باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • IsoBuster يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىش

    ۋاقىت:2010-05-27 | تۈرى:باشقا دىتاللار

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/64380293.html

    IsoBuster  يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىش

    IsoBuster  دېتالى سىغىمى كىچىك دېتال بولۇپ، بۇ دېتال ئارقىلىق VCD, DVD   قاتارلىق ئوپتىك دىسكىلارنى ئېچىپ كۆرگىلى ، كۆچۈرگىلى بولۇپ قالماي، بۇ دېتال ئارقىلىق يەنە باشقا مەۋھۇم ئوپتىك دىسكا ھۆججەتلىرىنىمۇ كۆرۈشكە ، كۆچۈرۈشكە بولىدۇ. بۇ دېتال ھازىرقى كۆپ قىسىم شەكىلدىكى مەۋھۇم ئوپتىك دىسكا ھۆججەتلىرىنى قوللايدۇ.

    ھازىر يېڭىدىن چىقىۋاتقان بەزى ناخشا پلاستىنكىلىرىدىكى ناخشىلارنى، كىنولارنى كومپيۇتېردا قويغىلىمۇ بولمايدۇ ، كۆچۈرىۋالاي دېسىڭىز كومپيۇتېرغا كۆچۈرىۋالالمايسىز. ھەتتا بەزىلىرى مەخپىيلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، دىسكىنى سالسىڭىز قۇرۇق بولۇپ ، ھېچنەرسە كۆرۈنمەيدۇ. ئەمما VCD, DVD ئاپاراتلىرىدا نورمال كۆرۈنىدۇ.  مانا بۇ چاغدا بۇ دېتال بىزگە بەكمۇ ئەسقاتىدۇ.

     بۇ دېتالنىڭ ھازىرقى ئەڭ يېڭى نۇسخىسى (2.7) نەشرى بولسا كېرەك. سوگۇ تورىدىن ئىزدەپ باقسام 2.7 نەشرىنىڭ ئۇچۇرى چىقىۋاتىدۇ. بۇ يەردە مەن پەقەت ئۆزۈم بۇرۇن چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويغان، ھەمدە قاچىلاپ ئىشلەتكەن 1.6 نۇسخىسىنى تونۇشتۇرىمەن.

     بۇ دېتالنى قاچىلاپ بولۇپ، قوزغاتساق كۆرۈنۈشى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.

    VCDياكى  DVDدىسكىسىنى دىسكا قوزغاتقۇچقا سالغاندىن كېيىن سول تەرەپتىكى كۆزنەكتە دىسكا ئۇچۇرى كۆرۈنىدۇ. يەنى  سول تەرەپتىكى DVD+R نىڭ ئالدىدىكى قوشۇش بەلگىسىنى باسساق، ئۇنىڭ ئاستىدا  Session ، بۇنىڭ ئالدىدىكى قوشۇش بەلگىسىنى چەكسەك،  Track 01،بۇنىڭ ئالدىدىكى قوشۇش بەلگىسىنى چەكسەك kino كىنو دېگەن تۈردىن ئىككىسى كۆرۈندى(مېنىڭ سالغان دىسكامنىڭ نامى kino ). ئۇنىڭ ئالدىدىكى قوشۇش بەلگىسىنى چېكىپ، يايسام ئۇنىڭ ئاستىدا  uyghur   ۋە 谍影重重 دىگەن ئىككى تۈر كۆرۈندى. مەن uyghur دېگەن تۈرنى تاللىسام، ئوڭ تەرەپتىكى كۆزنەكتە دىسكىدىكى uyghur دېگەن مۇندەرىجە ئاستىدىكى بارلىق فىلىملەر كۆرۈندى. رەسىمدىكىدەك.

     

    ئەمدى كۆچۈرمەكچى بولغان فىلىم ھۆججىتىنى تاللاپ، مائۇسنىڭ ئوڭ تەرىپىنى بىر چەكسەك تۆۋەندىكىدەك تىزىملىك كۆرۈنىدۇ.

     

    تىزىملىكتىن بىرىنچى تۈر يەنى Extract  دېگەن تۈرنى تاللىساق ، ساقلاش ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان كۆزنەك ئېچىلىدۇ. بىز بۇ كۆزنەكتىن ساقلاش ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىپ ، جەزىملەشتۈرسەكلا، ھۆججەتنى كۆچۈرۈشنى باشلايدۇ. رەسىمدىكىدەك.

     

    %100 توشقاندا ئاندىن كۆچۈرۈپ بولغان بولىدۇ. بىز پەقەت ئۆزىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن ئورۇندىن ھازىر تاللىغان ھۆججەتنى ئىزدەپ كۆرۈپ باقساقلا بولىدۇ.

     


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !