باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • QQ چىراي ئىپادىلىرىنى زاپاسلاش

    ۋاقىت:2010-07-26 | تۈرى:تور

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ilkitap-logs/70535127.html

    جۇڭگودا تور ئابونتلىرىنىڭ ئارىسىدا QQ ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغانلار يوق دىيەرلىك.ھەتتا بەزىلەرنىڭ  نەزىرىدە QQ ئىشلىتىش  كومپيۇتېر ئىشلىتىش بىلەن، تورغا چىقىش بىلەن ئوخشاش ئۇقۇم. جۈملىدىن بىز ئۇيغۇرلارمۇ ئۇيغۇرچىنى قوللىمىسىمۇ ئاساسلىق ھالدا يەنىلا مۇشۇ QQ نى ئىشلىتىۋاتىمىز. QQ نى ئىشلىتىش داۋامىدا نۇرغۇنلىرىمىز چىراي ئىپادىسى، رەسىم قاتارلىقلارنى ئۆز-ئارا ئەۋەتىشىمىز ھەمدە ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەن، كۆپ ئىشلىتىدىغان ۋە قىزىقارلىق دەپ قارىغان سۈرەتلەرنى QQ دىكى چىراي ئىپادىلىرى ئارىسىغا قېتىۋالىمىز. ئەمما كومپيۇتېردىن چاتاق چىقىپ، سىستېمىنى قايتا قاچىلىغاندا بولسا (چۈنكى نۇرغۇنلىرىمىز QQ نى C دىسكىغا قاچىلايمىز )، QQ مۇ ئۆچۈپ كېتىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن مىڭبىر جاپادا توپلىغان سۈرەت-رەسىملەردىن ئايرىلىپ قالىمىز.

    تۆۋەندە سىلەرگە ئاشۇ ئۆزىڭىز توپلىغان تۈرلۈك قىزىقارلىق رەسىم، سۈرەتلەرنى زاپاسلاپ، بىرلا توپلام ھۆججەت قىلىپ چىقىرىۋېلىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ قوياي. بۇ ھۆججەت ئارقىلىق سىز QQ دىكى بارلىق رەسىم-سۈرەتلىرىڭىزنى بىر ھۆججەتكىلا چىقىرىۋالىسىز. ئەگەر سىستىمىڭىزدىن چاتاق چىقىپ، سىستېمىنى قايتا قاچىلىغاندىن QQ  نى ئورنىتىپ بولۇپلا بىر ئىجرا قىلىۋەتسىڭىز بارلىق رەسىملىرىڭىز ئۇدۇللا QQ دىكى چىراي ئىپادىسى ئارىسىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ. ئەگەر ھەم ئىدارىدە، ھەم ئۆيدە تورغا چىقىدىغان بولسىڭىز بۇ ھۆججەتنى ئىدرىغا ياكى ئۆيگە ئاپىرىپ ، بىرلا ئىجرا قىلىۋەتسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ. ئەگەر بۇ ھۆججەتنى باشقىلارغا كۆچۈرۈپ بەرسىڭىز باشقىلارمۇ بىرلا ئىجرا قىلىۋەتسە سىز ساقلىغان بارلىق رەسىملەر ئۇنىڭ QQ چىراي ئىپادىلىرى ئارىسىغا قوشۇلىدۇ.

    تۆۋەندە سىلەرگە QQ چىراي ئىپادە ھۆججىتى eif ھۆججىتى ھاسىل قىلىش جەريانىنى تەپسىلى تونۇشتۇرۇپ قوياي.ئەگەر سىز بارلىق رەسىملەرنى چىراي ئىپادىلرىغا ئارىسىغا قىستۇرۇپ بولغان بولسىڭىز تۆۋەندىكى 2 باسقۇچتىن ئاتلاپ ئۆتۈپ 3- باسقۇچتىن باشلاپلا ئىشلىسىڭىز بولىدۇ.

    1-باسقۇچ: چىراي ئىپادىلىرى ئارىسىغا قىستۇرماقچى بولغان بارلىق رەسىملەرنى بىر مۇندەرىجە ئىچىگە كۆچۈرۈڭ. ئاندىن خەت يېزىش كۆزنىكىنى ئېچىپ (ياكى مەلۇم بىر توردىشىڭىزغا خەت يېزىش تەييارلىق ھالىتىگە كېرىڭ)، ئاندىن چىراي ئىپادىسى قىستۇرۇش كۆزنىكىنى ئاچىمىز. بۇ كۆزنەكنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىغا قارىسىڭىز ‹چىراي ئىپادىسى باشقۇرۇش› (表情管理) دىگەن خەت بار.شۇ خەتنى بىر چەكسەك چىراي ئىپادىلىرىنى باشقۇرۇش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ.رەسىمدىكىدەك:

     

     

    2-باسقۇچ:  بۇ كۆزنەكتە تۇرۇپ،ئالدى بىلەن ئۆزىمىز قوشماقچى بولغان رەسىملەرنىڭ خارەكتىرىگە قاراپ بىر گۇرۇپپا قۇرىۋالايلى. يۇقارقى سۈرەتتىكى قوشۇش بەلگىسىنى بېسىش ئارقىلىق، چىراي ئىپادە گۇرۇپپسى قۇرۇشقا بولىدۇ.يەنى ئېچىلغان كۆزنەككە ئۆزىڭىز خالىغان ئىسىمنى قويۇپ قويسىڭىز بولىۋىرىدۇ.ئاندىن ئاشۇ چىراي ئىپادە گۇرۇپپسىنى تاللاپ،ئاندىن ئەڭ ئۈستىدىكى قوشۇش ( 添加 ) دىگەن كۇنۇپكىنى باسساق «ئىختىيارى چىراي ئىپادىلىرىنى قوشۇش »  (添加自定义表情) كۆزنىگى ئېچىلىدۇ. بۇ كۆزنەكتىن «كۆرۈش» (浏览) دىگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىن رەسىملەر بار مۈندەرىجىنى كۆرستىپ، ئاندىن بارلىق رەسىملەرنى تاللاپ جەزىملەشتۈرسەكلا بولىدۇ.رەسىمگە قاراڭ.

     

     

    رەسىملەرنى تاللاپ بولۇپ، جەزىم كۇنۇپكىسىنى باسساقلا، تاللىغان رەسىملىرىمىز ئۆزىمىز ئىسىم قويغان چىراي ئىپادىلىرى گۇرۇپپسىدا پەيدا بولىدۇ.

    3-باسقۇچ: مانا ھازىر ھەممىسى تەييار بولدى. ئەمدى بىز پەقەت بۇ سۈرەتلەرنى بىرلا ھۆججەت قىلىپ چىقارساقلا بولدى. ھۆججەتكە چىقىرىش ناھايىتى ئاسان بولۇپ، پەقەتلا 1-رەسىمدە كۆرستىلگەن «قوبۇللاش ۋە چىقىرىش» (导入和导出) دىگەن كۇنۇپكىنى چېكىپ، بۇ يەردىن «مەزكۇر گۇرۇپپىدىكى چىراي ئىپادىلىرىنى چىقىرىش» (导出本组自定义表情) دىگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىپ، ھۆججەتنى ساقلاش ئورنىنى كۆرسىتىپ بەرسەكلا مەقسىتىمىزگە يىتەلەيمىز. بۇ يەردە يەنە «تاللانغان چىراي ئىپادىلىرىنى چىقىرىش، بارلىق چىراي ئىپادىلىرىنى چىقىرىش » دىگەندەك بۇيرۇقلار بولۇپ، بۇ بۇيرۇقلار ئارقىلىق ئايرىم-ئايرىم چىقىرىش ياكى ھەممىنى بىرلا ھۆججەت قىلىپ چىقىرىش مەقسىتىگە يىتەلەيسىز.

    مانا ئەمدى سىز ھاسىل بولغان eif ھۆججىتىنى ياخشى ساقلىسىڭىزلا ساقلىغان رەسىملىرىڭىزدىن ئايرىلىپ قالمايسىز.ئەگەر خالىسىڭىز تۆۋەندىكى ئادرىسىتىن مەن يېغىپ ساقلاپ قويغان چىراي ئىپادە سۈرەتلىرىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. سىزگە ئامەت تىلەيمەن.

    چۈشۈرۈش: http://ishare.iask.sina.com.cn/f/8888159.html

    分享到:

    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • [avatar:30][avatar:30]رەخمەت ياخشى بىلىمكەن .

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !