باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • ماركىلىق كومپىيۇتېر ۋە قۇراشتۇرما كومپىيۇتېر

    ۋاقىت:2010-05-24 | تۈرى:قاتتىق دېتال بىلىملىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/64195683.html

     بۇ يازمام شىنجاڭ كومپىيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان نورۇزلۇق پائالىيەتتە 3- دەرىجە بولۇپ باھالانغان. شىنجاڭ كومپىيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورىدىكى ئادرىسى: http://www.xjcfan.com/plus/view.php?aid=462

    ئادەتتە سىز كومپيۇتېر ئالماقچى بولۇپ، كومپيۇتېر شەھەرچىسىگە بارسىڭىز، ئالدى بىلەن ئاڭلايدىغىنىڭىز ، ماركىلىق كومپيۇتېر ئالامسەن ياكى قۇراشتۇرما كومپيۇتېر ئالامسەن؟ دېگەن سوئال سىزگە قويۇلىدۇ.

         ئادەتتە كومپيۇتېر بىلەن ئانچە ھەپىلەشمەيدىغان كىشىلەر بۇنىڭ قانداق پەرقى بارلىقىنى تازا بىلىپ كەتمەيدۇ. ئۇنداقتا ماركىلىق كومپيۇتېر بىلەن قۇراشتۇرما كومپيۇتېرنىڭ قانداق پەرقى بار؟ ھەر قايسىسىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە كەمچىلىكى بار؟ تۆۋەندە بۇ مەسىلىلەرنى ئازراق مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى.بۇ كىچىككىنە مۇھاكىمىمىز بەلكىم بەزى يىڭىدىن كومپىيۇتېر سىتىۋالماقچى بولغان، ئەمما قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي تۇرغان دوستلىرىمىز ئۈچۈن ئازراق كۆرسەتمە بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

    ماركىلىق كومپيۇتېر بولسا مۇنداقچە قىلىپ ئېيتساق ئىسم– فامىلىسى  بار كومپيۇتېر . يەنى بازاردا سېتىلىۋاتقان، IBMHPDELL ، لىيەنشياڭ دېگەندەك كومپيۇتېرلار ماركىلىق كومپيۇتېر بولۇپ، بۇ كومپيۇتېرلار پۈتۈن تەييار قۇراشتۇرۇلغان ھالەتتە سېتىلىدۇ. سېتىۋالغۇچى ياكى سېتىپ بەرگۈچى بۇ كومپيۇتېرلارنىڭ زاپچاسلىرىنى قۇراشتۇرۇپ يۈرمەيدۇ. سىز پەقەت ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ، توك سىملىرىنى چېتىپلا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

    قۇراشتۇرما كومپيۇتېر بولسا، CPU ، ئاساسى تاختا، قاتتىق دىسكا، كۆرسىتىش كارتىسى، ئىچكى ساقلىغۇچ، ئېكران قاتارلىقلارنى ئايرىم– ئايرىم سېتىۋېلىپ، ئۇلارنى ئۆزىڭىز ياكى سېتىپ بەرگۈچى قۇراشتۇرۇپ بېرىدىغان كومپيۇتېر .

    ئەمدى بۇ ماركىلىق كومپيۇتېر بىلەن قۇراشتۇرما كومپيۇتېرنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ  قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟

    ماركىلىق كومپيۇتېر ئالاھىدىلىكى بولسا

    1.    كۆپ قىسىم ماركىلىق كومپيۇتېرلاردا سىزگە ھەقىقى نۇسخىدىكى مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە باشقا بىر قانچە خىل يۇمشاق دېتاللارنى قوشۇپ بېرىدۇ. بىلىشىڭىز كېرەككى ھەقىقى نۇسخىدىكى Windows XP  ياكى7  Windows مەشغۇلات سىستېمىسى بولسۇن، بۇ يۇمشاق دېتاللارمۇ خېلى پۇل(ئادەتتە باھاسى 300-1000 ئارلىقىدىغۇ دەيمەن).ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە دۆلىتىمىز بارلىق قانۇنسىز ئوغرى نەشىردىكى سىستېما ئىشلەتكەنلەرنى چەكلەپ، جازالاشنى يولغا قويسا، ئۇچاغدا ھەممە ئادەم ھەقىقى نەشىردىكى Windows ياكى ھەقسىز نەشىردىكى باشقا مەشغۇلات سىستېمىلىرىغا كۆچۈشى مۇمكىن. ئەمما ئۇ چاغدا سىز ھەقىقى نەشرىدىكى سىستېما ئىشلەتكەچكە ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچىرىمايسىز.(ئەمما ھازىرقى ئەھۋالدا بۇ كۈنلەرگە يەنە خېلى باردەكمۇ قىلىدۇ)

    2.    ئاۋارىچىلىقى يوق. ماركىلىق كومپيۇتېرنى بىرمۇ– بىر قۇراشتۇرۇپ يۈرمەيسىز، زاۋۇتتىن چىققان پېتى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ ، توك سىملىرىنى ئۇلاپ ئىشلەتسىڭىزلا بولىدۇ. باشقىچە تەڭشەش ھاجەتسىز.

    3.    سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتى تولۇق. ماركىلىق كومپيۇتېرنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكىدىن بىرسى ئۇنىڭ سېتىشتىن كېيىن ئۈچ يىللىق ( كۆپ قىسىم ماركىلىق كومپيۇتېرلار ) مۇلازىمىتىنىڭ بولغانلىقىدا. بۇ مۇلازىمەت يۇمشاق دېتال مۇلازىمىتى بىلەن قاتتىق دېتال مۇلازىمىتىنى(قاتتىق دېتال مۇلازىمىتىىنىڭ ۋاقتى زاپچاسلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ.) ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سېتىشتىن كېيىنكى ئۈچ يىللىق مۇلازىمەت سىزنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىتىش جەرياندا يولۇققان مەسىلىلىرىڭىزنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ.

    4.    ئىجتىمائىي تەسىرى. ئەمدى ئىجتىمائىي تەسىرى دېگەندە بۇنىڭ سىز ۋە بىز ئۈچۈن باشقا ئىقتىساد ۋە ئىقتىدار جەھەتتىكىدەك كۆزگە كۆرۈنىدىغان ئەمىلى تەسىرى بولۇپ كېتىشى ناتايىن. ئەمدى بەزىلەرنىڭ ئالدىدا مېنىڭ كومپيۇتېرىم پالان ماركىلىق دەپ ئۆزىڭىزنى بىر كۆرسىتىۋىلىشىڭىز

    قۇراشتۇرما كومپيۇتېرنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا:

    1.     زاپچاسلارنى ئىختىيارى تاللىغىلى بولىدۇ. يەنى سىز ئۆز ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن كومپيۇتېرنىڭ ئىقتىدارىنى بەلگىلىسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن: ئەگەر سىز كومپيۇتېردا چوڭ ئويۇنلارنى ئوينىماقچى بولسىڭىز، كومپيۇتېرنىڭ CPU بىلەن كۆرسىتىش كارتىسىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشىڭىز، بۇ جەھەتتە ئىقتىدارى ياخشىراق بولغان قاتتىق دىتاللارنى تاللىشىڭىز كېرەك.ئەگەر ئىشخانا ئىشلىرى ئۈچۈنلا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بۇ جەھەتتە ئانچە كۈچەپ كەتمىسىڭىز بولىۋىرىدۇ.

    2.    زاپچاسلارنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش ناھايىتى قۇلايلىق . ئەگەر كومپيۇتېرىڭىزنىڭ زاپچاسلىرىنى شۇ خىلدىكى زاپچاسنىڭ يېڭى چىققان، ئىقتىدارى ئۆزىڭىزنىڭكىدىن تېخمۇ ياخشى، كۈچلۈك بولغان زاپچاسقا ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز، ئالماشتۇرۇش ناھايىتى قۇلايلىق بولۇپلا قالماي يەنە كېيىن باشقىچە زاپچاسلارنى قوشۇشمۇ ناھايىتى ئاسان. مەسىلەن: سىز كومپيۇتېر ئالغاندا 3500 يۈەننى كۆزلەپ بارغان بولسىڭىز، ئەمما سىزنىڭ تاللىغانلىرىڭىز 4000 يۈەن بولۇپ كەتكەن بولسا، شۇ ۋاقىتتا 3500 يۈەنگە لايىق زاپچاسلار بىلەن كومپيۇتېرنى قۇراشتۇرۇپ تۇرۇپ، كېيىنچە بەزى بىر زاپچاسلارنى (كۆرسىتىش كارتىسى، ئىچكى ساقلىغۇچ، دىسكا ئويغۇچ يەنى بىز دەيدىغان كىلۇجى دېگەندەكلەر )ئايرىم سېتىۋېلىپ ئۆزىڭىز سىلىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.

    3.    باھاسى مۇۋاپىق، ئىقتىدارى يۇقىرى . ئەگەر سىز مەلۇم ماركىدىكى ماركىلىق كومپيۇتېرنىڭ سەپلىمىسى بىلەن ئوخشاش بولغان سەپلىمىدە بىر كومپيۇتېر قۇراشتۇرسىڭىز، سىزنىڭ قۇراشتۇرغان كومپيۇتېرىڭىز ئاشۇ ماركىلىق كومپيۇتېرنىڭ باھاسىدىن خىلىلا ئەرزان توختىغانلىقىنى بايقايسىز. ئەگەر سىز 4000 مىڭ يۈەنلىك ماركىلىق كومپيۇتېر سېتىۋالماقچى بولۇپ، ئاشۇ 4000 يۈەنگە قۇراشتۇرما كومپيۇتېر ئالسىڭىز، سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئىقتىدارى ئاشۇ سىز كۆرگەن ماركىلىق كومپيۇتېرنىڭ ئىقتىدارىدىن خېلىلا ئېشىپ چۈشىدۇ.

    يۇقىرىدا ماركىلىق كومپيۇتېر بىلەن قۇراشتۇرما كومپيۇتېرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆرۈپ چىقتۇق. ئەمدىكى مەسىلە زادى قانداق ئادەملەر ماركىلىق كومپيۇتېر ئالسا بولىدۇ قانداق ئادەملەر قۇراشتۇرما كومپيۇتېر ئالسا بولىدۇ ؟

    ئالدى بىلەن سىز ئازراق پۇل خەجلەپ، ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان كومپيۇتېر سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، قۇراشتۇرما كومپيۇتېر سىتىۋىلىڭ. ھازىر قۇراشتۇرما كومپيۇتېرلارنىڭمۇ ماركىلىق كومپيۇتېرلار بىلەن ئوخشاش دېگۈدەك سېتىشتىن كېيىن بىر يىللىق مۇلازىمىتى بار. زاپچاسلاردا بۇرۇنقىدەك ئۆز– ئارا ماسلاشماسلىق ھادىسىسى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ. يەنى بۇنى ھازىر ئاساسەن ئويلاشمايدىغان بولدۇق دېسەكمۇ بولىدۇ.

    ئىككىنچىدىن سىزنىڭ قاتتىق دېتال جەھەتتە ئازراق بىلىمىڭىز بولسا، ئۆزىڭىز كومپيۇتېر زاپچاسلىرىنى ئانچە– مۇنچە قۇراشتۇرالىسىڭىز قۇراشتۇرما كومپيۇتېر سىتىۋىلىڭ. بۇنداق بولغاندا بەزى بىر زاپچاسلارنى ئۆزىڭىز خالىغانچە ئېلىپ قۇراشتۇرالايسىز. كومپيۇتېر سەپلىمىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ناھايىتى قۇلايلىق .

    ئەگەر سىز ئاۋارىچىلىقتىن قاچىدىغان، كومپيۇتېر قۇراشتۇرۇش ، سىسىتىما ۋە يۇمشاق دېتال قاچىلاشنى ئاۋارىچىلىق  كۆرسىڭىز ، ماركىلىق كومپيۇتېر سېتىۋالسىڭىزلا بولىدۇ.

    ئەگەر سىزنىڭ  كومپيۇتېر قاتتىق  بىلىمىڭىز يېتەرلىك بولمىسا، ھەمدە يەنە ئۆزىڭىز يالغۇزلا كومپيۇتېر ئالماقچى بولۇپ بازارغا كىرگەن بولسىڭىز ۋە ياكى قاتتىق دېتال جەھەتتە ئالدىنىپ قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرىسڭىز ئەڭ ياخشىسى ماركىلىق كومپيۇتېر ئالسىڭىز بولىدۇ.

    ئەگەر سىز كومپيۇتېر ئىشلىتىشنى ئەمدى ئۆگەنگەن بولسىڭىز ھەمدە سىزگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرەر ئادەم بولمىسا يەنىلا ماركىلىق كومپيۇتېر ئالسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى ماركىلىق كومپيۇتېرنىڭ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتى سىزگە خېلى كۆپ ياردەم قىلالايدۇ.(ئەمما خەنزۇچىنى بىلمىسىڭىز بۇ تەرەپنى ئويلاشماڭ، چۈنكى كۆپ قىسىم ماركىلىق كومپيۇتېرلارنىڭ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدا ئاساسەن خەنزۇلار بولۇپ، ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالمىسىڭىز ، ئۇ مۇلازىمەتنىمۇ ئىشلىتەلمەيسىز. مەن ئاشۇنداق ماركىلىق كومپيۇتېر ئېلىپ، مۇلازىمىتى تۇرۇقلۇق گېپىنى ئولتۇرالماي ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا پۇل بېرىپ سىستېمىسىنى ئوڭشاتقانلارنى خېلى كۆرگەن.)

    يۇقىرىدىكىلەر مېنىڭ ماركىلىق كومپيۇتېر ۋە قۇراشتۇرما كومپيۇتېر ھەققىدە توردا ئىزدەپ كۆرگەنلىرىم ھەم ئەمەلىيەتتە كۆرگەنلىرىم ئاساسىدا يېزىلدى.تورداشلارنىڭ كام قالغان يەرلىرىنى تولۇقلاپ، يېڭىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ۋە يېڭىدىن كومپيۇتېر سېتىۋالماقچى بولغانلارغا بىر يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • [avatar:30][avatar:30]بۇ ماقالىڭىزنى مەنمۇ ئوقۇغاندىم ، بۇ ماقالە يېڭىدىن كومپىيۇتېر ئالماقچى بولغانلارغا ياخشى مەسلەھەت بېرەلەيدۇ .
  • [avatar:30]بۇ ماقالىڭىزنى مەنمۇ ئوقۇغاندىم ، بۇ ماقالە يېڭىدىن كومپىيۇتېر ئالماقچى بولغانلارغا ياخشى مەسلەھەت بېرەلەيدۇ .

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !