ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى
نۇر تورى خەۋەرلىرى
يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشىنى مەركەز قىلغان بىر
قاتار ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ئىلمىي ھالدا ھەل قىلىشقا
ئۇرۇنۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر تىل تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا بىر
ئۆمۈر يۈرەك قىنىنى سەرپ ئەتكەن تىلشۇناسلارنىڭ تۆھپىسىنى
مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە ئۇلارغا ئەڭ ئالىي ئىھتىرام-تەشەككۈرلەرنى بىلدۈرۈش
مەقسىتىدە تەسىس قىلغان "مۇئەللىم" تىلشۇناسلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش
مەقسىتىدە ئېچىلغان، شىنجاڭ "مۇئەللىم" ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا شىركىتى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى بىلەن بىرلىشىپ
ئۇيۇشتۇرغان"يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى مەملىكەتلىك
ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى" 6-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كىيىن شىنجاڭ
ئۇنۋېرسىتېتى كۇتۇپخانا يىغىن زالىدا داغىدۇغىلىق ئېچىلدى.
يىغىنغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ بىرقىسىم يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك
چوڭ رەھبەرلىرى، مۇتەخەسىس ئالىم، تەتقىقاتچىلار، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى
رەھبەرلىرىدىن سىرت يەنە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايوننىڭ ئىچى-سىرتىدىكى
ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دوكتۇر، ماگىستر ئاسپىراتلىرى، پەن-تەتقىقات
ئورۇنلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى-تەتقىقاتچىلىرى، ئاخبارات-نەشرىيات ساھەسىدىكى
رەھبەرلەر ۋە خىزمەتچى خادىملار، رايونىمىزدىكى مىللىي كارخانىلارنىڭ
مەسئۇللىرى، شۇنداقلا شىنجاڭ "مۇئەللىم" شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى بولۇپ
جەمئىي 400گە يېقىن ئادەم ئىشتىراك قىلدى.
"مۇئەللىم" تىلشۇناسلىق مۇكاپاتىنى شىنجاڭ "مۇئەللىم" ئېلېكتىرون
پەن-تېخنىكا شىركىتى تەسىس قىلغان بولۇپ، بۇ مۇكاپات ئۇيغۇر تىلشۇناسلىق
ساھەسىدە ئىزباسارلارنى تەربىيەلەشتە تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك بولغان، بولۇپمۇ
ئۇيغۇر تىل تەتقىقاتىنىڭ مەلۇم بىر ساھەسىدە تۆھپىسى ئالاھىدە زور بولغان
مىرسۇلتان ئوسمانوق قاتارلىق 11 نەپەر ئۇستاز تۆپىكارلارغا بېرىلدى. بۇ
قىتىملىق "مۇئەللىم" تىلشۇناسلىق مۇكاپاتىنىڭ سوممىسى بەش مىڭ يۈەن نەق
پۇل بولۇپ، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە "مۇئەللىم" شىركىتى يېكىدىن بازارغا
سالغان 1300 يۈەن قىممىتىدىكى "مۇئەللىم" ئېلېكتىرونلۇق لۇغىتىمۇ بار.
يىغىن ھاياجانلىق ئىلكىدە ئېلىپ بىرىلغان بولۇپ، ھەر بىر يىغىن ئەھلى
تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكى بۇ تۆھپىكار ئۇستازلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى ۋە
تەتقىقاتىغا قوشقان ئەجىر-مىھنەت دوكلاتلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاپ،
خاتىرە قالدۇرۇپ، ئۇستازلارغا چىن يۈرىكىدىن ئەڭ ئالىي تەشەككۈر ۋە
ئېھتىراملىرىنى بىلدۈرۈشتى. گۈلدىراس ئالقىش سادالىرىنى توختىماي چىلىشتى.
|