باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • EXCEL دىن بىر قانچە ئاددى ھۈنەرلەر

    ۋاقىت:2009-06-12 | تۈرى:excel ھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40927402.html

    EXCEL دىن بىر قانچە ئاددى ھۈنەرلەر

    1. ئەسلىدىكى بىر رەت كاتەك ئىچىدىكى سانلارغا مەلۇم بىر مۇقىم بولغان ھەرپ-بەلگىنى قانداق قىلىپ قوشىمىز.

    مەسىلەن: سىزدە بىر ئوقۇغۇچىلار ئارخىپ جەدىۋىلى بار بولۇپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن بىردىن ئوقۇغۇچىلىق نومۇرى بىكىتكەن بولۇپ، بۇ نومۇر ئەسلى 5 خانە ئىدى، ئەمدى بۇنى 7 خانىغا كۆپەيتمەكچى بولساق، يەنى ئەسلىدىكى 11001دىن باشلانغان بولسا، بىز بۇنىbb11001 قىلىپ يازماقچى بولساق قانداق قىلىپ بىر رەتتىكى سانلارنى بىراقلا ئۆزگەرتىش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز؟

    بۇ جەدىۋەلدە ئوقۇغۇچىلىق نومۇرى A رەتتە دەيلى،بىز مائۇسنى ئەسلىدىكى B رەت ئۈستىگە قويۇپ، بىر رەت قىستۇرىمىز. يېڭى بىر رەت B رەت پەيدا بولغاندىن كېيىن. b2 كاتەكچىگە تۆۋەندىدەك فورمىلا يازىمىز

    "=bb"&A2

    ئەمدى قارىساق بۇ كاتەكتىكى نەتىجە bb11001 گە ئۆزگىرىدۇ. ئەمدىن بىز b2 كاتەكنى قۇلىقىدىن تۇتۇپ تۆۋەنگە سۆرىسەكلا، ھەممە كاتەكچە كۆڭلىمىزدىكىدەك ئۆزگىرىدۇ. ئەگەر قوشماقچى بولغان ھەرپ – بەلگىنى كەينىگە قوشماقچى بولساق فورمىلاندىكى ھەرپلەرنى قوش تىرناق بىلەن كەينىگە ئۆتكۈزۈپ قويساقلا بولىدۇ.

    2. ھۆججەت تىزىملىكىدىكى يىقىندا ئىشلەتكەن ھۆججەتلەر تىزىملىكىنى قانداق قىلىپ كۆپەيتكىلى ياكى ئازايتقىلى بولىدۇ؟

    تىزىملىكتىن «قورال- تەڭشەك» بۇيرۇقىنى چەكسەك، «تەڭشەك» كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. بۇ كۆزنەكتىن «دائىملىق» (常规)دىگەن تاللانمىنى تاللاپ، ئۇنىڭدىكى « يىقىندا ئىشلەتكەن ھۆججەت تىزىملىكى» (最近使用的文件清单)دىگەن خەت يېنىدىكى كاتەكچە ئىچىگە ئۆزىمىز كۆرسەتمەكچى بولغان ھۆججەت سانىنى يېزىپ قويساق بولىدۇ.ئەگەر ھىچقانداق ھۆججەت كۆرسەتمىسۇن دىسىڭىز، ئالدىدىكى تاللاش بەلگىسىنى چىقىرىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.

    3. ئادەتتە EXCEL دا 1-1 شەكلىدە سانلارنى كىرگۈزسەك ئاپتۇماتىك ھالدا 1月1日 دىگەندەك چىسلا شەكلىدىكى سانلارغا ئۆزگۈرىۋالىدۇ.بۇنى ھەل قىلىمىز؟

    بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن شۇ سان يازماقچى بولغان كاتەكچىنىڭ خارەكتىرىنى «ھەرپ-بەلگە خارەكتىرى» ئۆزگەرتىۋالىمىز. يەنى تىزىملىكتىن فورمات- كاتەكچە (ياكى شۇ كاتەكچە ئۈستىگە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكسىنى بىر چىكىپ، تىزىملىكتىن «كاتەكچە فورماتىنى بەلگىلەش» دىگەننى تاللايمىز) دىگەن تۈرنى تاللاپ، «سان» دىگەن تاللانما ئىچىدىكى تۈرلەردىن «ھەرپ-بەلگە» (文本) دىگەن تۈرنى تاللىساقلا بولىدۇ.

    4. قانداق قىلغاندا EXCEL دىمۇ WORD قا ئوخشاش بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە ئاپتۇماتىك ساقلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟

    تىزىملىكتىن «قورال- تەڭشەك» بۇيرۇقىنى بېسىش ئارقىلىق، ئېچىلغان كۆزنەكتىن «ساقلاش» (保存) دىگەن تاللانمىنى تاللاپ، كۆزنەكتىكى «ئاپتۇماتىك ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىغان ئۇچۇرلارنى ساقلاش، ھەر ( ) مىنۇت » (保存自动恢复信息,每隔 分钟) دىگەن يەردىكى مىنۇتنىڭ ئالدىغان ئۆزىمىز مۇۋاپپىق دەپ قارىغان ۋاقىتنى يېزىپ قويساق، شۇ ۋاقىت ئىچىدە بىر قېتىم ئاپتۇماتىك ساقلاش ئېلىپ بارىدۇ.ئەگەر ئاپتۇماتىك ساقلاش ئېلىپ بارمىسۇن دىسەك، ئاستىدىكى «ئاپتۇماتىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى چەكلەش» (禁用自动恢复) دىگەن تۈرگە بەلگە سېلىپ قويساقلا بولىدۇ.

    5. ئەگەر بىر خىزمەت دەپتىرىدە بىر قانچە خىزمەت جەدىۋىلى بولسا، قانداق قىلىپ بۇ جەدىۋەللەرنىڭ ھەممىسىگە بىرلا قېتىمدا ئوخشاش بەت قېشى ۋە بەت تېگى ياسىغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلىپ بىرلا ۋاقىتتا بۇ خىزمەت جەدىۋەللىرىنى بېسىپ چىقارغىلى بولىدۇ.؟

    ئالدى بىلەن مائۇسنى خالىغان بىر خىزمەت جەدىۋىلى ئۈستىگە ئەكىلىپ، مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بىر چەكسەك، بىر تىزىملىك ئېتىلىپ چىقىدۇ. بۇ تېزىملىكتىن «بارلىق خىزمەت جەدىۋىلىنى تاللاش»(选择全部工作表) دىگەن تۈرنى تاللىساق بارلىق خىزمەت جەدىۋەللىرى تاللىنىدۇ. بۇ چاغدا سىز ئېلىپ بارغان بارلىق مەشغۇلات بۇ خىزمەت دەپتىرى بارلىق جەدىۋەللەر ئۈچۈن ئوخشاش بولىدۇ. يەنى مەيلى بەت قېشى، بەت تېگى ۋە ياكى بېسىپ چىقىرىش مەشغۇلاتى بولسۇن ھەممە جەدىۋەل ئۈچۈن ئوخشاش كۈچكە ئىگە بولىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !