باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • Office Excel دىكى تۈرلۈك چەكلىمىلەر

    ۋاقىت:2009-06-09 | تۈرى:excel ھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40754881.html

    Excel بولسا بىز كۆپ ئىشلىتىدىغان جەدىۋەل تەھرىرلەش دىتالى. بۇ دىتالنى ئىشلەتكەن ئادەم ئۇنىڭ ئىقتىدارىغا ھەقىقەتەن قايىل بولىدۇ. ئەمما بەزى جايلاردا ئۇنىڭمۇ ئامالسىز قالغانلىقىنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. بۇنداق چاغدا كۆپ قىسىم كىشلىرىمىز ئالدى بىلەن ئۆز ئەتراپىدىكى «كومپىيۇتېر ماھىرلىرىدىن » سورايدۇ، ئۇلاردىنمۇ جاۋاپ ئالالمىسا تورداشلاردىن سوئال سورايدۇ. بۈگۈن تور ئارىلاۋىتىپ، Excel دىكى چەكلىمىلەر دىگەن بۇ تىمىنى كۆرۈپ قالدىم. تورداشلارغا پايدىسى بولۇپ قالار دەپ بۇ تېمىنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم.مېنىڭچە سىز بۇ چەكلىمىلەرنى بىلىۋالسىڭىز، Excel نىڭ قايسى تەرەپلەرگە كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلىۋالىسىزدە، ئارتۇقچە سوئال سوراپ يۈرمەيسىز.

    1. «ئاپتۇماتىك يۈرۈشلۈك جەدىۋەل فورماتى»نى(自动套用格式) قوشقىلى بولمايدۇ. يەنى ئۆزىمىز كۆپەيتىپ ئالالمايمىز.

    2. فۇنكىسيەنىڭ قاتلام سانى يەتتىدىن ئىشىپ كېتىشكە بولمايدۇ.ئەمما «نام قويۇش»ئۇسۇلى(定义名称) ئارقىلىق بۇ چەكلىمىدىن ئۆتۈپ كېتىشكە بولىدۇ.

    3. قويۇلغان«نام»نىڭ ئۇزۇنلۇقى 255 ھەرپتىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ. كاتەكچە ئىچىدىكى فورمىلانىڭ ھەرپ سانى 1024 دىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ.

    4. ئىختىيارى ئىنىقلىما بېرىدىغان شەرت (自定义格式的条件) 3 دانىدىن ئىشىپ كەتسە بولمايدۇ. ئەمما كاتەكچە فورماتىغا ئۆزى ئىنىقلىما بېرىش ئارقىلىق 6 خىل رەڭگە كۆپەيتكىلى بولىدۇ. (رامكا قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ). تۇراقلىق مىقدار سانلار قاتارىنى كىرگۈزگىلى بولمايدۇ، كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ، شەرت تەرتىۋىنى ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ.(6 خىل رەڭگە يەتكۈزگىلى بولىدۇ. دىگەننى تازا چۈشىنەلمىدىم. شۇڭا خەنزۇچىسىنىمۇ شۇ پېتى قوشۇپ قويدۇم. بىلىدىغانلار قالدۇرۇپ قويساڭلار)

    自定义格式的条件不能超过3个,但可以通过自定义单元格格式增加到6种颜色(边框等无法改)。其他的限制有:不能输入常量数组、不能复制粘贴、不能更改条件顺序

    5. ھەرپ-بەلگە خارەكتىرىدىكى سانلارنى ئاپتۇماتىك تولدۇرۇشتا ھەرپ بەلگىنىڭ سانى 11 خانىدىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك. ئېشىپ كەتسە ئاپتۇماتىك تولدۇرۇش ئېلىپ بارالمايدۇ.(مەسىلەن: 6501041992 دىگىنىمىز بىر ھەرپ- بەلگە خارەكتىرىدىكى سان بولسا، بىز بۇنى تۆۋەنگە سۆرەش ئارقىلىق ئاپتۇماتىك تەرتىپلىك سان ھاسىل قىلالايمىز. يەنى 6501041993، 6501041994 دىگەندەك )

    6. GIF فورماتىدىكى ھەركەتچان رەسىملەرنى قىستۇرغىلى بولمايدۇ.

    7.خىزمەت دەپتەرلىرى (Excel ھۆججەتلىرى) ئارىسىدىكى يۆتكەپ ئىشلىتىش (引用)مۇناسىۋىتى مۈتلەق يۆتكەپ ئىشلىتىش(绝对引用) بولۇپ، نىسپى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە(相对引用) بولمايدۇ.

    8. «ئۈنۈملۈك بولۇش» تىكى(有效性) يۆتكەپ ئىشلىتىش (引用) جەزمەن كاتەكچە رايۇنىدىكى يۆتكەپ ئىشلىتىش بولۇشى كېرەك. سانلار قاتارى فورمىلاسىنى يۆتكەپ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.

    9. كاتەكچە ئىچىدىكى خەتلەرنى ھەر خىل رەڭدە بەلگىلەشكە بولىدۇ. بىراق بىر كاتەكچە ئىچىدىكى ئىككى قۇرغا بۆلەنگەن خەتلەرنى ئايرىم-ئايرىم رەڭ بىلەن ئىپادە قىلغىلى بولمايدۇ.

    10. ئورتاق ئىشلىتىدىغان خىزمەت جەدىۋىلىدە، كاتەكچىنى يۆتكەشكە، كاتەكچە قىستۇرۇشقا، رەتكە تىزىشقا بولمايدۇ. سانلىق مەلۇماتلارنى يۆتكەش مەشغۇلاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەشغۇلاتلارنى قىلغىلى بولمايدۇ.

    11. فورمات چوتكىسى(格式刷) بىلەن كاتەكچە بىرلەشتۈرگۈچنىڭ(合并单元) تىز قوزغىتىش كۇنۇپكىسى ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان.

    12.خەت نۇسقىسىنىڭ ئەڭ چوڭ رەزمىرى 409 بولۇپ، بۇ دىگەنلىك بىز ئەڭ چوڭ بولغان 10cm×10cm بولغان خەت كىرگۈزەلەيمىز. ئەلۋەتتە چوڭ خەت بىسىش قورالى دەيدىغان بىر خىل قوراللار بار. بۇ قوراللار ئارقىلىق بۇ چەكلىمىدىن ئۆتۈپ كەتكىلى بولۇشى مۇمكىن.

    13. «ئاپتۇماتىك تاسقاش» تىكى قۇر سانى ئەڭ كۆپ بولغاندا 1000 قۇر بولىدۇ.

    14. «بىرلەشتۈرۈپ ھىساپلاش» (合并计算) ئىقتىدارى ھەر قېتىم پەقەت بىر گۇرۇپپىلا بىرلەشتۈرۈپ ھىساپلانغان سانلارغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

    ھازىرچە تاپقانلىرىم مۇشۇنچىلىك، يەنە باشقا چەكلىمىلەر بولسا، بىلىدىغان تورداشلارنىڭ تولۇقلاۋىتىشىنى سورايمەن.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !