باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • Excel دا سانلىق مەلۇمات رايۇنلىرىنى رەسىمگە ئېلىش

    ۋاقىت:2008-07-13 | تۈرى:excel ھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/24676596.html

    ئادەتتە Excel دا ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن سانلىق مەلۇمات رايۇنلىرىنى رەسىم شەكلىدە ساقلاشقا مەجبۇر بولىمىز. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇلى بار. بۇ يەردە ئەڭ ئاددى ئىككى خىل ئۇسۇلنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەيلى. بىرىنجى رەسىمگە ئالماقچى بولغان رايۇننى تاللىۋىلىپ، Shift كۇنۇپكىسىنى بىسىپ تۇرۇپ، تىزىملىكتىن «تەھرىرلەش» (编辑) نى چەكسەك، بۇنىڭ ئىچىدە يىڭىدىن « رەسىمنى كۆچۈرۈش» ۋە« رەسىمنى چاپلاش» (复制图片ۋە 粘贴图片) دىگەن ئادەتتە بولمايدىغان ئىككى تۈرنىڭ بارلىقىنى كۆرىمىز. بىز بۇ يەردە « رەسىمنى كۆچۈرۈش» بۇيرۇقىنى چەكسەك «رەسىم كۆچۈرۈش» كۆزنىكى ئىچىلىدۇ. بۇ يەردىن ئۆزىڭىز ئىشلەتمەكچى بولغان ھالەتنى تاللاپ، جەزىم كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز، تاللانغان رايۇننى رەسىم ھالىتىدە كۆچۈرىۋالغان بولىسىز، ئەمدى ئۇنى Excel ، word ۋە ياكى باشقا پىراگراممىلارغا چاپلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئىككىنجىسى Excel دا سانلىق مەلۇمات رايۇنىنى رەسىمگە ئىلىش قورالى بار. بۇ قورال ئادەتتە قورال سىتونىدا كۆرۈنمەيدۇ، بىز ئۇنى قورال سىتونىغا قوشۇش ئۈچۈن «قورال- ئۆزى بەلگىلەش» تىزىملىكىدىن «ئۆزى بەلگىلەش » كۆزنىكىنى ئاچىمىز،بۇ كۆزنەكتىن « بۇيرۇق» تاللانمىسىنى تاللاپ، سول تەرەپتىكى تۈرلەر ئىچىدىن « قورال » دىگەن تۈرنى تاللاپ، ئوڭ تەرەپتىكى بۇيرۇقلار ئىچىدىن سىرىش تالچىسىنى تۆۋەنگە سىرىپ،«ئاپارات» (照相机) دىگەن قورال كۇنۇپكىسىنى تاللاپ، ئۇنى سۆرەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆزىمىز قورال سىتونىدىكى بوش ئورۇنغا قىستۇرۇپ قويساق بولىدۇ. ئاندىن خالىغان رايۇننى تاللاپ تۇرۇپ، بۇ ئاپاراتنى بىر چەكسەكلا رەسىمگە تارتىۋالىدۇ. بۇ رەسىمنى يەنە بىز ھەر قانداق بىر پراگراممىغا چاپلاپلا ئىشلىتەلەيمىز.

    ئۈچىنچىسى : رەسىمگە ئالماقچى بولغان رايۇننى تاللاپ، مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بىسىپ، تىزىملىكتىن « كۆچۈرۈش» بۇيرۇقىنى چىكىپ كۆچۈرىۋالىمىز. ئاندىن windows دىكى رەسىم سىزاش دىتالىنى (画图) ئىچىپ، تىزىملىكتىن « تەھرىرلەش- چاپلاش» بۇيرۇقىنى بەرسەك، بىز تاللىغان رايۇن بۇ دىتالغا چاپلىنىدۇ. ئاندىن بىز پەقەت بۇنى ساقلاپ قويۇپ، قاچان ئىشلەتمەكچى بولساق شۇ چاغدا يۆتكەپ ئىشلەتسەك بولىدۇ.

     


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !