باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • خىزمەت جەدىۋىلىنى ھەقىقى يوشۇرۇپ قويۇش

    ۋاقىت:2009-05-27 | تۈرى:excel ھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40042267.html

    خىزمەت جەريانىدا Excel دا بەزى خىزمەت جەدىۋەللىرىنى يوشۇرۇپ قويۇشقا ئىھتىياجلىق بولۇپ قالىمىز. ئەمما بۇنداق چاغدا كۆپلىگەن دوستلارنىڭ قوللىنىدىغان ئۇسۇلى بولسا تىزىملىكتىن « فورمات- خىزمەت جەدىۋىلى- يوشۇرۇش» (格式/工作表/隐藏) بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق مەقسىتىگە يېتىدۇ. ئەمما بۇ ئۇسۇل Excel دىن ئازراقلا خەۋىرى بار ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن ھىچقانداق كار قىلمايدىغان بولۇپ، ئۇنى «فورمات-خىزمەت جەدىۋىلى- يوشۇرۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرش» (格式/工作表/取消隐藏) بۇيرۇقى ئارقىلىق يەنە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا زادى خىزمەت جەدىۋىلىنى ھەقىقى يوشۇرۇپ قويغىلى بولىدۇ. ئەمىليەتتە بۇنىڭمۇ ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددى. ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

    تىزىملىكتىن «قورال-ماكرۇ- Visual Basic تەھرىرلىگۈچىسى» (工具/宏/Visual Basic编辑器) بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىساق، Visual Basic تەھرىرلىگۈچى كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. كۆزنەكنىڭ سول تەرىپى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك .

    clip_image001

    بۇ كۆزنەكنىڭ ئۈستۈنكى بۆلىكىدىكى Sheet1,Sheet2,Sheet3قاتارلىق خەتلەر بولسا، بىزنىڭ خىزمەت دەپتىرىمىزدىكى ئۈچ دانە خىزمەت جەدىۋىلى بولۇپ، بىز بۇ بۇ جەدىۋەللەردىن قايسىسىنى يوشۇرۇپ قويماقچى بولساق، شۇنى تاللايمىز. ئاستىدىكى خارەكتىر كۆزنىكىدىن Visible تۈرىنىڭ خارەكتىرىنى 2-xlSheetVeryHidden گە تەڭشەپ قويىمىز.

    ئاندىن تىزىملىكتىن «قورال- VBAProject خارەكتىرى» (工具/VBAProject属性) بۇيرۇقىنى تاللاپ، ئىچىلغان « VBAProject قۇرۇلۇشى خارەكتىرى» كۆزنىكىدىكى «قوغداش» تاللانمىسىنى تاللاپ، بۇنىڭدىكى «كۆرگەندە قورۇلۇشنى قۇلۇپلاش» (查看时锁定工程) تۈرىنى تاللايمىز. ھەمدە ئاستىدىكى مەخپى نومۇر يېزىش ئورنىغا مەخپى نومۇر يېزىپ قويىمىز. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.

    clip_image002

    ئەمدى بۇ مەشغۇلاتلارنى ساقلاپ Excel گە چىكىنىپ قارىساق، خىزمەت جەدىۋىلىنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى كۆرىمىز. ئەمدى «فورمات-خىزمەت جەدىۋىلى- يوشۇرۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرش» (格式/工作表/取消隐藏) بۇيرۇقى ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرەيلى دەپ قارىساق بۇ يەردىكى « يوشۇرۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرش » (取消隐藏) دىگەن تۈر كۈلرەڭ ھالەتتە يەنى چەككىلى ھالەتتە بولۇپ، ھەر قانداق ئادەم بۇ يەردىن يوشۇرۇلغان خىزمەت دەپتىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدۇ. ئەگەر ئۆزىمىز كۆرمەكچى بولساق قانداق قىلىمىز. ناھايىتى ئاددى بايامقى مەشغۇلاتنىڭ تەتۈرىسىچە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىپ، ھەر قايسى قىممەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويساقلا بولىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !