باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • windows live writer دا بىلوگ يېزىش

    ۋاقىت:2009-05-31 | تۈرى:تور

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40206619.html

      Windwos live Writer دا بىلوگ يېزىشنى دەۋىر بىلوگى قاتارلىق باشقا بىلوگلاردا خېلى تونۇشتۇرۇپتۇ. ئەمما مۇشۇ بىلوگباسقا يوللاشنى يازماپتۇ. ئۆتكەندە قايسى بىر بىلوگدىن سورىسام بىلوگباس ئۆزىنىڭ ياردەم بىرىدىغان بىر ئۇلانما بىتىنى قالدۇرۇپتىكەن. شۇ بويىچە قېلىپ قاملاشتۇرغان ئىدىم. ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا كومپىيۇتۇرۇمنىڭ سىستىمىسىنى ئالماشتۇرغان باھانە بىلەن Windwos live Writer دا بىلوگ يوللاشنى يەنە ئۇنتۇپ قالدىم. ئاخىر ئىزدەپ يۈرۈپ ئۇ تىمىنى ئاران تاپتىم. ھەمدە بۇندىن كىيىن ئۇنتۇپ قالماسلىقىم ھەمدە ماڭا ئوخشاش قانداق قىلىشنى بىلەلمەي يۈرگەنلەرگە ياردىمى بولۇش ئۈچۈن ئەشۇ تىمىنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم.

    ئالدى بىلەن Windwos live Writer نى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن قوزغىتىمىز. قوزغاتساق تۆۋەندىكى تەڭشەش ئېلىپ بارىدىغان كۆزنەك كۆرۈنىدۇ.

     1

    بۇ كۆزنەكتىن كىيىنكى قەدەم كۇنۇپكىسىنى بىسىپلا ئۆتۈپ كېتىمىز. ئاندىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك كۆرۈنىدۇ.

    3

    بۇنىڭدىن ئەڭ ئاستىدىكى «باشقا تىما مۇلازىمىتى» (其他日志服务) دىگەن تۈرنى تاللاپ، كىيىنكى قەدەم كۇنۇپكسىنى باسىمىز. ئاندىن تۆۋەندىكى كۆزنەك كۆرۈنىدۇ.

     4

    بۇ كۆزنەكتىكى تور بەت ئادرىسى يېزىش ئورنىغا ئۆزىمىزنىڭ بىلوگىنىڭ ئادىرىسىنى يازىمىز. ئاستىدىكى ئابونت نامى دىگەن يەرگە ئۆزىمىز ئادەتتە بىلوگباسنىڭ ئارقا سۇپىسىغا قايسى ئىسىم بىلەن كىرسەك شۇ ئىسىمنى يازىمىز. ئاستىغا مەخپىى نومۇر كىرگۈزۈپ، مەخپى نومۇرنى ئېسىدە ساقلاش دىگەن تۈرگە بەلگە سېلىپ قويساق، ھەر قېتىم تىما يوللىغاندا بىزدىن مەخپىى سورىمايلا تىما يوللايدۇ. ئەگەر بەلگە قويمىساق مەخپى نومۇر سورايدۇ. ئاندىن يەنە كېيىنكى قەدەم كۇنۇپكىسىنى باسساق بىردەم مۇلازىمىتىېر بىلەن ئالاقە قىلغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى كۆزنەك كۆرۈنىدۇ.

    6

    بۇ كۆزنەكتىن «Atom publishing protonol» تۈرىنى تاللاپ، ئاستىدىكى «مۇلازىمەت ماقالىسى» ( 服务文档) دىگەن ئورۇنغا (api) دىگەن خەتنى يازىمىز.(بۇ يەردە ئۆزۈڭلارنىڭ بىلوگ ئادرىسى كەينىگە  دىگەن api خەتنى يازساڭلارلا بولىدۇ)ئاندىن يەنە كېيىنكى قەدەم كۇنۇپكىسىنى باسىمىز. تۆۋەندىكى كۆزنەك كۆرۈنۈپ، بىلوگىڭىز بىلەن باغلىنىش ھاسىل قىلىدۇ.بۇ باسقۇچ ئەڭ مۇھىم باسقۇچلارنىڭ بىرسى بولۇپ، بۇ يەردىكى api  دىگەن خەتنى ئىسىڭىزدە چىڭ تۇتىۋىلىڭ.

    7

    ئاندىن يەنە كيىنكى قەدەمنى باسساق تۆۋەندىكى دىئالوگ رامكىسى كۆرۈنىدۇ. بۇنىڭغا «ھەئە» ياكى «ياق» دەپ جاۋاپ بەرسەك بولىۋىرىدۇ. بۇ يەردە بىلوگىمىزغا مىسال تەرىقىسدە تىما يوللاش ئېلىپ بارىدۇ. كېيىن ئارقا سەھنىدىن بۇ تىمىنى ئۆچۈرىۋەتسەكلا بولىدۇ.

    8

    ئاندىن كېيىن يەنە تۆۋەندىكى كۆزنەك كۆرۈنىدۇ.

     9

    بۇ كۆزنەكتىنمۇ كېيىنكى قەدەم كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ كەتسەك بولىۋىرىدۇ.

    10

    بۇ قەدەم بىلەن تەڭشەش تۈگەيدۇ. ئەمدى بىز ئاخىرلاشتۇرۇش كۇنۇپكسىنى باسساقلا بولدى. تۆۋەندىكىدەك بىلوگ يېزىش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. بۇ كۆزنەكتە قانداق تىما يازساق بولىۋىرىدۇ.

    11

    بۇ كۆزنەكتە تۇرۇپ يازما يېزىپ بولغاندىن كېيىن ، «ھۆججەت» تىزىملىكى ئاستىدىكى «يوللاش» (发布) دىگەن كۇنۇپكىنى باسساقلا يازمىمىزنى بىلوگىمىزغا يوللىۋىتىدۇ. ئاندىن سىز بىلوگ ئارقا سەھنىسىدىن بۇ يازمىنىڭ تۈرلىرى، خەتكۈچلىرىنى بەلگىلەپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • [avatar:30]سىز بلوگبۇسنىڭ يازما يوللاش دىگەن يىرىدە تۇرۇپلا يوللايمەن دەمسىز ؟ ھە ، ئەمدى شۇنداق يوللىماي ئامال يوق ..
  • [avatar:30]ئەمدى بولمايدۇ ، بىلوگبۇس api ئۇلىنىش ئېغىزىنى ئېتىۋەتتى . مەن بىر ئايدىن بىرى سىناپ قىلالماي ئاخىرى بىلوگبۇس باشقۇرغۇچىسىغا خەت يوللىسام بىز ھازىر بۇ خىل مۇلازىمەتنى توختاتتۇق دەيدۇ ...
    ئابرال回复ئەلقۇت说:
    مەن يۇقارقى جاۋاپنى يازغاندا سىناق قىلسام بولغان ئىدى. قارىغاندا يەنە بىر سىناپ باقسام بولغۇدەكتە.مەن ھازىر تور بەت ئۆزىدىلا يازما يوللاۋاتىمەن.
    2010-10-15 00:12:48
  • [avatar:30]رەسىمنى چاپلىغىلى بولمايدىكەن ئىنكاس ئورۇنغا يازىدىغان ئۇرۇنغا.رەسىم ئادرىسىنى ئادرىس ئورنىغا چاپلاپ(ئاۋارىچىلىق بولمىسا)ئاچسىڭىز كۆرىنىدۇ.ئاۋارە قىلدىم.
    ئابرال回复bilix说:
    رەسىمنى كۆردۈم. ھەمدە ئۆزۈم قايتا بىر قېتىم شۇ باسقۇچ بويىچە سىناپ باقتىم. مېنىڭكىدە ئۇنداق خاتالىق چىقمىدى. سىزنىڭ ئىشلەتكەن دىتالىڭىزنىڭ نەشىر نومۇرى قانچە ئىكەن. مېنىڭ ئىشلەتكىنىم بۇرۇنقى نۇسقىسى يەنى نەشىر نومۇرى 14.0.8064.206 ئىكەن. سىلىشتۇرۇپ بېقىڭ. يىڭى نەشىردىكى مەسىلە ئەمەستۇر.
    2010-08-09 22:43:03
  • [avatar:30]http://i825.photobucket.com/albums/zz178/subur_01/1280894135.png?t=1280895806
    خاتالىق ئۇچۇرى مۇشۇ ئادرىستىكى رەسىمدە .
    ئابرال回复bilix说:
    رەسىمىڭىز كۆرۈنمىدى.
    2010-08-07 16:22:23
  • [avatar:30]كورسەتمە بويىچە قىلسام خاتالىق ئۇچۇرى چىقىپ تۇرىۋالدى.
    ئابرال回复bilix说:
    قانداق خاتالىق چىقتى. ئۇچۇرىنى ئەۋەتكەن بولسىڭىز.تەكشۈرۈپ باقاي
    2010-08-03 14:22:50
  • [avatar:30]Rakmat sizge
  • [avatar:30]ناھايىتى ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز ئابرال ئەپەندى، ياخشى ھۈنەردىن بىرنى ئۆگىنىۋالدۇق مانا. رەھمەت سىزگە.
    ئابرال回复تارىم说:
    ۋاي مەن تېخى سىلەردەك ئۇستاملارنىڭ ئالدىدا ئاتىكاچىلىق قىلىپ قويدىغان بولدۇم دەپ سەل ھېلىقىدەك بولۇپ قالغان ئدىم. بۇ گىپىڭىز بىلەن كۆڭلۈم جايىغا چۈشتى.سىزگىمۇ رەھمەت
    2009-06-02 23:41:23

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !