باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • ئابرال ئېلكىتاپ بىلوگى بىر ياشقا تولدى!

    ۋاقىت:2009-06-15 | تۈرى:بىلوگ ھەققىدە

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41028035.html

    ئۆتكەندە تارىم بىلوگى ئۆز بىلوگىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن تورداشلارغا بىر يىللىق بىلوگنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالدىن دوكلات بېرىپ ئۆتكەن ئىدى. شۇ چاغدا مەنمۇ بىلوگىم بىر ياشقا تولغاندا مەنمۇ بىر دوكلات يېزىپ،بىلوگىمنىڭ ئوقۇرمەنلىرىگە بىلوگنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىدىن بىر دوكلات بەرسەم بولغۇدەك دەپ ئويلىغان ئىدىم. مانا بىر دەمدىلا  بىلوگىمنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا بىر يىل بولاي دەپ قاپتۇ. ئەسلى بو دوكلاتنى نەق بىر يىل بولغان كۈنى ئىلان قىلماقچى بولغان ئىدىم. ئەمما ئىدارىدىن جەنۈبى شىنجاڭ ئىكىسكۇرسىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قالدى. ئاران كەلگەن بۇ پۈرسەتنى ئۆتكۈزۈتكۈم ئەلۋەتتە يوق. شۇڭا ھەممە ئىشلارنى ئامال بار ئورۇنلاشتۇرۇۋىتىپ بولۇپ،  خاتىرجەم بولدۇم دەپ تۇرسام خىيالىمغا بۇ ئىش كېلىپ قىلىپ، دەرھاللا كومپىيۇتېرنى ئېچىپ بۇ دوكلاتنى يېزىشنى باشلىدىم. تورغا يوللاشتا بىر كۈن بۇرۇن يوللىنىپ كەتتى.

    ئابرال ئېلكىتاپ بىلوگىمىز  2008-يىل 6-ئاينىڭ 16- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، دەسلەپ بىلوگىمدا مەخسۇس ئېلكىتاپ بىلەن  MicroSoft Office  بىلىملىرىنى مەخسۇس تونۇشتۇرىدىغان سورۇن قىلاي دەپ ئويلىغان ئىدىم. شۇ سەۋەپتىنمۇ بىلوگ قۇرۇلۇپ، ئەتىسى 17- چىسلا كۈنى يوللىغان تۈنجى تىمام« Excel دا مەلۇم كاتەكچىنى كۈزىتىپ تۇرۇش» دىگەن يازما بولغان. كېيىنچە ئۆزۈم قىممىتى بار دەپ قارىغان، ئۆزۈمدە بار بولغان ۋە ئۆزۈم بىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يوللاۋەردىم. شۇنىڭ بىلەن بىلوگدىكى يازما تۈرلىرى 14 كە يېتىپ، بىلوگ مەزمۇنى ئېلكىتاپ، كومپىيۇتېر قاتتىق-يۇمشاق دىتاللىرى،ئىشخانا يۈرۈشلۈك دىتاللىرى بىلىملىرى، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم، يانفۇن ، رەسىم، كۆپ ۋاستە دىتاللىرى قاتارلىقلار تۈرلەردىن تەركىپ تاپقان بولدى. بۇ بىر يىل جەريانىدا بلوگ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، تەدرىجى تەرەققىي قىلىپ تورداشلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. پېقىرمۇ ئامال بار ھەپتىدە بىر قېتىم بولسىمۇ يىڭى تىما يوللاشقا تېرىشىپ كەلدىم. نەتىجىدە ئابرال ئېلكىتاپ بىلوگىمىز ئۇيغۇرچە بلوگلار ئىچىدىكى ھەر ھالدا خېلى كۆزگە كۆرۈنگەن بلوگلاردىن بىرى بولۇپ قالدى.ئابرال ئېلكىتاپ بلوگىنىڭ قىسقىغىنە بىر يىل ئىچىدە بۇنچىلىك زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشى پۈتۈنلەي بىلوگ ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر. شۇ ماناسىۋەت بىلەن كەڭ ئوقۇرمەنلىرىمىزگە چوڭقۇر ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!

    ئەمدى ئارتۇق گەپنى قويۇپ، بىلوگنىڭ بىر يىللىق خۇلاسەسىنى چىقارساق، بۇ بىر يىلدىن بۇيان ، مۇشۇ دوكلاتنىمۇ قوشۇپ ھىساپلىساق جەمئىي 154 پارچە يازما يوللانغان بولدى. مۇشۇ دوكلات ئىلان قىلىنغاندىكى بىلوگنىڭ ئومۇمى زىيارەت مىقدارى 45691 بولدى.

    ئەڭ بۇرۇن يوللانغان تېما

     

    Excel دا مەلۇم كاتەكچىنى كۈزىتىپ تۇرۇش

     

    ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن 10 تېما

     

    1.      ئېلكىتاپ چۈشۈرىۋىلىڭ ؛ كۆرۈلۈشى  3370  قېتىم

    2.      ئابرال ئېلكىتاپلىرى كاتالوگى ؛ كۆرۈلۈشى 2391  قېتىم

    3.  يۈمشاق دىتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش قاتارلىق كېتاپلار ؛ كۆرۈلۈشى 1419  قېتىم

    4.  ئابرال ئېلكىتاپ بىلوگىدىن يىڭى يىللىق سوۋغا؛ كۆرۈلۈشى 1372  قېتىم

    5. ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەش ئۇسۇلى؛  كۆرۈلۈشى 1305  قېتىم

    6.  word مەشغۇلاتىنى ئاپتۇماتلاشتۇرۇش؛ كۆرۈلۈشى   1195 قېتىم

    7.  تورداشلار ئىشلىگەن ئېلكىتاپلار(2) ؛ كۆرۈلۈشى 1160  قېتىم

    8.  يىڭى ئېلكىتاپلارنى چۈشۈرىۋىلىڭ؛  كۆرۈلۈشى  1149 قېتىم

    9.  بىلوگ ھەققىدە ئېلكىتاپ كۆرۈلۈشى  955 قېتىم

    10. تورداشلار ئىشلىگەن ئېلكىتاپلار(1) ؛ كۆرۈلۈشى 928 قېتىم

     

    ئەڭ كۆپ چۈشۈرۈلگەن 10 ئېلكىتاپ

    1.يۇمشاق دىتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش؛ چۈشۈرۈلۈشى 7865 قېتىم.

    2.تارىخى ئەمنىيە ؛چۈشۈرۈلۈشى 7251 قېتىم.

    3.بىلوگ ياساش قوللانمىسى ؛ چۈشۈرۈلۈشى 4662 قېتىم

    4. Unicode    ھەققىدە ؛ چۈشۈرۈلۈشى 3881 قېتىم

    5.  千千静听 قوللانمىسى ؛ 3397 قېتىم.

    6.مۈھەممەدجان. راشىدىن شئىرلىرى ؛ چۈشۈرۈلۈشى 2587 قېتىم.

    7.تۇمارىس ؛ چۈشۈرۈلۈشى 2347 قېتىم.

    8.  Weft دىن ئۆتكۈزۈش دەرسى؛ چۈشۈرۈلۈشى 2335 قېتىم

    9.    ئانا ؛ چۈشۈرۈلۈشى   2088 قېتىم.

    10.            شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر ؛ چۈشۈرۈلۈشى؛ 1820 قېتىم

     

    تەۋسىيەلىك تېمىلار

     

    1.  ئابرال ئېلكىتاپلىرى كاتالوگى

    2.  ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەش ئۇسۇلى

    3.  مەشغۇلاتىنى ئاپتۇماتلاشتۇرۇش

    4. كومپىيۇتۇربىلەن ھەرخىل ئىلىكتىرۇنلۇق ئۈسكىنىلەرنى ئۇلاش ئۇسۇلى

    5.  ئىشەنچلىك يانفۇن يۇمشاق دېتاللىرى

    6.  Passolo6.0 نى ئىشلىتىپ يۇمشاق دىتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرش

    7. بىر يۈرۈش فىلىم ھۆججەتلىرىنى كېسىش دەرسلىكى

    8.  Photoshop دا چىراي گۈزەللەشتۈرۈش

     ( بۇ سىتاتىسكا پەقەتلا بىلوگدىكى ئېلكىتاپلارنىڭ good.gd تور بېتىدىكى چۈشۈرۈلۈش سىتاتىستىكىسى بولۇپ، ئۆزۈم قوشۇمچە بىلوگباسقا قويۇپ قويغان ۋە باشقىلار ئۆز تور بەتلىرىگە قويغان كىتاپلارنىڭ سىتاتىسكىىسى  ئىلىشقا ئامال بولمىدى.)

     ئەمدى بلوگنىڭ زىيارەت ئەھۋالىنى مۇشۇنچىلىك تونۇشتۇراي، قالغان  ئارتۇقچىلىق ۋە يېتەرسىزلىكلەر ھەققىدە تورداشلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ باقاي. قىزغىن تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

     


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • [avatar:30][avatar:30]ئابرال بۇرادەر، جىددي مەن بىلەن ئالاقە قىلىڭ، سىزنىڭ 2 ماقالىڭىز كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ژورنىلىغا تاللانغان، ئۇچۇرىڭىزنى ئالالمىدۇق. دەرھال مىنى ئىزدەڭ:
    چچ 4211511 65
    ئابرال回复Uyghur_Nokia说:
    كەچۈرۈڭ. نەچچە كۈندىن بېرى ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، ئۇچۇرىڭىزنى كۆرمەپتىمەن. بۈگۈن ياكى ئەتە سىز بىلەن ئالاقە قىلاي.
    2011-03-25 13:47:43
  • [avatar:30][avatar:30][avatar:30]مۇبارەك بولسۇن ئابرال ئەپەندىم، بىلوگلىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى بولغانلىقىنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن
  • [avatar:30]ئانرال ئېلكىتاپ بلوگىنىڭ بىر يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!
    بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ خاسلىق يۆنۈلىشىدە بوشاشماي تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
  • [avatar:30]مۇبارەك بولسۇن ، ئابرال ئىلكىتاپ بلوگىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ، ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدا چاقنىغان چولپان بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
    ھۆرمەت بىلەن : ئۇيغۇرتېكىن ئەپەندى
  • [avatar:30]ئابرال ئېلكىتاب بلوگىنىڭ 1 ياشقا تولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! ئابرال ئېلكىتاب بلوگى قۇرۇلغان بىر يىلدىن بۇيان بىزنى قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ، بىزگە زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ئابرال ئەپەندىنىڭ بۇنداق خالىسانە تۆھپە قوشۇش روھى ھەممىمىزنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ئابرال ئېلكىتاب بلوگىنىڭ ئۆز خاسلىقىنى ساقلاپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشىگە تىلەكداشمەن!

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !