باش بەت | ئېلكىتاپ | تەرجىمە فىلىم | ئالبۇم | ULY نۇسخىسى |
-
مەن تارتقان سۈرەتلەر
ۋاقىت:2009-06-02 | تۈرى:ئابرال ئالبۇمى
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40366881.html
ئاتاقلىق تارىخ ئالىمى، سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، دۆلەت ئەربابى مىرزا مۈھەممەت ھەيدەر كوراگانى. رەسىمنى ئاتاقلىق ئۇيغۇر رەسسامى غازى ئەھمەت سىزغان. پېقىر ئابرال سېفىرلىق ئاپارات بىلەن سۈرەتكە ئېلىپ، تور دۇنياسىغا تارقاتقان.
مېنىڭ ئالى مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىم. ئەگەر سىز بۇلارنىڭ ئارىسدا بولسىڭىز، دەرھال مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
يېغلاڭغۇ قىزچاق
بۇ گۈلنى سىز كۆرۈپ باققانمۇ؟ مېنىڭچە سىز چوقۇم كۆرگەن. بۇ گۈل دەل قىز-ئاياللىرىمىز ئالاھىدە قىلىپ كېتىدىغان سەنجەرمىي (ئۇيغۇرچىسىنى بىلمەيمەن) دىگەن گۈل. بۇنى بىر دوستۇم ئىچكىرگە بارغاندا تارتىۋاپتىكەن. ئۇ ئەسلى تەشتەكتە ئەمەس بەلكى تامغا يامىشىپ ئۆسىدىغان بىر خىل يۆگىمەچ شەكلىدىكى ئۆسۈملۈك ئىكەن.
مانا بۇ شىرىنگۈل. سىز كۆرۈپ باققانمۇ؟
ئېلى پىداگوگىكا ئىنىستۇتى ئىچىدىن بىر كۆرۈنۈش.
غۇلجا كۆككۆۋرۈك ئەتراپى. ئەمما ھازىر بۇ يەردە ئۇنداق كۆككۆۋرۈك يوق جۇمۇ.
ئۈچ ۋىلايەت ئىنىقىلابىغا دائىر رومانلاردا نوۋىگىروت (ياكى نوغايگىروت)كوچىسى دەپ ئاڭلىغانمىتىڭىز؟ مانا بۇ دەل ئەشۇ كوچىلارنىڭ بىرسى.
غۇلجا خەلق مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش
بۇ قېتىمقى بالىلار بايرىمىدا دەريا بويىدىكى ئەڭ ئىگىز جايغا چىقىپ بۇ سۈرەتنى تارتىۋالدىم جۇمۇ.
توقايلىقتىكى يول.
نىلقا تاغلىرىغا ساياھەتكە بارغاندا تارتىۋالغان ئىدىم. ئۇيغۇرچە ئېيىق ساي، قازاقچە ئايۇ ساي دەپ قويىمىز.
ئىلەڭگۈچ ئۇچىۋاتقان قىز. (يەرلىك ئىلەنگۈچ ھە ماۋۇ.)
غۇلجا ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى توز.
ئۇيغۇر ئۆيىدىكى ھىيتلىق دەستىرخان. ھىيتلاپ كېتىڭ.
يەنە شۇ قايناق بازار خەنزۇ بازىرى.
ھازىرچە مۇشۇلارنى كۆرگەچ تۇرۇڭلار. يەنە ياخشىراق سۈرەت تارتىپ قالسام سىلەرگە سۇنىمەن. بۇ سۈرەتلەرنى ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ. ئەمما مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ.
收藏到:Del.icio.us
كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !
评论