزگىچە تىل بىلەن تەسۋىرلىنىدۇ.
2 L  L0 v) b: S. J0 T8 S, _# d2 X    ئۆمەر سەيفىددىننىڭ تۇنجى ھېكايىلەر توپلىمىغا،دەسلەپكى قەدەمدە؛«ئە قىدە»،«ئىگىز پاشنا»،«بومبا»،«پىنھان ئىبادەتخانا»،«ئەپرۇزبەي»،«ئاق لا لە»،«تارتنچاقلىق ئىمتاھانى»،«غەرەز»قاتارلىق ھېكايىلەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ،يازغۇچى بۇ ئەسەرلىرىدە ئۆزى ياشىغان سەۋىرگە نىسپەتەن ئۆتكۈر كۆز بىلەن قارىغان،شۇ سەۋەپتىنمۇ ئۇنىڭ شۇ دەۋىر دىكى ئەھمىيىتى ناھايتى چوڭ بولغان، چۈنكى ئۇ چاغدا پۈتۈن مەملىكەت قورقۇنۇشلۇق بىر دۈشمەننىڭ تەھدىتى ئاستىدا ئىدى. ھېچكىم ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى تەسەۋۇر قىلالمايتتى. بۇنداق ۋەھىيمىلىك كۈنلەردە يازغۇچىنىڭ غايەت ساددا،جۇشقۇن،چۈچۈك تىل ئارقىلىق بىر خەلقنىڭ قەھرىمانانە كەچمىشلىرىنى ھېكايە قىلىپ،پۈتۈن ئەل تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىشقا سازاۋەر بولىشى ئالاھىدە بىر ھادىسە ئىدى.
2 Q. U' @* @7 l( K9 {/ l, w     ئىنتايىن كەمتەر،كىچىك پېئىل،پىداكار،لېكىن تولىمۇ بىلىملىك يازغۇچى ئۆمەر سەيفىددىن ئۆز دەۋرى مۇھىيتى تەرىپىدىن قىزغىن سۆيۈلگەن كىشى ئىدى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ مىجەز-خاراكتېرىدە بىر ئاز ئەندىشىلىك كەيپىيات ئىپادىلىنىشكە باشلىغان.ئۇنىڭ دوستلىرى بۇ ئەھۋالنى سەزگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ نازۇك تەبىئىتىنى كۆزدە تۇتۇپ تەرەببال ئۇنىڭغا بىر نېمە دىېيەلمەيتتى، چۈنكى ئۇ بىرخىل كېسەللىك ئىدى. بۇ ئۈچ دوست يازغۇچى ئىشلەيدىغان گېزىتخانىغا بارىد ىغان يول ئۈستىدە،كۆۋرۈكتە ياكى تىرالبوستا ئۇچرىشاتتى. بىر-بىرى بىلەن كارى يوقتەك كۆرۈنىدىغان بۇ دوستلار ئۇنىڭغا؛«سالام ساڭا،كەچمىش بولسۇن، ئەھۋا لىڭ ياخشى ئەمەستەك كۆرۈنىسەن،چىرايىڭ تاتىرىپ كېتىپتۇ،بىر يېرىڭ ئاغر ىمدۇ؟»دەپ ئۇنىڭدىن ئەنسىرە ۋاتقانلىقىنى بىلدۈرەتتى. بىراق يازغۇچى ئۆزىنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايتتى. ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى ۋە شۇ كۈندىن باشلاپ گېزىتخانىغا برىشتىن ۋازكەچتى.
6 U1 j5 z1 _4 d: k% Q  p/ ]6 i4 v    ئۆمەر سەيفىددىن ئەسەرلىرىدە خىلمۇ-خىل تېمىلارنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بولۇ پ،بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن شەخسىي كەچۈرمىشلىرىنىڭ بولىشىمۇ مۇقەررەر. مەسىلەن:ئۇنىڭ«پىنھان ئىبادەتخانا» ناملىق ھېكايىسى دەل مۇشۇنداق ئەسەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيىنى ئاخىرقى قېتىم زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان فىرانسىيىلىك بىر دوستى، يازغۇچىنىڭ يېزىقچىلىق ئۆيىنىڭ راستنلا بىر پىنھان ئىبادەتخانىغا ئوخشايدىغانلىقىنى شۇنداق گۈزەل تىللار بىلەن خاتىر لىگەن.
" }& u7 J- N7 `9 |. `    ئۆمەر سەيفىددىن ئەدەبىي ئەسەر تىلىنىڭ گۈزەل ھەم چوڭقۇر پەلسەپەۋ ىيلىككە ئىگە بولىشىنى تەلەپ قىلىدىغان،ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىنى «جان تىلىم» دەپ بىلىدىغان يازغۇچى ئىدى،شۇڭا ئۇنىڭ ھەر بىر ئەسىرىدىن دەل مۇشۇنداق خىتاپ ياڭراپ تۇرىدۇ.
7 i8 D2 J# e& E0 P9 F    تۈرك ئەدەبىياتىدىكى نوپۇزلۇق ئەدىبلەردىن بولغان ئالىي جانىپ يۇنتەم ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ئىدى. ئۇ ئۆمەر سەيفىددىننىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ھېكا يىچىلىق سەنئىتىنىڭ تىپىك نامايەندىسى ھىساپلىنىدىغان مەشھۇر ھېكايىلەردىن تەركىپ تاپقان بىر كىتاب تۈزۈپ چىققان بولۇپ،بۇ كىتاب 1935-يىلى نەشىر قىلىنغان. ئۇزاق ئۆتمەي يەنە ئۇنىڭ بارلىق ھېكايىلىرى جەملەنگەن ھېكايىلەر توپلىمى نەشىر قىلىنغان. بۇ ھېكايىلەر ھېلىھەم كىشىلەرگە ئاجايىپ زوق ئاتاقىلىپ، چوڭقۇر ھاياجان بىلەن ئوقۇلماقتا.
" w% {9 s- v4 @$ {8 K* t7 o1920-يىلى 36 يېشىدا كېسەل ۋەسەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن مەشھۇر يازغۇچى ئۆمەر سەيفىددىن ھازىر، تۈركىيىدىكى قۇشلار سايرىشىپ تۇرىدىغان ماخمۇت بابا قەبرىستا نلىقىدا ياتماقتا.5 W3 A" A; H/ m6 [3 r! x
تۈركچە«100 مەشھۇر تۈرك»ناملىق كىتابدىن تەرجىمە قىلىندى.
. l! j: X, D8 b" x, `7 V0 E) Eتەرجىمە قىلغۇچى: قاراقاش ناھىيىلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلە شمىسىدىن
% z# J) o+ m8 Y+ c9 g7 iتۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار
2 X; Q2 o+ b  U( P% P8 V' F2012-يىل 15-ئىيۇن8 u8 C6 }! V3 C- Y" ^% M
مەنبەسى:بەگيار بىلوگىدىتال

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

5

يازما

95

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
4 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
81 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-9-20 05:03:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، داۋاملىق تېرىشىڭ....   
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗