باش بەت | ئېلكىتاپ | تەرجىمە فىلىم | ئالبۇم | ULY نۇسخىسى |
-
exe شەكلىدىكى ئېلكىتاپلار
ۋاقىت:2010-07-12 | تۈرى:ئابرال ئېلكىتاپلىرى
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/69069944.html
بۇ يازمىغا كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلەر exe شەكلىدىكى،ھىچقانداق ئىلكىتاپ كۆرۈش قورالى قاچىلىمىسىمۇ بولىدىغان، بىۋاستە ئىجرا بولىدىغان تۈردىكى ئېلكىتاپلار بولۇپ، بۇ ئېلكىتاپلار يۇقۇرى سەۋىيە بىلەن تۈزۈلگەن بولۇپ، بىر تەرەپتىن نادىر مۇزىكىلاردىن بەھىرلەنگەچ ئەڭ نادىر مەزمۇنلارنى ئوقىيالايسىز. ئبۇلارنى مەن ئېلگىرىكى مۈنبەرلەردىن چۈشۈرىۋالغان ئىدىم.بۇرۇن چۈشۈرەلمىگەن ياكى مۇشۇ ئېلكىتاپلارنى ئىزدەپ يۈرگەن تورداشلارنىڭ ۋاقتىدا چۈشۈرىۋىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.ئەگەر سىزدە ئۆزىڭىز ئىشلىگەن ياكى باشقىلار ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ يازمىغا تېخى كىرمىگەن ساقلاپ قويغان ئېلكىتاپلار بولسا بىزگە ئەۋەتىپ بېرىڭ. ھەممەيلەن تەڭ بەھىرلەنسۇن.
بىلوگىمىزدا ئېلان قىلىنغان ھەر قانداق شەكىلدىكى ئېلكىتاپلارنىڭ نەشىر ھوقۇقى ۋە بارلىق باشقا ھوقۇقلىرى ئەسلى ئەسەر ئىگىسىگە تەۋە بولۇپ، ئەگەر سىز ئۆزىڭىز ئىشلىگەن ئېلكىتاپ ياكى يازمىڭىز ۋە ياكى ئەسىرىڭىزنىڭ بىلوگىمىزدا ئېلان قىلىنىشىنى نەشىر ھوقۇقۇمغا دەخلى قىلغانلىق دەپ قارىسىڭىز دەرھال شۇ تىما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرۇڭ. بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە سىزنىڭ ئەسرىڭىزنى چىقىرىۋىتىمىز.
1. كومپىيۇتېر دۇنياسى
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: بىلىك كۇلۇبى
ئېلكىتاپ تۈزگۈچى: بىلىك كۇلۇبىدىن ئەرتاش
بىلىك كۇلۇبى تەرىپىدىن تارقىتىلغان، ئەڭ دەسلەپتە exe شەكلىدىكى ئىلكىتاپلارنىڭ بېرى بولۇپ، بۇ ئېلكىتاپقا كىرگۈزۈلگەن بىرىكتۈرۈش يۇمشاق دىتالى ۋە ئۈچ ئۆلچەم يۇمشاق دىتاللىرى، flash,3d max قاتارلىق دىتاللار توغرىسىدىكى بايانلار ھىلىھەم قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق. ئەگەر سىز بىر كومپىيۇتېر ھەۋەسكارى بولسىڭىز بۇ ئېلكىتاپ سىزنىڭ بىر كۆرۈشىڭىزگە ئەرزىيدۇ.
2. شەنبەم تور ژورنىلى
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: شەبنەم تورى
ئېلكىتاپ تۈزگۈچى: غوپۇرجان
ئېلگىركى داڭلىق ئۇيغۇر تورلىرىنىڭ بىرسى بولغان شەبنەم تور بېتى ۋە شەبنەم مۈنبىرىدە ئېلان قىلىنغان بىر قانچە نادىر ئەسەرلەر، شەبنەم مۈنبىرى ئېلىپ بارغان سۆھبەتلەر ۋە ئۇندىن باشقا بىر قانچە ئېسىل مۇزىكا ۋە MTV لاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ. ھەقىقەتەنمۇ ياخشى چىقىرىلغان بىر ئېلكىتاپ.
3.مۈھەببەتنىڭ ئاۋازى
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: سۈمرۇغ ئەدىبىيات تورى
ئېلكىتاپ تۈزگۈچى: غوپۇرجان-ئاتامان
ئاتاقلىق ياش شائىرىمىز ئابدۇرىشت سۇلايماننىڭ شىئىرلىرىدىن تۈزۈلگەن شىئىرلار توپلىمى بولۇپ، ئېلكىتاپ بەكمۇ ياخشى تۈزۈلگەن. كىرىشتۈرۈلگەن مۇزىكىلار شىئىرلارغا ئىنتايىن ماس كەلگەن بولۇپ، بۇ ئېلكىتاپ ھەقىقەتەنمۇ يۇقۇرى سەۋىيەدە تۈزۈلگەن. چۈشۈرۈپ كۆرۈشۈڭلارغا جەزمەن ئەرزىيدۇ.
4. پۈرقەتنىڭ بىشارىتى
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: بەرقى ئەدىبىيات مۈنبىرى
ئېلكىتاپ تۈزگۈچى: غوپۇرجان-ئاتامان
ئاتاقلىق ياش شائىرىمىز ئابدۇرىشت سۇلايماننىڭ شىئىرلىرىدىن تۈزۈلگەن شىئىرلار توپلىمى بولۇپ، ئېلكىتاپ بەكمۇ ياخشى تۈزۈلگەن. كىرىشتۈرۈلگەن مۇزىكىلار شىئىرلارغا ئىنتايىن ماس كەلگەن بولۇپ، بۇ ئېلكىتاپ ھەقىقەتەنمۇ يۇقۇرى سەۋىيەدە تۈزۈلگەن. چۈشۈرۈپ كۆرۈشۈڭلارغا جەزمەن ئەرزىيدۇ.
چۈشۈرۈش: 1-بۆلەك 2-بۆلەك 3-بۆلەك
5. ھۆرىيەت تور ژورنىلى
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: ھۆرىيەت مۈنبىرى
ئېلكىتاپ تۈزگۈچى: ياسىنجان تۇردى
ھۆرىيەت مۈنبىرى ئىلان قىلغان ئۇيغۇر ئارتىس – چولپانلىرى كۆپرەك تونۇشتۇرۇلغان ئېلكىتاپ بولۇپ، ئېلكىتاپتا ئابلىز ئابدۇرىشت، شىرئەلى ئابدۇرىشت، ئابدۇللا ئابدۇرىھىم، دىلنار ئابدۇللا، تۇرسۇنئاي ئىبراھىم قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇلغاندىن باشقا بىر قانچە شىئىر ۋە مۇزىكىلار كىرىشتۈرۈلگەن.
چۈشۈرۈش: 1-بۆلەك 2-بۆلەك 3-بۆلەك
6. پەلسەپە ئېلىكىتىرۇنلۇق ژورنىلى
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: پەلسەپە مەھەللسى
پەلسەپەگە مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە ماقالىلەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلاردىن بۈيۈكلۈك ۋە قۈدرەت، ماكانسىزلىق ۋە سۈكۈتسىزلىك، سەبىلىكنىڭ پۇرىقى شۇنداقلا ئابدۇشۇكۈر مۈھەمەتئىمىننىڭ سۇمرۇغنامە قاتارلىق ئەسەرلىرى ۋە بىر ئىبنى خەلدۇن قاتارلىق پەلسەپە ئالىملىرىدىن بىر نەچچىسى تونۇشتۇرۇلغان. قىزىقىدىغانلار كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.
7. بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدىبىياتى ۋە تور ئەدىبىياتى ھەققىدە
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: خەزىنە تورى
ئېلكىتاپ تۈزگۈچى: ئابدۇراخمان مۈھەممەد تۈركىي
بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدىبىياتى ۋە تور ئەدىبىياتى ھەققىدە ئابدۇرىشت سۇلايمان (جاللات) ، ئابلاجان مەمتىمىنلارنىڭ بايانلىرى شۇنداقلا ئۆزباش بىلەن ئېزىتقۇنىڭ مۇشۇ تىما ئۈستىدە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدىن تۈزۈلگەن ئېلكىتاپ بولۇپ. بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدىبىياتى ۋە تور ئەدىبىياتى ھەققىدە ئازراق بىر نەرسە بىلەي دىسىڭىز بىر كۆرۈپ چىقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.
8. رىسالىم تور ژورنىلى
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: شىنجاڭ رىسالىم خەلقئارا چەكلىك شىركىتى
رىسالىم تورى تەرىپىدىن تارقىتىلغان پەلسەپە، ئەدىبىيات ۋە يۇمۇر قاتارلىق مەزمۇنلاردىن تەركىپ تاپقان ئېلىكتىرۇنلۇق ژورنال.كىتاپ قاتتىق تەلەپ بىلەن ئىشلەنگەن بولۇپ، سىزنىڭ كۆرۈپ چىقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.
9. مۈھەببەت كۈيلىرى
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: دىھقان ئوغلى – ۋاھاپ قۇربان
بىر قانچە خىل مۈھەببەت ھەققىدىكى بايانلار، روبائىلار قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن ئېلكىتاپ بولۇپ. ياشلار چوقۇم ياقتۇرۇپ كۆرىدۇ دەپ ئويلايمەن.
يۇقارقى چۈشۈرۈش بەتلىرىنىڭ ھەممىسى سىنا تورىنىڭ ماتىريال ئورتاقلىشىش بېتى بولۇپ، ئالدى بىلەن چۈشۈرۈش بېتىگە كىرىپ ئاندىن دەرھال چۈشۈرۈش دىگەن كۈنۇپكىنى باسسىڭىز چۈشۈشكە باشلايدۇ. بەزى ئېلكىتاپلار سىغىمى چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن 2-3 بۆلەككە بۆلۈپ يوللاندى. چۈشۈرۈپ بولۇپ خالىغان بىر بۆلەكنى ئېچىپ، پىرىستىن يېشىپلا كۆرسىڭىز بولىدۇ.
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us
كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !
评论
abral@163.com
بىز بىلوگقا چىقىرىپ قويىمىز