باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • تىل ئۈگىنىش تۈرىدىكى ئېلكىتاپلار

    ۋاقىت:2010-08-07 | تۈرى:ئابرال ئېلكىتاپلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/72115235.html

     

    بۇ يازمىغا كىرگۈزۈلگەن ئېلكىتاپلار ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە،تۈركچە،ئىنگىلىزچە ۋە ئەرەپچە قاتارلىق تىللاردىكى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىلكىتاپلار بولۇپ،بىلوگىمىز ئوقۇرمەنلىرىنىڭ تىل ئۈگىنىشىنى ، ئۆزىمىز توردىن توپلىغان ماتىريال بىلەن تەمىنلەپ، ئوقۇرمەنلەرگە قولايلىق يارىتىش بۇ ئېلكىتاپلار يوللاندى.

    بىلوگىمىزدا ئېلان قىلىنغان ھەر قانداق شەكىلدىكى ئېلكىتاپلارنىڭ نەشىر ھوقۇقى ۋە بارلىق باشقا ھوقۇقلىرى ئەسلى ئەسەر ئىگىسىگە تەۋە بولۇپ، ئەگەر سىز ئۆزىڭىز ئىشلىگەن ئېلكىتاپ ياكى يازمىڭىز ۋە ياكى ئەسىرىڭىزنىڭ بىلوگىمىزدا ئېلان قىلىنىشىنى نەشىر ھوقۇقۇمغا دەخلى قىلغانلىق دەپ قارىسىڭىز دەرھال شۇ تىما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرۇڭ. بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە سىزنىڭ ئەسرىڭىزنى چىقىرىۋىتىمىز.

    1.ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبى تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لوغىتى

    ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: ئابدۇقادىر ئابلىز

    نەشىر قىلغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى

    تىلى: ئۇيغۇرچە

    شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبى تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لوغىتى بولۇپ، كىتاپ جەمئى 900 بەتتىن ئاشىدۇ.تارقاتقۇچى بۇ كىتاپنى 2006-يىلى كومپىيۇتۇرغا كىرگۈزگەن ئىكەن. قارىغاندا كىتاپ سەل بۇرۇنقى بولسا كېرەك. ھازىرقى ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسى قانچىلىك ئۆزگەردى بۇنى بىلمىدىم. ئەمما يىڭى قائىدە بىكىتىلمىگەن بولسىلا يەنىلا بۇ كىتاپنى ئاساس قىلىپ تۇرۇشقا بولىدۇ. قىزىقىدىغان دوسلار چۈشۈرۈپ كۆرۈڭلار.ئېلكىتاپ جەمئى 7 بۆلەك ھەممىنى تولۇق چۈشۈرۈپ ئاندىن پىرىستىن يېشىڭ.

    چۈشۈرۈش: 1-بۆلەك 2-بۆلەك 3-بۆلەك 4-بۆلەك 5-بۆلەك 6-بۆلەك 7-بۆلەك

    تۆۋەندە يەنە يىڭى ئىملا قائىدسى ھەققىدىكى ئىلكىتاپنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار

    چۈشۈرۈش

    تىنىش بەلگىلىرى توغرىسىدىكى ئېلكىتاپنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ. بۇ ئىلكىتاپنى ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم گۇرۇپپىسى تۈزۈپ تارقاتقان.

    چۈشۈرۈش

    2. ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى

    ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: ئابدۇقادىر ئابلىز

    نەشىر قىلغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى

    تىلى: خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە

    بۇ كىتاپ خەنزۇچە تۈزۈلگەن ئۇيغۇرچە گىرامماتىكا كىتابى بولۇپ، خەنزۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۈگىنىشى ئۈچۈن تۈزۈلگەن. ئەگەر سىزنىڭ بىرەر خەنزۇ دوستۇڭىز ئۇيغۇر تىلى ئۈگىنۋاتقان بولسا، بۇ ئېلكىتاپنى چۈشۈرۈپ بەرسىڭىز، ئۇنىڭ بىر قىيىنچىلىقى ھەل بولغان بولىدۇ.بۇ ئېلكىتاپنى كۆرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى ئادىرستىن ئېلكىتاپ ئوقۇش قورالى ssreader نىڭ ئەڭ يىڭى نەشىرىنى  چۈشۈرۈۋىلىڭ.

    http://www.ssreader.com/download/

    ئېلكىتاپنى بۇ ئادرىستىن چۈشۈرۈڭ: چۈشۈر

    3.ئۇيغۇر تىلىدىن دەسلەپكى ئاساس

    ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى:نامەلۇم

    كىتاپ تۈزگۈچىلار:خالق نىياز

    نەشىر قىلغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى نەشىرياتى

    تىلى: خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە

    بۇ كىتاپ ئۇيغۇر تىلىنى باشتىن باشلاپ سۆزلەيدىغان دەرسلىك بولۇپ، ئۇيغۇرچىنى ئۈگەنمەكچى بولغان خەنزۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى دەرسلىك بولالايدۇ. بۇ ئىلكىتاپ بىلەن ئۈستىدە سۆزلەنگەن ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى دىگەن كىتاپنى بىرلەشتۈرۈپ ئۈگەنسە ئۈنۈمى تىخىمۇ ياخشى بولغۇسى.

    چۈشۈرۈش: 1-كىتاپ  2-كىتاپ  3-كىتاپ

    4.ئىنگىلىز تىلى گىرامماتىكىسى

    ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: مەرىپەت تور بېتى

    كىتاپ تۈزگۈچىلار: مۈھەممەد ئابدۇللا ئابدۇقادىر، بۈۋىنۇر بەكرى

    نەشىر قىلغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرياتى

    تىلى: ئۇيغۇرچە- ئىنگىلىزچە

    ئىگىلىز تىلى گىرامماتىكىسى ئۇيغۇر تىلى بىلەن چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەنگەن ياخشى بىر دەرسلىك. ئەگەر سىز ئىنگىلىز تىلى ئۈگىنىۋاتقان بولسىڭىز، بۇ كىتاپنى چۈشۈرمىسىڭىز بولمايدۇ.

    چۈشۈرۈش

    ئۇندىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى ئىنگىلىز تىلى گىرامماتىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك ماۋۇ ئىلكىتاپنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ. چۈشۈرۈش

    5. ئۇيغۇر تىلى

    ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى:

    كىتاپ تۈزگۈچىلار: تالانت ماۋكەنئۇلى

    نەشىر قىلغۇچى ئورۇن: ئامرىكا ئىندىيانا ئۈنۋىرسىتىتى

    تىلى: ئىنگىلىزچە- ئۇيغۇرچە

    ئىنگىلىز تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئۇيغۇرچە ئۈگىنىش دەرسلىكى بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىن دەسلەپكى ھەرپ تونۇش باسقۇچى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. قىزىقدىغانلار كۆرۈپ بېقىڭلار.

          چۈشۈرۈش

    6.ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسى

    ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: سادا تورى

    تىلى: ئۇيغۇرچە

    بۇ بىر ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇشلارنى مەشىق قىلىدىغان دىتال بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى ئۈگىنىۋاتقانلارنىڭ ئۇيغۇرچە تەلەپپۇز قىلىشىنى ئۈگىنىشىگە پايدىسى بار.

    چۈشۈرۈش

    7.ئۇيغۇر خەلق ماقال –تەمسىللىرى

    كىتاپ تۈزگۈچىلار: ئابلىز ئەمەت

    نەشىر قىلغۇچى ئورۇن: قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى

    تىلى: ئۇيغۇرچە

    بۇ ئىلكىتاپ ئۇيغۇر خەلق ماقال –تەمسىللىرى دىگەن كىتاپنى سىكانىرلاش ئارقىلىق ئىشلەنگەن بولۇپ، ئىلكىتاپ تارقاتقۇچى نامەلۇم. ئەگەر سىز ئۇيغۇر تىلىدىكى ماقال – تەمسىللەرنىڭ نىمە مەنانى بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلەي دىسىڭىز بۇ كىتاپنى كۆرۈپ قويسىڭىز بولىدۇ.

    چۈشۈرۈش: 1-كىتاپ  2-كىتاپ

    8.ئۇيغۇرچە-تۈركچە ھەمراھ لوغىتى

    تىلى: ئۇيغۇرچە- تۈركچە

    بۇ ئىلكىتاپ ئۇيغۇرچە-تۈركچە ھەمراھ ناملىق كىتاپچىنى سىكانىرلاش ئارقىلىق ئىشلەنگەن بولۇپ، تۈركچە ئۈگىنىۋاتقان دوستلارغا ياخشى ھەمراھ بولغۇسى.

    چۈشۈرۈش

    9.روسىتتا تۈركچە ئۈگىنىش دىتالىنىڭ ئىلكىتابى

    بۇ ئېلكىتاپ روسىتتا تۈركچە ئۈگىنىش دىتالى بىلەن بىرگە تاقىتىلغان بولۇپ، بۇ كىتاپ بىلەن دىتالنى بىرلەشتۈرۈپ ئۈگەنسىڭىز ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز. ئەگەر سۆز مەنالىرىنى بىلشىتە قىينالدىم دەپ قارىسىڭىز روسىتتا خەنزۇچە ئۈگىنىش دىتالىنىڭ ئېلكىتابىنى چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئېلكىتاپنى تۈركچە ئېلكىتاپقا سىلىشتۇرما قىلىپ ئۈگەنسىڭىز بولىدۇ.

    تۈركچە    خەنزۇچە

    10.تۈركچىدىن دەسلەپكى ئاساس

    تىلى: ئىنگىلىزچە-تۈركچە

    ئىنگىلىزتىلىدا سۆزلەيدىغانلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن تۈركچە ئۈگىنىش دەرسلىكى. ئەگەر ئىنگىلىزچىدىن ئازراق بىلسىڭىز بۇ كىتاپتىن پايدىلىنالايسىز.

    چۈشۈرۈش: 1-كىتاپ  2-كىتاپ

    11.ئۆزلۈكىدىن تۈركچە ئۈگىنىش

    تىلى: ئىنگىلىزچە-تۈركچە

    بۇ كىتاپمۇ ئوخشاشلا ئىنگىلىزتىلىدا سۆزلەيدىغانلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن تۈركچە ئۈگىنىش دەرسلىكى. ياخشى يېرى بۇ ئېلكىتاپنىڭ ئاۋاز ھۆججىتى بار بولۇپ، بۇ كىتاپنىتىن ئۈگەنسىڭىز تەلەپپۇزىڭىزنىمۇ توغۇرلىيالايسىز.

    چۈشۈرۈش: ئېلكىتاپ ھۆججىتى  ئاۋازلىق ھۆججەتلىرى

    12. بىر قانچە تۈركچە لوغەت

    1. بۈيۈك تۈركچە لوغەت

    لوغەت تىلى تۈركچە بولۇپ، سۆزلۈكلەر تۈركچە چۈشەندۈرۈلگەن. چۈشۈر

    2.ئوسمانلى تۈركچە سۆزلۈكى

    لوغەت تىلى تۈركچە بولۇپ، يېزىق ھازىرقى زامان تۈركچىسى ۋە كونا تۈركچە يەنى ئۇيغۇرچىغا ئوخشاش ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى تۈرك يېزىقى شەكلىدە بېرىلگەن. چۈشۈرۈش

    3.دىنى سۆزلۈك

    لوغەت تىلى تۈركچە بولۇپ، سۆزلۈكلەر تۈركچە چۈشەندۈرۈلگەن. چۈشۈر

    4.تۈركچە-ئىنگىلىزچە سۆزلۈك

    لوغەت تىلى تۈركچە ۋە ئىنگىلىزچە بولۇپ.ئىنگىلىزچە بىلسىڭىز پايدىلىنالايسىز.چۈشۈر

    5. تۈركچە-خەنزۇچە لوغەت

    بۇ لوغەت خەنزۇچە – تۈركچە لوغەت بولۇپ. تۈركچە ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ياخشى ماتىريال بولالايدۇ.

    چۈشۈرۈش

    13.بىر قانچە تۈركچە ئوقۇشلۇق

    1.ئىستانبۇل. ئاپتۇرى-ئورخان پامۇك .رومان.تىلى تۈركچە. چۈشۈر

    2. ئاق قەلئە. ئاپتۇرى-ئورخان پامۇك.رومان. تىلى تۈركچە.چۈشۈر

    3.بالقان تۈركلىرىنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈشى.ئەدەبى مۇلاھىزە ماقالىسى.ئىچىدە نۇرغۇن تۈركچە شىئىرلار باركەن. ئوقۇپ چۈشەنگىلى بولىدىكەن.شۇڭا يوللاپ قويدۇم.

    چۈشۈرۈش

    14. تۈركچە پىئىللارنىڭ تۈرلىنىشى

    تىلى: ئىنگىلىزچە-تۈركچە

    مۇشۇنداق ئالغىنىم توغرىمۇ بىلمىدىم. ئەمما 6 بەتلىك ئېلكىتاپ سىزنىڭ تۈركچە پىئىللارنى بولۇشلۇق،بولۇشسىز، بىرلىك ۋە كۆپلۈك شۇنداقلا ھەر قايسى زامانلاردا قانداق تۈرلەشنى ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىدۇ.

    چۈشۈرۈش: 1-سۆز  2-سۆز

    15.خەنزۇچە- ئىنگىلىزچە ئۈگىنىش قوللانمىلىرى

    1.لىياڭ ئېغىز تىلىدىن 8000 جۈملە

    چۈشۈرۈش

    2.لىياڭ ئىنگىلىز تىلىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان 1000 سۆز

    چۈشۈرۈش

    بۇ ئىككى ئىلكىتاپ خەنزۇچە داڭلىق ئىنگىلىز تىلى ئوقۇشلۇقى لىياڭ ئىنگىلىز تىلىنىڭ ئىككى دەرسلىك كىتابى بولۇپ، ئىنگىلىز تىلىنى ئۈگىنىۋاتقانلار ئۈچۈن بەكمۇ پايدىلىق.

    3. ئىنگىلىزچە پىئىللارنىڭ تۈرلىنىشىدىن بىر مىسال

    بۇ ئۈلگىگە ئاساسەن ئىنگىلىزچە پىئىللارنى بولۇشلۇق،بولۇشسىز، بىرلىك ۋە كۆپلۈك شۇنداقلا ھەر قايسى زامانلاردا قانداق تۈرلەشنى ئۈگىنىپ ئالالايسىز .

    چۈشۈرۈش

    16.ئەرەپچە ئۈگىنىش ماتىريالىلىرى

    تۆۋەندىكى ھەر ئىككىلا ئېلكىتاپنىڭ تىلى ئەرەپچە- ئىنگىلىزچە بولۇپ، ئىنگىلىزلار ئۈچۈن ئەرەپچە ئۈگىنىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن.پايدىلىنالىسىڭىز چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ.

    1-   كىتاپ  2-كىتاپ

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • [avatar:30]ماڭا تۇرۇكچە - خەنزۇچە لوغەت لازىمدى. بۇيەردە چۇشۇرۇش ئادرىسىنى بەرمەپ سىز . بولسا مۇشۇنىڭ چۇشۇرۇش ئادرىسىنى تەمىنلەپ قويغان بولسىڭىز ؟
  • [avatar:30]مەن خېلى كۆپلىرىنى چۈشىرۋالدىم . رەھمەت سىزگە .
    ئابرال回复نۇر说:
    دائىم كېلىپ تۇرارسىز.
    2011-03-25 13:56:12
  • [avatar:30]5. تۈركچە-خەنزۇچە لوغەت

    بۇ لوغەت خەنزۇچە – تۈركچە لوغەت بولۇپ. تۈركچە ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ياخشى ماتىريال بولالايدۇ.

    بۇ كىتاپنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسى يوقكەن، تولۇقلاپ قويسىڭىز....

  • [avatar:30][avatar:30][avatar:30]تۈرك تىلىغا ئائىت كىتاپلار نىڭ ھەممىنى چۈشۈر ۋالدىم ، بولسا يەنە ئازراق يوللاپ قويساڭلار .. ئاللا رەھمەت قىلسۇن ...
  • [avatar:30]تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ 3تومى چۈشىدىكەن لىكىن پىرىستىن يەشكەندە مەخپى نۇمۇر سورايدىكەن ،
    مۇمكىن بولسا تۈزىتىپ قويسىڭىز ،
    ئاللا رەھمەت قىلسۇن~~~~~~!
    ئابرال回复مىرجان说:
    ئۇنداق ئەمەس ئىدىغۇ. مەن تەكشۈرۈپ باقاي.
    2010-12-14 22:35:43
  • [avatar:30]ناھايتى ياخشى ئېلكىتابلار بار ئىكەن ،مەن ھەممىنى چۈشۈرۋالدىم .سىلەرگە كۆپ رەخمەت !خۇدايىم قولۇڭلارغا دەرىت بەرمىسۇن!
  • [avatar:30]مەن خېلى كۆپلىرىنى چۈشىرۋالدىم . رەھمەت سىزگە .
  • [avatar:30] چۈشۈرەلمىدىمغۇ ؟
    ئابرال回复fahru说:
    قايسى كىتاپ چۈشمىدى؟ ئىسىملىرى بىلەن يېزىپ قويسىڭىز، تۈزىتىپ قوياتتىم
    2010-09-26 22:35:29

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !