باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • NTFS ھۆججەت سىستىمىسى توغرىسىدا

    ۋاقىت:2008-07-11 | تۈرى:سىستىما ھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/24512181.html

    1. NTFS دىگەن نىمە؟
    بىز NTFS نى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن FAT توغرىلىق چۈشەنچە ھاسىل قىلايلى.
    FAT
    دىگىنىمىز بولس ئىنگىلىزچە (File Allocation Table) نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، مەنىسى ھۆججەت تەقسىملەش جەدىۋىلى دىگەنلىك بولىدۇ. بىز ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەھمىيىتى قاتتىق دىسكا رايۇنىنى باشقۇرۇشتا ئىپادىلىنىدۇ. FAT16FAT32NTFS قاتارلىقلار بولسا نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ھۆججەت باشقۇرۇش سىستىمىسىدۇر.
    FAT16
    بولسا بۇرۇنقى DOSWindows 95 قاتارلىق مەشغۇلات سىستىمىلىرىدا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ھازىرقى Windows 98/2000/XP قاتارلىقلار سىستىمىلار FAT16 ھۆججەت سىستىمىسىنى قوللايدۇ. بۇ خىل ھۆججەت سىستىمىسى ئەڭ كۆپ بولغاندا 2GB چوڭلۇقتىكى قاتتىق دىسكا رايۇنىنى باشقۇرالايدۇ.
    FAT32
    بولسا قاتتىق دىسكا سىغىمىنىڭ ئىشىشى بىلەن Windows 98 دىن باشلاپ ئىشلىتىلىشكە باشلىغان بولۇپ، FAT16 نىڭ كۈچەيتىلگەن نۇسىخىسىدىن ئىبارەتتۇر. 2TB2048GB) قاتتىق دىسكا رايۇنىنى باشقۇرالايدۇ. ئەمما يەككە ھۆججەتنىڭ سىغىمىGB4 دىن ئىشىپ كىتىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
    NTFS
    بولسا مىكروسوفت Windows NT يادرۇسى ئاساس قىلىنغان مەشغۇلات سىستىمىلىرىدا ئىشلەيدىغان، بىر تور ۋە دىسكا نورمىسى،ھۆججەت مەخپىلەشتۈرۈش قاتارلىق بىخەتەرلىك ئالاھىلىكىگە ئىگە بولغان دىسكا باشقۇرۇش سىستىمىسى. NTFS ھۆججەت باشقۇرۇش سىسىتىمىسىدا يەككە ھۆججەتنىڭ سىغىمىGB4 چوڭ بولۇشقا يول قويۇلىدۇ.  Windows NT يادرۇسى ئىشلىتىلگەن سىستىمىلاردىن Windows 2000/XP نىڭ كەڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ،نۇرغۇن كىشلەر NTFS ھۆججەت باشقۇرۇش سىستىمىسىنى ئىشلىتىشكە قاراپ يۈزلەندى.
    2. FAT16FAT32NTFS سىستىمىسىنى قوللايدىغان مەشغۇلات سىستىمىلىرى
    FAT16
    نى قوللايدىغان سىستىمىلار : windows 95/98/me/nt/2000/xp unixlinuxdos
    FAT32 نى قوللايدىغان سىستىمىلار : windows 95/98/me/2000/xp/vista
    NTFS
    نى قوللايدىغان سىستىمىلار : windows nt/2000/xp/vista
    3. FAT نى NTFS قا ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلى
    Windows 2000/XP
    دا FAT نى NTFS قا ئايلاندۇرۇش قورالى تەمىنلەنگەن بولۇپ، بۇ بۇيرۇقنىڭ ئىسمى : Convert.exe دۇر. بۇ بىر DOS بۇيرۇقى بولۇپ،بۇ ئارقىلىق FAT رايۇنىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتمىغان ئەھۋال ئاستىدا FAT نى NTFS قا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. ئىشلىتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە: ئالدى Windows 2000/XP نىڭ DOS بۇيرۇقى كۆزنىكىگە كىرىپ، كۆرسەتمە بەلگە كەينىگە تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى يازساق بولىدۇ.
    D:\>convert
    D: /FS:NTFS
    بۇ بۇيرۇق ئارقىلىق FAT16/32 سىستىمىسىنىڭ خالىغان بىرى بولغان D: دىسكا رايۇنىنى NTFS ھۆججەت سىستىمىدىكى رايۇنغا ئايلاندۇرىدۇ.( D: دىسكا رايۇنى ئورنىغا ئۆزىمىز قايسى رايۇننى ئايلاندۇرماقچى بولساق شۇ رايۇن نامىنى يازساق بولىدۇ) كومپىيۇتېرنى قايتا بىر قېتىم قوزغاتقاندىن كىيىن ئايلاندۇرۇش كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
    بۇندىن باشقا مەخسۇس قاتتىق دىسكىنى رايۇنلارغا ئايرىش قوراللىرى(مەسىلەن : Partition Magic)  ئارقىلىقمۇ دىسكا ھۆججەت باشقۇرۇش سىستىمىلىرى ئارىسىدا ئالماشتۇرۇش ئىلىپ بارغىلى بولىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !