باش بەت | ئېلكىتاپ | تەرجىمە فىلىم | ئالبۇم | ULY نۇسخىسى |
-
Excel دىكى خاتالىق ئۇچۇرلىرىنى بىرتەرەپ قىلىش
ۋاقىت:2008-07-11 | تۈرى:excel ھۈنەرلىرى
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/24539316.html
Excel دا فونكىسيە ياكى فورمىلانى خاتا كىرگۈزۈش سەۋەبىدىن نەتىجىگە خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالىدۇ (مەسىلەن:#DIV/0,#NAME). بىز تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە بۇلارنى ئايرىم-ئايرىم بىر تەرەپ قىلىمىز.
(1) #DIV/0خاتالىقى
خاتالىق سەۋەبى:فورمىلادا مەلۇم بىر ساننى نۆلگە ياكى قۇرۇق كاتەكچىگە بۆلگەنلىكتىن،Excelنىڭ قۇرۇق كاتەكچە قىممىتىنى نۆل دەپ قارىغانلىقىدىن كىلىپ چىققان.(بۆلۈش ئەمىلىدىكى قائىدە بويىچە بولغان)
بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى:يۆتكەپ ئىشلىتىلگەن قۇرۇق كاتەكچىنى تۈزىتىش ياكى بۆلگۈچى بولغان كاتەكچىگە سان تولدۇرۇش ۋە ياكى بىۋاستە سان يىزىش.
(2) #NAME خاتالىقى
خاتالىق سەۋەبى: فورمىلادا Excel تونىيالمايدىغان ھەرپ- بەلگە ئىشلەتكەنلىكتىن كىلىپ چىققان. مەسىلەن: فونكىسيە ئىسمى خاتا ياكى ئۆچۈرۈلگەن، فونكىسيە نامىنى يىزىشتا خاتا يىزىۋالغان،تىكىستنى يۆتكەپ ئىشلەتكەندە قوش پەش بەلگىسىنى قويمىغان دىگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان.
بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى: كونكىرىت فۇرمىلاغا قارىتا تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىپ،خاتالىقنى تىپىپ،فۇرمىلانى تۈزىتىش.مەسىلەن: توغرا بولغان فونكىسيە ئىسىمىنى قايتىدىن يىزىش،قوش پەش بەلگىسىنى قويۇش دىگەندەك.
(3) NULL ! خاتالىقى
خاتالىق سەۋەبى:توغرا بولمىغان ئەمەل بەلگىسى ياكى كاتەكچىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش توغرا بولماسلىقتىن كىلىپ چىققان.مەسىلەن:=SUM(A1:A10 C1:C10) دىگەن فۇرمىلاغا قارىساق،ئىككى پارامىتىرنى پەش بىلەن ئايرىماي، بوش ئورۇن بىلەن ئايرىغانلىقى ئۈچۈنExcel بۇ قوشۇش ھىسابىنى چىقىرىپ بىرەلمەي خاتالىق ئۇچۇرى چىقىرىدۇ.
بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى: فورمىلادىكى ئەمەل بەلگىلىرىنى ياكى توغرا يۆتكەپ ئىشلىتىلمىگەن كاتەكچىلەرنى تەكشۈرۈپ تىپىپ چىقىپ تۈزىتىش.
(4)#NUM ! خاتالىقى
خاتالىق سەۋەبى:فورمىلا ياكى فونكىسيەدە توغرا بولمىغان سانلارنى ئىشلىتىش ياكى فورمىلا قايتۇرىدىغان نەتىجە بەك چوڭ( ياكى بەك كىچىك) بولغانلىقتىن كىلىپ چىققان.مەسىلەن: يىلتىز تىپىش فونكىسيەسى (SQRT) دا مىنوس قىممەتلىك كاتەكچە ئىشلىتىلسە مۇشۇ خىل خاتالىق ئۇچۇرى كۆرۈنىدۇ)
بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى:ئىناۋەتسىز قىممەتلىك يۆتكەپ ئىشلىتىلگەن كاتەكچىنى ياكى يۆتكەپ ئىشلىتىلگەن كاتەكچىدىكى ئىناۋەتسىز قىممەتنى تەكشۈرۈپ تۈزىتىش، بەك چوڭ ياكى بەك كىچىك نەتىجە قايتۇرۇدىغان فورمىلانى تۈزىتىش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىمىز.
(5) #REF خاتالىقى
خاتالىق سەۋەبى: فورمىلا ئىشلەتكەن كاتەكچە ئۆچۈرىۋىتىلىپ،Excel ئاپتۇماتىك تەڭشىيەلمىگەنلىكتىن كىلىپ چىققان .
بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى: فورمىلانى قايتىدىن ئۆزگەرتىپ تۈزىتىش.
(6) #VALUE خاتالىقى
خاتالىق سەۋەبى: خاتا بولغان پارامىتىر ياكى ھىساپلاش ئوبىكتى ئىشلەتكەنلىكتىن كىلىپ چىققان.ياكى فورمىلانىڭ ئاپتۇماتىك تۈزىتىش ئىقتىدارى فورمىلانى ئاپتۇماتىك تۈزىتەلمىگەنلىكتىن كىلىپ چىققان.مەسىلەن: سانلار قاتارى فورمىلاسى تەھرىرلىگەندە ياكى كىرگۈزگەندە CTRL+Shift+Enter كۇنۇپكىسىنى بىسىپ جەزىملەشتۈرمەي، قايتۇرۇش كۇنۇپكىسى ئارقىلىقلا جەزىملەشتۈرسەك مۇشۇ خىل خاتالىق كۆرۈلىدۇ.
بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى: خاتا بولغان پارامىتىرنى ياكى يۆتكەپ ئىشلىتىش ئوبىكىتىنى تۈزىتىش. ياكى توغرا بولغان فورمىلانى قايتىدىن كىرگۈزۈپ، توغرا بولغان ئۇسۇل بىلەن جەزىملەشتۈرۈش.
(7) #### خاتالىقى
خاتالىق سەۋەبى: چىسلا ھىساپلاشنىڭ نەتىجىسى مىنوس چىقىپ قالغان ياكى فورمىلا قايتۇرغان نەتىجىدىكى سانلار كۆپرەك بولۇپ، كاتاكچىنىڭ كەڭلىكى تار بولۇپ قىلىپ سانلار پاتمىغانلىقتىن كىلىپ چىققان.
بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى: چىسلا ھىساپلاش فورمىلاسىنى تۈزىتىش،يەنى نەتىجىنى پىلوس قىممەت چىقىدىغان قىلىش. كاتەكچىنىڭ كەڭلىكىنى تەڭشەپ،بارلىق سانلار پاتىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش.
收藏到:Del.icio.us
كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !