باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • ھۆججەتلەرنى مەخپى ساقلاشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇلى-1

    ۋاقىت:2008-07-12 | تۈرى:سىستىما ھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/24584658.html

     

     ھۆججەت ۋە مۇندەرىجىنى مەخپىلەشتۇرۈش

    NTFS ھۆججەت سىستىمىسى بولسا WinNT دىن يۇقۇرى بولغان مەشغۇلات سىستىمىلىرى قوللايدىغان بىر خىل بىخەتەر،مۇقىم بولغان ئالى دەرىجىلىك ھۆججەت باشقۇرۇش سىستىمىسى. WinXP ۋە Win2000 مەشغۇلات سىستىمىلىرىدا NTFS   ھۆججەت باشقۇرۇش سىستىمىسى يەنە ھۆججەت ۋە مۇندەرىجە باشقۇرۇش جەھەتتە كۆرۈش ھوقۇقى ،مەخپىلەشتۈرۈش، دىسكا تەقسىملەش ۋە پىرىسلاش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇنلىغان ئالى دەرىجىلىك ئىقتىدارلار بىلەن تەمىنلىگەن.

     

    windows xp تۆۋەندە دا يەنە ھۆججەت مەزمۇنىنى مەخپىلەشتۈرۈپ قويۇش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى

    بىرىنجى قەدەم:مەنبە باشقۇرغۇچنى ئاچىمىز. (ئادەتتە win+E كۇنۇپكىسىنى تەڭلا باسساق ئىچىلىدۇ)

    ئىككىنچى قەدەم:مەخپىى نومۇر قويماقچى بولغان ھۆججەت ۋە مۇندەرىجىنى مائوس ئوڭ كۇنۇپكىسى بىلەن بىرنى چىكىپ،تىزىملىكتىن خارەكتىر (属性)دىگەن بۇيرۇقنى تاللايمىز.

    ئۈچىنچى قەدەم:ئىچىلغان كۆزنەكتىكى(常规) دائىملىق دىگەن تاللانمىدىن ،ئالى دەرىجە(高级) دىگەن كۇنۇپكىنى بىر چىكىپ،ئىچىلغان كۆزنەكتىن (加密内容以便保护数据)« قوغداشقا قولاي بولۇش ئۈچۈن مەزمۇنىنى مەخپىلەشتۈرۈش» دىگەن تاللاش تۈرىنى تاللايمىز.

    مەخپىلەشتۈرۈش جەريانىدا يەنە تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىش كىرەك

    (1)پەقەتلا NTFS   رايۇنىدىكى ھۆججەت ۋە مۇندەرىجىنى مەخپىلەشتۈرگىلى بولىدۇ . FAT رايۇنىدىكى ھۆججەت ۋە مۇندەرىجىلەرنى مەخپىلەشتۈرگىلى  بولىمايدۇ.

    (2)پىرىسلانغان ھۆججەت ۋە مۇندەرىجىنىمۇ مەخپىلەشتۈرگىلى بولىدۇ، بىراق مەخپىلەشتۈرگەندىن كىيىن پىرىستىن يىشىلىپ كىتىدۇ

    (3)سىستىما خاسلىقىدىكى ھۆججەتلەرنى مەخپىلەشتۈرگىلى بولمايدۇ ھەمدە systemroot دەرىجىسىدىكى مۇندەرىجىلەر ئىچىدىكى ھۆججەت ۋە مۇندەرىجىلەرنىمۇ مەخپىلەشتۈرگىلى بولمايدۇ.

    (4) مۇندەرىجىنى مەخپىلەشتۈرۈش جەريانىدا سىستىما سىزدىن شۇ مۇندەرىجە ئىچىدىكى مۇندەرىجىلەرنىمۇ مەخپىلەشتۈرەمسىز دەپ سورايدۇ.ئەگەر سىز «ھەئە» دەپ ئىنكاس قايتۇرسىڭىز، ئۇ ھالدا مۇندەرىجە ئىچىدىكى مۇندەرىجىلەرنىمۇ مەخپىلەشتۈرىدۇ.ھەمدە بۇندىن كىيىن بۇ مۇندەرىجە ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن ياكى قورۇلغان ھۆججەت ۋە مۇندەرىجىلەرنىڭ ھەممىسى شۇ مۇندەرىجە ئىچىگە قوشۇلغان ھامان ئاپتۇماتىك ھالدا مەخپىلەشتۈرۈلگەن بولىدۇ.

    ھۆججەت ۋە مۇندەرىجىنىڭ مەخپىلەشتۈرۈلۈشىنى بىكار قىلىش

    (1)   مەنبە باشقۇرغۇچنى ئاچىمىز.

    (2)   مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسى بىلەن مەخپىلەشتۈرۈلگەن ھۆججەت ۋە مۇندەرىجىنى چىكىپ، تىزىملىكتىن «خارەكتىر» نى تاللايمىز.

    (3)ئىچىلغان كۆزنەكتىكى(常规) دائىملىق دىگەن تاللانمىدىن ،ئالى دەرىجە(高级) دىگەن كۇنۇپكىنى بىر چىكىمىز.

    (4)ئىچىلغان كۆزنەكتىن (加密内容以便保护数据)« قوغداشقا قولاي بولۇش ئۈچۈن مەزمۇنىنى مەخپىلەشتۈرۈش» دىگەن تاللاش تۈرىدىكى تاللاش بەلگىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىمىز.

    ئوخشاشلا مەخپىلەشتۈرۈشنى بىكار قىلىش جەريانىدا تۆۋەندىكى مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك

    1.            Windows مەنبە باشقۇرغۇچىسىنى ئىچىش.

    2.            مۇندەرىجدىكى مەخپىلەشتۈرۈشنى بىكار قىلغاندا سىستىما ئۆزگۈرۈشنى مۇندەرىجە ئىچىدىكى مۇندەرىجە ۋە ھۆججەتلەرگىمۇ قوللىنىش(将更改应用据该文件夹,子文件夹和文件) پەقەتلا مۇندەرىجىگىلا قوللىنىش(仅将更改应用于文件夹) دىگەن تۈرلەردىن، ئۆزگۈرۈشنى پەقەتلا مۇندەرىجىگە قوللىنىش دىگەن تۈرنى تاللىسىڭىز، مۇندەرىجە ئىچىدىكى ھۆججەت ۋە مۇندەرىجىلەر ئەسلىدىكى مەخپىلەشتۈرۈلگەن ھالىتىنى ساقلايدۇ. ئەمما بۇ مۇندەرىجە ئىچىگە يىڭىدىن قۇرۇلغان ھۆججەت ياكى مۇندەرىجىلەر ئاپتۇماتىك مەخپىلەشتۈرۈلمەيدۇ.

    يۇقارقى ئۇسۇل بويىچە ھۆججەت ۋە مۇندەرىجىنى مەخپىلەشتۈرۈش ئىلىپ بارغاندا، ئەگەر سىز باشقا ئابونت نامىدا كىرىپ، مەخپىلەشتۈرۈلگەن مۇندەرىجىنى ئاچسىڭىز ئىچىلىدۇ.شۇڭا بۇ چاغدا سىز بەلكىم مەخپى بولماپتۇغۇ دەپ قىلىشىڭىز مۇمكىن. بىراق سىز بۇ مۇندەرىجە ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ خالىغان بىرىنى چەكسىڭىز  «زىيارەت قىلىش چەكلەندى» دەپ ئۇچۇر چىقىپ،مەزمۇنىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.

    ئەگەر بىز سىستىمىنى قايتا قاچىلاش سەۋەبلىك بۇ ھۆججەتلەرنى ئاچماقچى بولۇپ قالساق قانداق قىلىمىز؟

    بۇنىڭ ئامالى سىستىمىنى قايتا قاچىلاشتىن ئاۋال ئېچىش گۇۋانامىسىنى زاپاس ساقلىۋىلىشتىن ئىبارەت.گۇۋانامىنى زاپاسلاش باسقۇچى تۆۋەندىكىچە:

    1.      مەخپىلەشتۈرگەن ئابونت نامى بىلەن كومپىيۇتېرغا كىرىمىز.

    2.      باشلاش- ئىجرا قىلىش نى بىسىپ، mmc نى كىرگۈزۈپ ،جەزىم كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.

    3.      ئىچىلغان «كۇنتىرۇل سۇپىسى» كۆزنىكىدىكى ھۆججەت تىزىملىكىدىن «باشقۇرۇش بۆلىكىنى قوشۇش/ ئۆچۈرۈش » (添加/删除管理单元) بۇيرۇقىنى تاللايمىز.

    4.      يىڭى ئىچىلغان كۆزنەكتىن « قوشۇش» دىگەن كۇنۇپكىنى چىكىپ،ئىچىلغان كۆزنەكتىن            « گۇۋاھنامە » دىگەن تۈرنى تاللاپ«قوشۇش» كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.

    5.      يىڭى ئىچىلغان كۆزنەكتىن «مېنىڭ ئابونت ھىسابىم» (我的用户帐户) دىگەن تۈرنى تاللاپ،«تامام» (完成) كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.(ئەگەر سىزنىڭ بۇ چاغدىكى سالاھىيىتىڭىز باشقۇرغۇچى بولمىسا بۇ باسقۇچتىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.) ئاندىن «تاقاش» دىگەن كۇنۇپكىنى چىكىپ، بىر كۆزنەكنى،جەزىم كۇنۇپكىسىنى بېسىپ يەنە بىر كۆزنەكنى ئېتىۋىتىمىز..

    6.      «گۇۋاھنامە- نۆۋەتتىكى ئابونت» دىگەن تۈرنى تاللاپ، ئىككى چىكىمىز.ئۆزگەرگەن كۆزنەكتىن يەنە «شەخس» دىگەن تۈرنى تاللاپ ئىككى چىكىمىز.ئاندىن يەنە ئۇلاپلا «گۇۋاھنامە» دىگەن تۈرنى ئىككى چىكىمىز.

    7.      ئاندىن كېيىن كۆرۈنگەن ئابونت نامىنى تاللاپ،مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، «بارلىق ۋەزىپە» دىگەن تۈر ئاستىدىن «چىقىرىش» دىگەن تۈرنى تاللايمىز.

    8.      گۇۋاھنامە چىقىرىش كۆزنىكىدىكى كۆرسەتمە بويىچە گۇۋاھنامىنى pfx شەكلىدە چىقىرىپ ساقلىۋالساق بولىدۇ.( گۇۋاھنامە چىقارغان ۋاقىتتا ئامال بار« شەخسى ئاچقۇچ چىقىرىش »

     (导出私钥) شەكلىنى تاللاپ چىقىرىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.بۇنداق بولغاندا چىقىرىلغان گۇۋاھنامە مەخپى نومۇر ئارقىلىق قوغدىلىپ،ئۇچۇرلار ئوغۇرلۇنۇپ كېتىشنىڭ ئالدى ئىلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا گۇۋاھنامىنى نۆۋەتتىكى ئابونتنىڭ ئوقۇش- يىزىش ھوقۇقى بار مۇندەرىجە ئاستىغىلا ساقلىغىلى بولىدۇ.)

    مەخپىلەشتۈرۈلگەن ھۆججەتلەرنى كىيىنكى كۈنلەردە ئۆزىمىزنىڭ ئاچالماي قالماسلىقى ئۈچۈن، چىقىرىلغان گۇۋاھنامىنى ياخشى ساقلاش كىرەك.ئەگەر سىستىمىنى قايتا قاچىلاپ بۇلۇپ، مەخپىلەشتۈرۈلگەن مۇندەرىجىلەرنى كۆرمەكچى بولۇپ قالساق، دەرھاللا گۇۋاھنامە ھۆججىتىنى ئىككى چىكىپ،گۇۋاھنامە ھۆججىتىنى سىستىمىغا يۈكلىسەكلا ئەسلىدىكى ئابونت تەرىپىدىن مەخپىلەشتۈرۈلگەن مۇندەرىجە ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى نورمال ئىچىپ كۆرەلەيمىز.ئۇندىن باشقا بۇ ھۆججەتنى شۇ كومپىيۇتېرنى ئىشلىتىدىغان باشقا ئابونتلارغا بەرسەك، ئۇلارمۇ ئاشۇ مەخپىلەشتۈرۈلگەن مۇندەرىجە ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى كۆرەلەيدۇ.

     

     

     


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !