باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • word دا بىر بەتتىكى ئىككى سىتونغا ئىككى بەت نومۇرى قويۇش ئۇسۇلى

    ۋاقىت:2008-07-11 | تۈرى:wordھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/24512250.html

    بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات ئىلىپ بارىمىز.
    1.ئالدى بىلەن «كۆرۈنمە- بەت قېشى ۋە بەت تېگى»(视图-页眉和页脚) بۇيرۇقىنى تاللاپ، ئىككى سىتوننىڭ ئاخىردىكى بەت نومۇرى قويىدىغان ئورۇنغا ئىككى دانە «خەت يىزىش رامكسى»(文本框) سىزايمىز.
    2. نۇر بەلگىنى «خەت يىزىش رامكىسى» ئىچىگە توغۇرلاپ تۇرۇپ، تىزىملىكتىن «قسىتۇرۇش-ساھە» (插入-) بۇيرۇقىنى تاللاپ ئىجرا قىلىمىز.بۇ چاغدا «ساھە» () كۆزنىكى ئىچىلىدۇ.
    3. كۆزنەكتىكى « تۈرلەر»(类别) دىگەن جايدىن «تەڭلىك ۋە فورمىلا»(等式和公式) دىگەن تۈرنى ، ئۇنىڭ ئاستىدىكى ساھە كودى قىممەتلىرىدىن (Formula)=  دىگەن تۈرنى تاللايمىز. ئاندىن كۆزنەكنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى «يىڭىلىغان چاغدا ئەسلى فورماتىنى ساقلاپ قىلىش»(更新时保留原格式) دىگەن تۈر ئالدىدىكى بەلگىنى ئىلىۋىتىپ جەزىم كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.
    4. بۇ چاغدا «خەت يىزىش رامكىسى» ئىچىدىكى خەتلەر(异常的公式结尾) دىگەن خەتكە ئۆزگۈزۈپ قالىدۇ.بۇ چاغدا بىز بىرلەشمە كۇنۇپكىلاردىن  Alt+F9كۇنۇپكىسىنى باسساق، ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇن { = } گە ئۆزگۈرىدۇ.
    5. نۇر بەلگىسىنى تەڭلىك بەلگىسى كەينىگە ئەكىلىپ، يەنە بىر قېتىم «قىستۇرۇش-ساھە» (插入-) بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىمىز.ئىچىلغان كۆزنەك ئىچىدىن تۈرلەر دىگەن جايدىن «رەت تەرتىپى»(编号) ئاستىدىن page دىگەن ساھە كودىنى تاللايمىز. بۇ چاغدا كىرگۈزۈلگەن ساھە كودى مۇنداق شەكىلدە بولىدۇ. { = {page} }  . بۇ چاغدا بىز فورمىلانى قول ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك ئۆزگەرتىمىز
    . { = {page}*2-1 }. ئۆزگەرتىپ بولۇپ، Alt+F9 كۇنۇپكسىنى باسساق سول تەرەپتىكى سىتوننىڭ بەت نومۇرى يەنى تاق نومۇرلۇق بەتلەر كۆرۈنىدۇ.
    6. ئوڭ تەرەپتىكى سىتوننىڭ يەنى قوش نومۇرلۇق بەتلەرنىڭ بەت نومۇرىنى بەلگىلەشتە يۇقارقى باسقۇچلار بويىچە مەشغۇلات قىلىپ كېلىپ، ئاخىردا فورمىلانى قول بىلەن ئۆزگەرتىدىغان يەرگە كەلگەندە فورمىلانى مۇنداق ئۆزگەرتىپ قويساقلا بولىدۇ. { = {page}*2 }.
    ئەمدى قارىساق بىر بەتتىكى ئىككى سىتونغا بەت نومۇرى قويۇش ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆرىسىز. ئەگەر ئۈچ سىتون بولۇپ قالسا ، ئۇنىڭ ھەر ئۈچىلى سىتونغا بەت نومۇرى قويماقچى بولسىڭىز قانداق قىلىسىز؟  يەنى فورمىلانى مۇنداق ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ.
    { = {page}*3-2 } , { = {page}*3-1 },{ = {page}*3 }
    مۇشۇ خىل ئۇسۇل بويىچە قانچە سىتون بولسا شۇنچىسىگە بەت نومۇرى قويۇش مەقسىتىگە يىتەلەيسىز.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !