باش بەت | ئېلكىتاپ | تەرجىمە فىلىم | ئالبۇم | ULY نۇسخىسى |
-
ئۈچ خىل شەرت فۇنكىسيەسى
ۋاقىت:2008-06-24 | تۈرى:excel ھۈنەرلىرى
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/23503275.html
1. If فۇنكىسيەسى
بۇ فۇنكىسيەنى ئادەتتە Excel فۇنكىسيەسىدىن ئازراقلا خەۋىرى بار ئادەملەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك بىلىدۇ. بۇ فۇنكىسيە مەلۇم بىر خىل شەرتكە ئاساسەن لوگىكىلىق ھۆكۈم قىلىش ئىلىپ بارىدۇ.جۈملە شەكلى تۆۋەندىكىچە:
If(ئورۇنلانمىسا ،ئورۇنلانسا، شەرت)
يەنى سىز بىر شەرت بەرسىڭىز، ئەگەر ئۇ شەرت قانائەتلەنسە، ئورۇنلانسا دىگەن جايغا بىرىلگەن جۈملىنى ئورۇنلايدۇ. ئەگەر قانائەت تاپمىسا، ئورۇنلانمىسا دىگەن جايدىكى جۈملىنى ئىجرا قىلىدۇ.
مەسىلەن: if(a1=1,男,女 ) دىگەن شەرت جۈملىسىنى b1 كاتەكچىسىگە يېزىپ ئىجرا قىلساق، ئەگەر a1 كاتەكچىدە 1 دىگەن سان يىزىلغان بولسا b1 كاتەكچىگە ئەر دىگەن خەتنى چىقىرىپ بىرىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭدىن باشقا سان يىزىلغان بولسا ئايال دىگەن خەتنى b1 كاتەكچىگە تولدۇرۇپ بىرىدۇ.
2. sumif فۇنكىسيەسى
بۇ فۇنكىسيە بەلگىلەنگەن شەرتكە ئاساسەن بىر قانچە كاتەكلەردىكى سانلارنى ئۆز-ئارا قوشۇپ نەتىجىنى چىقىرىپ بىرىدۇ.جۈملە شەكلى تۆۋەندىكىچە:
Sumif (ھىساپلاش رايۇنى، شەرت، شەرت رايۇنى)
مەسىلەن: مەلۇم ئورۇندىكى خىزمەتچىلەر ئىچىدە بارلىق ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋان ئالغان خىزمەتچىلەرنىڭ مۇئاشىنىڭ جەمىسىنى تاپايلى.خىزمەتچىلەر ئۇنۋانىb رەتتە،مۇئاش سوممىسى بولسا Fرەتتە دەپ پەرەز قىلساق.فورمىلا مۇنداق يىزىلىدۇ.
=SUMIF(B1:B100,"中级" F1:F100)
3.countif فۇنكىسيەسى
بۇ فۇنكىسيە مەلۇم دائىرە ئىچىدىكى مەلۇم شەرتكە چۈشىدىغان كاتەكلەر سانىنى ھىساپلاپ چىقىدۇ.
جۈملە شەكلى تۆۋەندىكىچە:
Countif(شەرت، دائىرە)
مەسىلەن: ئەگەر بىز مەلۇم بىر جەدىۋەلدە خادىملار ئىسىملىگى ئىچىدىن بۇلارنىڭ قانچىسى ئەر ياكى ئايال ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولساق فۇرمىلانى مۇنداق تۈزسەكلا بولدىق.
Countif(b1:b30,“男”)
ئەلۋەتتە ،ئەگەر تەپەككۇرىڭىزنى ئىشقا سېلىپ، بۇ ئۈچ فونكىسيەنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەتسىڭىز، خېلى مۈرەككەپ بولغان ھىساپلاشلارنىمۇ ئاسانلا ھىساپلاپ چىقىرالايىسىز.
历史上的今天:
ئىسلام دىنىغا ئائىت ئېلكىتاپلىرى 2010-06-24ھەۋەسكارلارمۇ مۇنداق سۈرەتلەرنى تارتالايدۇ 2008-06-24گوگۇلنىڭ 57 خىل مەھسۇلاتى 2008-06-24
收藏到:Del.icio.us
كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !