باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • AOL شىركىتى ICQ پاراڭلىشىش دىتالىنى سىتىۋەتتى

    ۋاقىت:2010-07-13 | تۈرى:ITئۇچۇرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/69154330.html

    چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ئامرىكا AOL شىركىتى ئۆزىنىڭ قارمىقىدىكى پاراڭلىشىش دىتالى بولغان ICQ نى 187500000.00 يۇەن يەنى 187.5 مىليۇن دوللارغا روسىيە مەبلەغ سىلىش شىركىتى DST غا سىتىۋەتكەن بولۇپ، 7-ئاينىڭ 12-كۈنى يەنى دۈشەنبە كۈنى ئامرىكا ئاكسيە-سودا كومىتىتىغا ICQ دىتالىنىڭ سىتىۋىتىش سودىسىنىڭ ئاياقلاشقانلىقى توغۇرلۇق دوكلات تاپشۇرغان بولۇپ، بۇ سودا پۈتۈنلەي نەقپۇل ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان.

    AOL نىڭ تاپشۇرغان دوكلاتىدا شىركەت 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ICQ مۇلازىمىتىنى DST قا سېتىپ بېرىش سودىسىنى ئاياقلاشتۇرغانلىقىنى ئېيتىلغان بولۇپ، مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە AOL ئېرىشكەن بۇ مەبلەغ ئارقىلىق قەرز قايتۇرۇش، مەبلەغ سىلىش، ئىلان كېرىمى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق ئۆتكەللەردىن ئاسانلا ئۆتىۋالالايدىكەن.

    AOL بۇ يىل 4-ئاينىڭ 28-كۈنى قارىمىقىدىكى ICQ مۇلازىمىتىنى DST قا سىتىپ بەرمەكچى بولغانلىقنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پىلانىدا بۇ سودا بۇ يىل 3-پەسىلدە ئاياقلاشماقچى ئىكەنتۇق. ICQ سىتىۋىلىشقا قىزىققانلاردىن گوگۇل بىلەن Skype مۇ بار ئىكەنتۇق.

    ICQ نىڭ نۆۋەتتە پۈتۈن يەر شارى بويىچە مۇقىم IP دىن زىيارەت قىلىدىغانلارنىڭ تەخمىنەن 32 مىليۇن بولۇپ، بۇنىڭ %25 تى بولسا روسىيەدىن كەلگەن ئىكەن. ICQ نۆۋەتتە روسىيەدە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن، ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان پاراڭلىشش دىتالى بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى دۆلىتىمىزدىكى QQ بىلەن سىلىشتۇرۇشقا بولىدىكەن.

    ئەسەر ئەسلى مەنبەسى: http://www.it.com.cn/edu/softhotnews/technews/2010/07/13/08/841757.html


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !