باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • ئېلكىتاپ ئىشلەش دەرسلىكى

    ۋاقىت:2008-07-14 | تۈرى:باشقا ئىشخانا دىتاللىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/24721128.html

    ئۆتكەندە نۇرغۇن تورداشلار ماڭا ئېلكىتاپ ئىشلەش جەريانىنى دەرسلىك قىلىپ ئىشلەش تەكلىۋىنى قويغان ئىدى. خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقىدا ۋاقىت چىقىرالمىغان ئىدىم . مانا بۈگۈن يەكشەنبە كۈنى ئېلكىتاپ ياساشقا قىزىقىدىغان ، ئەمما قانداق قىلىشنى بىلەلمەي تۇرغان دوستلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن Microsoft Word ئارقىلىق ئېلكىتاپ ئىشلەش  دەرسلىكنى تۈزۈپ چىقتىم.

    ئېلكىتاپ ئىشلەش ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن كومپىيۇتېرىڭىزغا Microsoft Word قاچىلانغان بولۇشى كىرەك ( مېنىڭچە بۇ نەرسە ھەممە ئادەمدە بارغۇ دەيمەن) .

    ئىككىنچىدىن قالسا Flashpaper دىتالىنى توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلىشىڭىز كېرەك . ياكى مۇشۇ خىلدىكى Microsoft Word ھۆججىتىنى PDF شەكلىگە ئايلاندۇرىدىغان باشقا دىتال ياكى Microsoft Word نىڭ قىستۇرمىسى بولسىمۇ بولىدۇ. ئەمما چوقۇم Unicode نى قوللايدىغان بولۇشى كىرەك . مەسىلەن بۇ خىلدىكى دىتاللاردىن NICEpdfcreater دىگەندەكلەر بار. بۇ خىل دىتاللارنىڭ ئەڭ ياخشىسى يىشىۋىتىلگەن نۇسخىسىنى ئىشلىتىش كىرەك. ئۆتكەندە بەزى تورداشلار ئۆزلىرى ئىشلىگەن ئېلكىتاپلاردا يىشىۋىتىلمىگەن ياكى تىزىملاتمىغان نۇسقىسىنى ئىشلىتىپ، ئىشلىگەن بولغاچقا « تىزىلاتمىغان » دىگەن ئىنگىلىزچە خەت سۇ باسما ھالەتتە چىقىپ قالغان.

    بۇ دەرسلىكتە Flashpaper دىتالىنى ئىشلىتىپ، ئېلكىتاپ ئىشلەش سۆزلىنىدۇ. Flashpaper دىتالىنى قاچىلاش جەريانى چۈشەندۈرۈلمەيدۇ. 

    ئالدى بىلەن ئېلكىتاپ قىلىپ ئىشلىمەكچى بولغان مەزمۇنلارنى  Microsoft Word ئارقىلىق ئاچىمىز.  ئاندىن بۇ مەزمۇنلارغا قارىتا مۇۋاپپىق تەڭشەش ئىلىپ بارىمىز. يەنى بەت قېشى ۋە بەت تىگى بىكىتىش، مۇندەرىجە بىكىتىش دىگەندەك ( بۇلارنى بىلمىسىڭىز بۇ بەتتىكى مەزمۇنلارنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىڭ   )

    تەڭشەش ئىلىپ بىرىپ بولغاندىن كېيىن ھۆججەتنى بىر قېتىم ساقلىۋىتىپ، ئاندىن قورال سىتونىدىن Flashpaper نىڭ قورال كۇنۇپكىسىنى (تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ )

    باسساق، ھۆججەتنى ساقلاش ئورنىنى كۆرسىتىپ بىرىشىمىزنى تەلەپ قىلىپ بىر كۆزنەك ئىچىلىدۇ. ھۆججەت ئىسمىنى كىرگۈزۈپ،جەزىم كۇنۇپكىسىنى باسساق،بىزنىڭ Microsoft Word ھۆججىتىمىزنى PDF شەكلىدە چىقىرىپ بىرىدۇ.

    ئەگەر سىزنىڭ ئىشلىمەكچى بولغان كىتاۋىڭىزدا مۇندەرىجە بولمىسا، بۇ ھۆججەتنى شۇ پېتى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر مۇندەرىجە بولسا، سول يان تەرەپتىكى ھەر قايسى ماقالىلەر تىزىملىكىدە نورغۇنلىغان سوئال بەلگىلىرى چىقىۋالىدۇ.تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.

     

     

     

    بۇ ئورۇن ئادەتتە Unicode نى قوللىمايدىكەن. شۇڭا ئۇيغۇرچە خەتلەر شۇنداق سوئال بەلگىسىدە چىقىۋالىدىكەن، بىز بۇ يەردىكى مەزمۇنلارنى ئۇيغۇر كومپىيۇتېر يىزىقى بىلەن ئىپادىلىسەك بولىدۇ. بۇ مەزمۇنلارنى ئوڭشاش ئۈچۈن يەنە بىر دىتال Adobe acrobat 7.0 دىتالىدىن پايدىلىنىمىز. ( بۇ دىتال ئەسلى مەخسۇس PDF شەكلىدىكى ھۆججەتلەرنى تەھرىرلەيدىغان مەخسۇس دىتال بولۇپ، بۇنى ئىشلىتىش ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن تەس بولىشى مۇمكىن، شۇڭا ئېلكىتاپ ياساشتا تەۋسىيە قىلمايمەن ، پەقەتلا ئاخىرقى باسقۇچتىكى سول ياندىكى مۇندەرىجە مەزمۇنلىرىنى ئۇيغۇر كومپىيۇتېر يىزىقى بىلەن يىزىش جەريانىدا پايدىلىنىشىنى  تەۋسىيە قىلىمەن. ئەلۋەتتە ئەگەر ئىشلىتىشنى ئۈگىنىۋالسىڭىز PDF  فورماتىدىكى ئېلكىتاپ ياساشقا مۇشۇ بىرلا دىتال يىتىپ ئاشىدۇ. بۇ دىتالنىڭ 200 مىگابايت ئەتراپىدا كىلىدىغان بىر نۇسقىسى بىلىك كۇلۇبىدا بولىدىغان تورداشلار شۇ يەردىن ئىزدەپ باقسا بولىدۇ.)

    يەنى يىڭىدىن ھاسىل بولغان PDF فورماتىدىكى ھۆججەتنى بۇ دىتال ئارقىلىق ئېچىپ، بىۋاستىلا سول ياندىكى مۇندەرىجىلەرنى بىردىن بىردىن تاللاپ، مائۇس ئوڭ كۇنۇپكسىنى چىكىپ،تىزىملىكتىن قايتا نام بىرىش دىگەن تۈرنى تاللاپ، ھەممىسىگە قايتا نام بىرىپ چىقىپ، ئاندىن ھۆججەتنى بىر قېتىم ساقلاپ قويساقلا بولدى.شۇنىڭ بىلەن ئۆزىڭىز ئىشلىگەن ئېلكىتاپ پۈتۈپ چىققان بولىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

     


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • [avatar:30]مەن شۇنچە قىلساممۇ flashpaperھۆججىتىنى ئىشلىتەلمىدىمغۇ.... بولسا شۇ دىتالنى ماڭا ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز ئادىرسىم elxat1991@gmial.com رەھمەت..
  • [avatar:30]مەن بۇدىتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسام ساقلىغان ۋاقىتتا ھۆججەت كۆرۈنمىدى..... Flashpaper
  • [avatar:30][avatar:30]我想问一下怎样输入维语文字؟؟؟؟؟؟؟؟؟写!!!
  • [avatar:30]我想问一下怎样输入维语文字؟؟؟؟؟؟؟؟؟写!!!

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !