باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • ئىسلام دىنىغا ئائىت ئېلكىتاپلىرى

    ۋاقىت:2010-06-24 | تۈرى:ئابرال ئېلكىتاپلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ilkitap-logs/66968997.html

    بۇ يازمىغا تور دۇنياسىدا تورداشلار تەرىپىدىن ئېشلەپ تارقىتىلغان بارلىق (مەن يېغىپ ساقلىيالىغان) ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئېلكىتاپلار يوللىنىدۇ.ئەگەر سىزدە ئۆزىڭىز ئىشلىگەن ياكى باشقىلار ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ يازمىغا تېخى كىرمىگەن ساقلاپ قويغان ئېلكىتاپلار بولسا بىزگە ئەۋەتىپ بېرىڭ.ھەممەيلەن تەڭ بەھىرلەنسۇن.

    بىلوگىمىزدا ئېلان قىلىنغان ھەر قانداق شەكىلدىكى ئېلكىتاپلارنىڭ نەشىر ھوقۇقى ۋە بارلىق باشقا ھوقۇقلىرى ئەسلى ئەسەر ئىگىسىگە تەۋە بولۇپ، ئەگەر سىز ئۆزىڭىز ئىشلىگەن ئېلكىتاپ ياكى يازمىڭىز ۋە ياكى ئەسىرىڭىزنىڭ بىلوگىمىزدا ئېلان قىلىنىشىنى نەشىر ھوقۇقۇمغا دەخلى قىلغانلىق دەپ قارىسىڭىز دەرھال شۇ تىما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرۇڭ. بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە سىزنىڭ ئەسرىڭىزنىڭ چىقىرىۋىتىمىز.

    1.قۇرئانى كەرىم

    ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: نامەلۇم

    ئىسلام دىنىمىزنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولغان قۇرئانى كەرىمنىڭ ئەرەپچە نۇسخىسى بولۇپ، ئەرەپچە ئوقۇيالايدىغان دوسلارنىڭ چۈشۈرۈپ كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. كىتاپ فورماتى chm  فورماتىدا بولۇپ، بىۋاستە ئىجرا قىلىپ كۆرۈشكە بولىدۇ.

    چۈشۈرۈش

    2.قۇرئانى كەرىم تەپسىرى

    ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى

    ئىسلام دىنىمىزنىڭ مۇقەددەس كىتابى قۇرئانى كەرىمنىڭ تەپسىلى تەپىسىر قىلىپ، يېشىپ چۈشەندۈرۈلگەن نۇسخىسى بولۇپ، ئىمام ئىسمائىل ئىبنى ئۆمەر ئىبنى كەىسر تەرىپىدىن تەپىسىر قىلىنغان. يەنى تەپىسىرى كەبىر دەپمۇ ئاتىلىدۇ.مېنىڭچە بۇ كىتاپ ھازىرغىچە نەشىردىن چىققان ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىتاپلار ئىچىدىكى ھەجمى ئەڭ چوڭ كىتاپ بولسا كېرەك. كىتاپ 6 توم بولۇپ، كىتاپخانىلاردا رەسمى نەشىر قىلىنىپ سىتىلغان.

    1-توم  2-توم  3-توم  4-توم  5-توم  6-توم  كېرىش سۆز

                تەنناۋى جەۋھەرلىرىدىن تاللانمىلار

    بۇ كىتاپمۇ قۇرئاننىڭ تەپسىرى بولۇپ، كۆرۈپ چىقىشىڭىزغا تامامەن ئەرزىيدۇ.

    چۈشۈرۈش

    3.ئەھىل سۈننە ۋەلجامائە ئەقىدىسى

    ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى

    ئاللاغا، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە،كىتاپلىرىگە،ئەلچىلىرىگە، ئاخىرەت كۈنىگە، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللانىڭ تەقدىرى بىلەن بولۇشىغا شەكسىز ئىشىنىش ئەقىسدۇر. دىگەندەك تەقدىر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بايانلارغا ياخشى چۈشەنچە بېرىلگەن كىتاپ.

    http://good.gd/574687.htm

    4. ئائىلىدىكى تەربىيە مەنبەسى

    ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى

    ئەگەر بالىلىرىڭىزغا كىچىكىدىن باشلاپ ئىسلام تەربىيەسى ئىلىپ بېرىشنى ئويلىغان بولىسڭىز، بۇ كىتاپ سىزگەئەڭ ياخشى يولباشچى بولالايدۇ.

    چۈشۈرۈش

    5.ئائىلە تەربىيەسى

    ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى

    بۇ كىتاپمۇ يۇقارقى كىتاپقا ئوخشاش ئىسلام دىنىدىكى ئائىلە تەربىيەسى توغۇرلۇق تەپسىلى چۈشەنچە بېرىلگەن ياخشى بىر كىتاپ

    چۈشۈرۈش

    6.ئاللاھنىڭ دىنىدا ئاداققىچە چىڭ تۇرۇش

    ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: ئاخىرەت ئىسلام تور بېتى

    ئىسلام دىنىدا قانداق چىڭ تۇرۇش توغۇرلۇق ياخشى يول كۆرسىتىلگەن كىتاپ. ئاپتۇرى ئەمرى خالىد.

    چۈشۈرۈش

    7.ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى

    ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: ئىسلام يولى تور بېتى

    ئىسلام دىنىدىكى ئائىلە تۈزۈمى توغۇرلۇق تەپسىلى مەلۇمات بېرىلگەن كىتاپ. كۆرۈپ چىقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.

    چۈشۈرۈش

    8.ئاياللار ئۈچۈن مۇھىم پەتىۋالار

    ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: نۇرئىسلام تور بېكىتى

    ئىسلام دىنىدا ئاياللار ئۈچۈن چىقىرىلغان تۈرلۈك پەتىۋالار بولۇپ، ئەگەر سىز ئۆزىڭىز بىر مۇسۇلمان ئايال دەپ قارىسىڭىز، ھىچبولمىغاندا بۇ ئېلكىتاپنى بىر كۆرۈپ قويۇڭ.

    چۈشۈرۈش

    9.بىدئەتكە قارشى تۇرۇپ، سۈننەتنى قوغدايلى

    ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى

    ئىسلام دىنىمىز ئىچىگە كېرىپ قالغان  بىدئەتچىلىكنى كۆرسىتىپ بەرگەن كىتاپ بولۇپ، بۇ كىتاپ سىزنىڭ قايسى خىل ھەركەت بىدئەتكە، قايسى ھەركەتنىڭ سۈننەت بولىدىغانلىقىنى ئايرىۋىلىشىڭىزغا كۆپ پايدىسى بار.

    چۈشۈرۈش

    10.ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيى

    ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: مۈنبەر تور بېكىتى

    بۇ كىتاپتا ئاساسلىقى قەبرە ۋە ميىتقا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىسلام دىنىدا يول قويۇلغان ئىشلار سۆزلىنىدۇ.

    چۈشۈرۈش

    11.تىببىننە بەۋى(پەيغەمبەر تىبابىتى)

    ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى

    پەيغەمبەر تىبابىتى بولسا ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە ھالال دورىلار ئارقىلىق كىسەل داۋالىشىڭىزغا ياردەم بېرىدىغان بىر كىتاپ. ئوقۇپ قويسىڭىز جەزمەن پايدىسىنى كۆرىسىز.

    چۈشۈرۈش

    12.ئىسلام تەلىماتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېلكىتاپلار

    ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى

    كىتاپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن ئادەم بىلىشكە تىگىشلىك بولغان تاھارەت ئىلىش، ناماز ئۆتەش قائىدىلىرىدىن تارتىپ، پەرز سۈننەتلەرگىچە بولغان بارلىق ئىسلام ئەقىدىلىرى تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان كىتاپلار، كىتاپتا ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ ئاتىغان ھەر بىر ئادەم بىلىشكە تىگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار تەپسىلى چۈشەندۈرۈلگەن.

    ئىسلام تەلىماتى   ئىسلام تەربىيەسى   ئىسلام پىرىنىسىپى   ئىماننىڭ ئاساسلىرى

    13.غەيۋەت

    ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى

    غەيۋەتخورلۇقنىڭ ئىسلام دىنىمىزدا قانداق يامان ئادەت ئىكەنلىكى توغرىسدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىلگەن ئېلكىتاپ. ئەگەر غەيۋەتخورلارنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ ئىلكىتاپنى دەرھال چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ.

    چۈشۈرۈش

    14. تەپەككۈر ماقالىلىرى

    ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: نۇر ئىسلام تور بېكىتى

    ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تۈرلۈك ھىكايە، رىۋايەت ۋە تەمسىل قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان بىر كىتاپ.

    چۈشۈرۈش

    15. بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز

    ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: مۈنبەر تور بېكىتى

    بالىلار ئۈچۈن ياخشى ئوقۇشلۇق بولۇپ، بالىلارنىڭ كىچىدىن تارتىپ پەيغەمبىرىمىزنى تونۇشىغا ياردەم بېرىدىغان ئېلكىتاپ.

    چۈشۈرۈش

    16.خاتىرجەملىك يولى

    ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: نامەلۇم

    ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىگە تۈرلۈك دەلىلەرنى كەلتۈرۈپ چۈشەندۈرۈلگەن كىتاپ. ئەگەر يات دىندىكىلەر بىلەن دىنى مۇنازىرە بولۇپ قالسا، يىڭىلىپ قالماي دىسىڭىز ئوقۇپ قويۇڭ.

    چۈشۈرۈش

    17.ئىسلامغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئىغۋالارغا رەددىيە

    ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى

    بۇ كىتاپمۇ ئىسمىدىن چىقىپ تۇرۇپتۇكى يات دىندىكىلەرنىڭ تاپقان تۈرلۈك ئىغۋالىرىغا قارىتا ئىسلام ئالىملىرىنىڭ دەلىل ئىسپاتلىق قارشى بايانلىرىدۇر.

    بۇ كىتاپنى يۇقارقى خاتىرجەملىك يولى دىگەن ئېلكىتاپ بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كۆرسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

    چۈشۈرۈش

    ئۇندىن باشقا  مەرىپەت تورىنىڭ تۆۋەندىكى ئادرىسىغا كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئىسلام دىنىغا ئائىت ئىلكىتاپلار بار.

    http://www.meripet.org/?p=1320

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • man pakat quxuramidem duslar kandak kilsam
  • [avatar:30]ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ماڭا قۇرئان يۇمشاق دېتالى كېرەك ئىدى،تۆت تىللىك ،ماڭا ئەۋەتىپ بەرسىڭز ياكى ئېنىق چۈشەرگىلى بولىدىغان ئادرىسنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز(uyghur-quran-viewer)رەخمەت!
  • [avatar:30][avatar:30][avatar:30][avatar:30]سىز گە كۆپتىن كۆپ رەھمەت،
  • [avatar:30][avatar:30]سىز گە كۆپتىن كۆپ رەھمەت،
    ئابرال回复ئەركان说:
    سىزگە يارىغان بولسىلا بىز شۇنىڭغا خوش.سىزگىمۇ رەھمەت.
    2010-11-23 21:39:15
  • [avatar:30]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! چۈشەنچە بەرگىنىڭزگە رەھمەت .مىنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم ، ھازىر ھىچنىمە بولمايدۇ دەپ چىقىۋىرىپ كىيىن بىر ۋاقىتلاغا بارغاندا بىرقلام چاتاق چىقارمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن ..
    ئابرال回复ئەرك 说:
    كىيىن چاتاق چىقسا سىز بىلەن مۇناسىۋىتى بولماس. مەنغۇ شۇنداق قارايمەن.ئەگەر سىز بۇنچىۋالا ئەنسىرىسىڭىز ئۇ تور بەتلىرىگە چىقمايلا قويۇڭ.شىنجاڭ ئىچىدىكى ياخشى تور بەتلىرىمۇ كۆپ
    2010-09-16 22:39:07
  • ئۇيغۇرچە توربىكەتلەر بارئىكەن . مەسىلەن سىز تەۋسىيە قىلغان www.meripet.org قاتارلىق ،ۋە ئۇندىن باشقا www.merifet.net : www.uyghurislam.com: ۋە< ئۇيغۇر
    ئابرال回复arik 3说:
    مەقسىتىڭىزنى چۈشەندىم. سىز ئۇ تور بەتلەرنى قانۇنسىزمىدۇ دەپ ئەنسىرەۋاتامسىز؟ مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس. ئەگەر ئۇ تور بەتلەردە قانۇنسىز نەرسە بولغان بولسا دۆلەت ئاللىبۇرۇن ئۇ تور بەتلەرنى ئېچىلماس قىلىپ چەكلەپ قويغان بولاتتى. مەسىلەن ئامرىكىدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر تور بەتلىرى ئېچىلمايدۇ. سەۋەبى ئۇ بەتلەردە دۆلىتىمىز قانۇنىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مەزمۇنلار بار. ئەمما سىز دىگەن بۇ بەتلەردە ئاساسەن ئۇنداق نەرسە يوق. ئەگەر بار بولۇپ قالسا ، پاش قىلسىڭىز دەرھال ئۇ بەتنى توختىتىدۇ.شۇڭا سىزگە دەيدىغىنىم مېنىڭچە ئۇنچە بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ.
    2010-09-15 14:07:29
  • [avatar:30]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ھەرىپ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن بۆلۈپ يولىىدىم سىزدىن بىر موھىم سۇئالنى سورىماقچى ئىدىم . بەزى ئىسلامچە ۋەياكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك شۇنداق ياخشى
  • [avatar:30]قانداق بولار؟ بىلىدىغانلىىرىڭىىزنى ياكى تەجرىبىللىىڭىزنى ئايىماي سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭى ....
    ئابرال回复ئەرك说:
    گىپىڭىزنىڭ ئاخىرى چالا قالدىمۇ قانداق؟ ھىچنەرسىنى چۈشىنەلمىدىم.
    2010-09-13 22:31:28
  • [avatar:30][avatar:30]]<تەۋبە قىلغۇچىلار باغچىسى>دېگەن كىتاپ بارمۇ ؟ماڭا كېرەك ئىدى
    ئابرال回复ئەفىفە说:
    كەچۈرۈڭ. ئۇ كىتاپ يوق.ئەگەر تاپسام قوشۇپ قويىمەن.
    2010-08-07 16:23:04
  • [avatar:30]كەچۇرۇڭ،مەزمۇن 200ھەرىپ بولغاچقا ئېككگە بولۇپ يازدىم.شەكلنى 800px*480pxقېلىپ PDFقا ئايلاندۇرۇپ يوللاپ بەرگەن بولسڭىز تېخمۇ ياخشى بولاتتى.
    ئابرال回复uyclub说:
    يازمىنىڭ باش قىسىمىنى تولۇق ئوقىمىغان ئوخشايسىز. بۇ ئېلكىتاپلارنى مەن تۈزمىگەن،بەلكى تور دۇنياسىدىن توپلىغان. شۇڭا ئۇنىڭ ۋورد ھۆججىتى مەندە يوق. ئۇنى سىز دىگەندەك قىلاي دىسەممۇ ئىمكانىيىتىم يوق. ئەگەر بەك قىلاتتىم دىسىڭىز ئۆزىڭىز ئەڭ يىڭى نەشىردىكى acrobat reader دىتالى بىلەن سىناپ بېقىڭ
    2010-08-04 20:49:25
  • [avatar:30][avatar:30]مەن دېققەت قېلماي قالدىممۇ ياكى سىزگە چۇشەندۇرلمدىممۇ،ئۇنى مەن چۇشۇرۇپ باققان،ماڭغا لازىمى ئۈيغۇرچسى ئېدى.يەنە بېرگە قۇرئانى كەرىم تەپسىرى نىڭ ئەسلى ھۆججەت
    ئابرال回复uyclub说:
    مەندە قۇرئانى كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلكىتابى يوق. ئەمما ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە،ئىنگىلىزچە،ئەرەپچە 4تىللىق لوغەت دىتالى بار. ئۇنى ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى تۈزگەن.لھىزم بولسا ئەۋەتىپ بەرسەم بولىدۇ
    2010-08-04 19:42:45
  • ئەسلى ھۆججەت بولسا 800px*480pxقېلىپ يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز تېخمۇ ياخشى بولاتتى،قېلغان ئېشلىڭىزغا ئاللاھ بەركەت بەرگەي،ئېلخەتكە يوللاپ بەرسڭىز بولىدۇ.ulsal@sina.com.cn
    ئابرال回复uyclub说:
    نىمىنى 800px*480px قىلىپ يوللاپ بېرىمەن؟
    2010-08-04 08:13:58
  • [avatar:30][avatar:30][avatar:30]ياخشمۇسىز،مەن بۇرۇن سىزنىڭ بىلوگىڭىزدا قۇرئانى كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلكىتابىنى كۆرگەندەك قېلغان ھازىر قارسام يۇققۇ،بولسا خاپا بولماي يوللاپ بەرگەن بولسىڭز،
    ئابرال回复uyclub说:
    دىققەت قىلمىغان ئوخشايسىز.1-ئورۇندا تۇرغىنى قۇرئانى كەرىمغۇ؟تۆۋەندىكى ئادرىستىن چۈشۈرىۋىلىڭ.
    http://good.gd/577246.htm
    2010-08-04 08:12:30
  • [avatar:30]سالام سىزلەرگە، قىلغان ئەجرىڭىزلەرگە كۆپ رەخمەت، مەن ئادىل تۇنىياز ئاكىنىڭ شېئىرلىرىنى چۈشۈرۈپ ئالدىم، <چۈمبەلدىكى كۆز > ناملىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ ئېلكىتاب نۇسخىسى بارمىدۇ؟
    ئابرال回复بىغۇبار说:
    ھازىرچە يوق. كىيىنچە بىر قسىمىنى بولسىمۇ ئىشلەپ قىلىشىمىز مۇمكىن
    2010-07-17 16:52:43
  • [avatar:30]ئەگەر مۇمكىن بولسا ۋاقىت چىقىرىپ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمنىڭ ئەسەرلىرىدىنمۇ ئىلكىتاپ ئىشلەپ قويغان بولسىڭىز ناھايىتى ياخشى بولاتتى .
    ئابرال回复سەيياھ يازمىسى说:
    ھازىرچە مەندە ئۇنىڭ كىتاپلىرى ياكى باشقا يازمىلىرى يوق.كىيىنچە ئۇنى چوقۇم قىلىمىز.
    2010-07-12 19:33:18

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !