باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • Wordدا مۇقاۋا، مۇندەرىجە ۋە ئاساسى تىكىستلەرگە ئايرىم-ئايرىم بەت نومۇرى قويۇش

    ۋاقىت:2008-07-10 | تۈرى:wordھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/24492291.html


    Wordدا بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن پەقەتلا مۇقاۋا، مۇندەرىجە ۋە ئاساسى تىكىستلەر ئارىسىغا ئابزاس ئايرىش بەلگىسى قىستۇرۇپ قويساقلا بولىدۇ. يەنى تۆۋەندىكى باسقۇچلار بويىچە قىلسىڭىز بولىدۇ.
    1. ئالدى بىلەن نۇر بەلگىنى مۇندەرىجە بىلەن تىكىست ئارلىقىغا (يەنى مۇندەرىجە تۇرغان بەتنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قۇرغا) ئەكىلىپ، تىزىملىكتىن «قىستۇرۇش- ئايرىش بەلگىسى» (
    插入-分隔符) بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىمىز. بۇ چاغدا ئايرىش بەلگىسى كۆزنىكى ئىچىلىدۇ. بىز بۇ كۆزنەكتىن «ئابزاس ئايرىش بەلگىسى» (分节符类型) دىگەن تۈر ئاستىدىن «كېىينكى بەت» (下一页) دىگەن تۈرنى تاللاپ، جەزىملەشتۇرىمىز.بۇنىڭ بىلەن بىز  مۇندەرىجە بىلەن ئاساسى تىكىست ئارىسىغا بىر ئابزاس ئايرىش بەلگىسى قسىتۇرغان بولىمىز.
    2. تىزىملىكتىن «كۆرۈنمە-بەت قېشى ۋە بەت تېگى»(
    视图-页眉和页脚) بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىپ، ئالدى بىلەن  مۇندەرىجە بەتلىرىگە بەت نومۇرى قويىۋالىمىز. ئاندىن ئاساسى تىكىست بېتىگە يۆتكىلىپ،بەت قېشى ۋە بەت تېگىنى تەھرىرلەش ھالىتىدە تۇرۇپ، بەت قېشى ۋە بەت تېگى لايىھەلەش قورال سىتونىدىن «ئالدىنقىسىغا ئۇلاش» (链接到前一个)دىگەن كۇنۇپكىنى بىر بىسىپ ئاساسى تىكىست بەتلىرىنىڭ مۇندەرىجە بەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلايمىز. ئاندىن ئاساسى تىكىست بېتىگە بەت نومۇرى قويىمىز. بۇ چاغدا بەت نومۇرى مۇندەرىجە بەتلىرىگە قويۇلغان نومۇرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ نومۇر قويۇلۇپ ماڭىدۇ. شۇڭا بىز بۇ يەردە بەت قېشى ۋە بەت تېگى لايىھەلەش قورال سىتونىدىن «بەت نومۇرى فورماتىنى بەلگىلەش» (设置页码格式) دىگەن كۇنۇپكىنى چىكىپ، بەت نومۇرى فورماتى دىگەن كۆزنەكنى ئاچىمىز. بۇ كۆزنەكتىن« بەت نومۇرىنى تۇرغۇزۇش» (页码编排)دىگەن تۈر ئاستىدىن «باشلىنىش بەت نومۇرى»(起始页码) دىگەننى تاللاپ، ئۇنىڭغا 1 نى تولدۇرۇپ قويساق، ئاساسى تىكىستكە بەت نومۇرىنى 1 دىن باشلاپ قويۇپ ماڭىدۇ.
    3. مۇقاۋا بىلەن مۇندەرىجە ئارىسىغا بەت نومۇرى قويۇشمۇ يۇقىرىقى ئۇسۇل ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىلىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !