باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • EXCEL دا كۆپ ئىشلەيدىغان 15 ھۈنەر

    ۋاقىت:2008-07-10 | تۈرى:excel ھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/24492360.html

    1. مەجبۇرى قۇر ئالماشتۇرۇش
    كاتەكچە ئىچىدە مەجبۇرى قۇر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن
    Alt+Enter بىرلەشمە كۇنۇپكىسىنى تەڭلا باسىمىز.
    2. سانلار 15 خانىدىن ئىشىپ كەتكەندە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى
    بۇنىڭ ئۇسۇلى ئىككى خىل بىرى كاتەكچە خاسلىقىنى تىكىست خاسلىقىغا توغۇرلايمىز. ئىككىنچىسى سانلار ئالدىغا ' بەلگىسىنى قويۇپ يازىمىز.
    3. ئەگەر
    B رەت يوشۇرۇن بولۇپ قالغان بولسا ، ئۇنى نورمال كۆرسىتىش
    بىرىنچىسى ئالدى بىلەن
    Aۋە Cرەتلەرنى تاللاپ،AۋەC رەتنىڭ ئوتتۇرىغا مائۇس سىتىرىلكىسىنى ئەكىلىپ، مائۇس بەلگىسى  (ئەسلى بەلگىسىنى چىقىرالمدىم، ئارلىقى بۇنىڭدىن يىقىن  ) ╞╡غا ئوخشاش بەلگە پەيدا بولغاندا دەرھال ئوڭغا ياكى سولغا سۆرەپ، يوشۇرۇنغان رەتنى كۆرسەتسەك بولىدۇ، ياكى بولمىسا دەرھال مائۇس سول كۇنۇپكىسىنى ئىككى چەكسەك يوشۇرۇنغان رەت دەرھال كۆرۈنىدۇ. ئىككىنچى ئۇسۇل تىزىملىكتىن «فورمات-رەت- يوشۇرۇشنى بىكار قىلىش» دىگەن بۇيرۇقنى چەكسەكلا يوشۇرۇنغان رەت كۆرۈنىدۇ. يوشۇرۇنغان قۇرلارنى كۆرسىتىشمۇ يۇقارقىغا ئوخشاش بولۇپ، پەقەت ئورنى ۋە بۇيرۇق نامى ئوخشاش ئەمەس.
    4. قۇر ۋە رەتلەرنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش
    ئالدى بىلەن ئالماشتۇرماقچى بولغان قۇر ۋە رەتلەرنى تاللاپ كۆچۈرىۋىلىپ، ئاندىن تىزىملىكىتىن « تەھرىرلەش- تاللاش خارەكتىرىدە چاپلاش»
    (编辑-选择性粘贴) بۇيرۇقىنى باسىمىز. بۇنىڭدىن بىر كۆزنەك ئىچىلىدۇ. بۇ كۆزنەك ئىچىدىن تۆۋەنگە قارىساق «ئالماشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش» (转置) دىگەن تۈرگە بەلگە قويۇپ، جەزىم كۇنۇپكسىنى باسساقلا بولىدۇ.
    5. رەت نومۇرى قويۇش
    ئادەتتە رەت نومۇرىنى
    A رەتكە قويۇلىدۇ. بىز پەقەت رەت نومۇرى قويماقچى بولغان ئالدىنقى ئىككى كاتەكچىگە 1،2 دىگەن رەت نومۇرىنى تولدۇرۇپ، ئاندىن ئاشۇ ئىككى كاتەكچىنى تاللاپ، تۆۋەنگە سۆرەش ئۇسۇلى ئارقىلىق تۆۋەندىكى كاتەكچىلەرگە سۆرەپ ئاپارساق، رەت نومۇرى ئاپتۇماتىك قويۇلۇپ ماڭىدۇ. ئەگەر 1،2، نىڭ ئورنىغا 2،4 دەپ نومۇر قويۇپ، ئاندىن سۆرەپ تۆۋەنگە تولدۇرسىڭىز، سىزنىڭ قويغان رەت نومۇرىڭىز 2،4،6،8 دىگەندەك بولۇپ ماڭىدۇ.ھەتتا خەنزۇچە،

    丙、丁 دىگەنلەرنىمۇ سۆرەش ئۇسۇلى ئارقىلىق تولدۇرۇشقا بولىدۇ.
    6. مەخپى نومۇر ئورنىتىش
    مەخپى نومۇر قويۇشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار. بىرى ھۆججەت تەھرىرلەۋاتقان چاغدا تىزىملىكىتىن « قورال- تەڭشەك »(
    工具-选项) دىگەن بۇيرۇقنى باسساق تەڭشەك كۆزنىكى ئىچىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىن « بىخەتەرلىك»(安全性)  تاللانمىسىنى تاللاپ، ئۇنىڭغا مۇناسىپ مەخپى شىفىرنى كىرگۈزۈپ، جەزىملەشتۇرسەك بولىدۇ.  ئىككىنچىسى ھۆججەتنى ساقلىغان چاغدا ساقلاش كۆزنىكىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى« قورال »(工具) تىزىملىكى ئاستىدىن « دائىملىق تەڭشەك» (常规选项)دىگەن تۈرنى تاللىساق «ساقلاش تەڭشىكى»(保存选项) دىگەن كۆزنەك ئىچىلىدۇ . بۇ كۆزنەك ئىچىگە مۇناسىپ مەخپى شىفىرنى تولدۇرۇپ، جەزىملەشتۇرسەكلا مەخپى نومۇر قويۇش مەقسىتىگە يىتەلەيمىز.
    7. بىر خىزمەت جەدىۋىلى ئىچىدە بىر قانچە كاتەكچىگە ئوخشاش ساننى تىز كىرگۈزۈش
    بۇنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇلى بار. بىرىنچى: ئەگەر سىز كىرگۈزمەكچى بولغان سان ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى كاتەكچىدىكى سان بىلەن ئوخشاش بولسا 
    Ctrl+" بىرلەشمە كۇنۇپكسىنى باسساقلا، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى كاتەكچىدىكى قىممەت دەرھال ئۇنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە تولدۇرۇلىدۇ. ئىككىنچى:ئەگەر  ئارقىمۇ ئارقا كەلمىگەن بىر قانچە كاتەكچىگە ئوخشاش بىر ساننى كىرگۈزمەكچى بولساق،ئالدى بىلەن Ctrl بىسىپ تۇرۇپ، سان كىرگۈزۈشكە تىگىشلىك بولغان بارلىق كاتەكچىلەرنى تاللايمىز. ئاندىن ساننى كىرگۈزۈپ بولۇپ، Ctrl+Enter بىرلەشمە كۇنۇپكسىنى باسساقلا ، بارلىق تاللانغان كاتەكچىلەرگە ئوخشاش بىر سان يىزىلغان بولىدۇ. ئۈچىنچىسى ئەگەر بىز ئوخشاش بىر ساننى بىر رەت ياكى بىر قۇر ئىچىدىكى ئارقىمۇ-ئارقا كەلگەن كاتەكلەرگە يازماقچى بولساق ،يازماقچى بولغان ساننى بىرىنچى كاتەككە يىزىۋىلىپ، ئاندىن ئۇنى سۆرەش ئۇسۇلى بىلەن سۆرەپ باشقا كاتەكلەرگە تولدۇرساق بولىدۇ.
    8. بىر خىزمەت دەپتىرى ئىچىدىكى بىر قانچە جەدىۋەلگە ئوخشاش ساننى تىز كىرگۈزۈش
    ئالدى بىلەن
    Shift ياكى Ctrl كۇنۇپكىسىنى بىسىپ، بارلىق ئوخشاش سان كىرگۈزمەكچى بولغان جەدىۋەلنى تاللايمىز. ئاندىن قويىۋىتىپ، سانلارنى كىرگۈزسەك بولىدۇ. ئاخىرلاشقاندا، خالىغان جەدىۋەلنى مائۇس سول كۇنۇپكسى ئارقىلىق تاللاپ كۆرۈپ باقسىڭىز، ئوخشاش بىر ساننىڭ سىز قانچىگە كىرگۈزمەكچى بولسىڭىز شۇنچە يەرگە كىرگەنلىكىنى كۆرىسىز.
    9. كاتەكچىلەردە تىزىملىك بويىچە تاللاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش
    تىزىملىكتىن «سانلىق مەلۇمات- ئۈنۈملۈك بولۇش» (
    数据-有效性)دىگەن بۇيرۇقنى تاللاپ ئۈنۈملۈك بولۇش كۆزنىكىدىن «بەلگىلەش» (设置)تاللانمىسى ئىچىدىكى« يول قويۇش»(允许) دائىرىسى دىگەن جايدىن «رەت تەرتىپ»(序列) دىگەننى تاللايمىز، ھەمدە ئاستىدىكى كىلىش مەنبەسى دىگەن جايغا تىزىملىك چىقارماقچى بولغان تۈرلەرنى بىر- بىرلەپ پەش بىلەن ئايرىپ تۇرۇپ كىرگۈزۈپ  جەزىملەشتۈرسەك بولىدۇ. مەسىلەن : بۇ جىنسى دىگەن رەتنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇش قائىدىسگە  ئەر،ئايال دىگەن تۈرلەرنى كىرگۈزۈپ جەزىملەشتۈرىمىز. ئاندىن بۇنى تۆۋەنكى قۇرلارغا سۆرەپ تولدۇرۇپ قويۇپ، سانلىق مەلۇمات كىرگۈزگەندە جىنسى دىگەن ئۇچۇرنى كىرگۈزگەندە تىزىملىكتىن ئەر، ئايال دىگەن تۈردىن تاللاپ توشقۇزۇپ قويساقلا بولىدۇ.
    10.كاتەكچىلەردىكى نۆلنى قانداق يوشۇرىمىز
    ئىككى خىل ئۇسۇل بار بىرى كاتەكچىلەرنىڭ خاسلىقىنى بەلگىلىگەندە «ئۆزى بەلگىلەش»(
    自定义) دىگەن تۈرنى ئىچىپ ماۋۇ (يەنى   0;-0;;@ ) قىممەتنى ئۆزى بەلگىلەش تۈرلىرى ئارىسىغا قوشۇپ قويساق بولىدۇ. ئىككىنچىسى بولسا تىزىملىكتىن «قورال- تەڭشەك» (工具-选项) دىگەن بۇيرۇقنى چىكىپ، تەڭشەك كۆزنىكى ئىچىدىن « كۆرۈنمە»(视图) دىگەن تاللانمىنى تاللاپ، ئۇنىڭدىكى «نۆل قىممەت»(零值) دىگەن جايغا قويۇلغان بەلگىنى ئىلىپ تاشلىسىڭىز بولىدۇ.
    11. بىر قانچە خىزمەت جەدىۋىلى ئىچىدىكى سانلارنى قوشۇش
    بۇنى بۇرۇن سۆزلەپ بولغان ، شۇنداق بولسىمۇ يەنە سۆزلەپ ئۆتەيلى. يەنى ئۈچ جەدىۋەلنىڭ
    D4 ئورنىدىكى سانلارنى ئۆز-ئارا قوشۇپ نەتىجىنى تۆتىنچى خىزمەت جەدىۋىلىگە چىقارماقچى بولسىڭىز. فورمىلانى مۇنداق تۈزسىڭىز بولىدۇ.

    ئەلۋەتتە بۇ بىر ئىپتىدائى ئۇسۇل، بۇ پەقەتلار خىزمەت جەدىۋىلى ئاز بولغان ئەھۋالدا ئىشلىتىشكە ماس كىلىدۇ. ئەگەر خىزمەت جەدىۋىلى كۆپ بولۇپ كەتسە ئاۋارىچىلىق كىلىپ چىقىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى تۆۋەندىكىدەك:

    12. سانلارنى يىلتىزدىن چىقىرىشنى فۇرمىلا ئارقىلىق ھىساپلاش
    ئىكىنچى دەرىجىلىك يىلتىزنى ئادەتتە مەخسۇس فونكىسيە ئارقىلىق ھىساپلاشقا بولىدۇ. بىز بۇ يەردە فۇرمىلا ئارقىلىق ھىساپلاش ئۇسۇلىنى كۆرەيلى.
    ئىككىنچى دەرىجىلىك يىلتىزدىن چىقىرىش فورمىلاسى



    ئۈچىنچى دەرىجىلىك يىلتىزدىن چىقىرىش فورمىلاسى



    13.ئىككى رەت سان ئارىسىدىن ئوخشاش قىممەتكە ئىگە بولغان سانلار ئورنىنى كۆرسىتىش



    ئەگەر A ۋە  B رەتلەردە نۇرغۇن سانلىق مەلۇماتلار بولسا، بىز يۇقۇردىكى بۇ فورمىلانى c رەتكە كىرگۈزۈپ،    A ۋە  B رەتلەردىكى سانلىق مەلۇماتلار بار جايغىچە تولدۇرساق. C رەتكە A رەتتىكى ساننىڭ B رەتتىكى ئورنىنى رەقەم بىلەن ئىپادىلەپ چىقىرىپ بىرىدۇ.
    14. COUNTIF فۇنكىسيەسى توغرىسىدا
    COUNTIF فۇنكىسيەسىدە پەقەت بىرلا شەرت بولۇشقا يول قويۇلىدۇ. ئەگەر 90 دىن چوڭ دىسەك مۇنداق ئىپادىلەيمىز. يەنى 

    ناۋادا بۇنى 80 بىلەن 90 ئارلىقىدا دىسە ئۇھالدا فورمىلانى مۇنداق ئۆزگەرتسەك بولىدۇ.



    15. بىر رەتكە كىرگۈزۈلگەن سانلارنىڭ قايتىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۇسۇلى
    تىزىملىكتىن « سانلىق مەلۇمات_ ئۈنۈملۈك بولۇش »(
    数据-有效性) بۇيرۇقىنى چىكىپ، ئىچىلغان كۆزنەكنىڭ «بەلگىلەش» (设置)تاللانمىسىدىن «ئۆزى بەلگىلەش» (自定义)دىگەن تۈرنى تاللاپ، بۇنىڭدىكى فورمىلا دىگەن جايغان تۆۋەندىكى فورمىلانى كىرگۈزۈمىز. ( بۇنىڭدا مىسال ئۈچۈن A رەت ئىلىندى)



    ئەگەر بىر رەتتىكى قايتىلىنىپ كەتكەن سانلارنى تاپماقچى بولساق مۇنداق قىلىمىز. يەنى تىزىملىكتىن« فورمات- شەرتلىك فورماتلاش»(条件格式) دىگەن بۇيرۇقنى چەكسەك، شەرتلىك فورماتلاش كۆزنىكى ئىچىلىدۇ.بۇنىڭدىن «شەرت1» دىگەن خەت ئاستىدىكى« كاتەكچە سانلىق قىممىتى»(单元格数值) دىگەننى فورمىلاغا ئالماشتۇرىمىز. ئاندىن تۆۋەندىكى فورمىلانى كىرگۈزىمىز. فورمات دىگەنگە قىزىل رەڭنى تاللايمىز.فورمىلا :




    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !