باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • Excel دا بىر مۈندەرىجە ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇش

    ۋاقىت:2009-05-25 | تۈرى:excel ھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39904532.html

    بەزىدە ئۆزىمىز ساقلىغان ھۆججەتلەرنىڭ ئىسىملىكىنى بىر ئارخىپ قىلىپ قويۇپ، پايدىلىنىشقا ئىھتىياجلىق بولۇپ قالىمىز. بۇنداق چاغدا بۇ ئۇسۇل بەكلا ئەسقاتىدۇ. ئەگەر سىزمۇ بۇ ئۇسۇلنى ئۈگەنمەكچى بولسىڭىز دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن.

    ئالدى بىلەن قايسى مۈندەرىجە ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزماقچى بولساق، شۇ مۇندەرىجە ئىچىگە كېرىپ،  xp نىڭ «بۇيرۇق كۆرسەتمە ھالىتى » () كۆزنىكىنى ئېچىپ،  ئەشۇ مۇندەرىجە ئىچىگە كېرىمىز. يەنى مەسىلەن : بىز D دىسكا ئىچىدىكى abral دىگەن مۇندەرىجە ئىچىگە كىرمەكچى بولساق، ئېچىلغان كۆزنەكتىكى بۇيرۇق قۇرىغا  تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى كىرگۈزىمىز.

    D:

    Cd d:\abral

    مۇندەرىجە ئىچىگە كېرىپ بولغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق بارلىق ھۆججەتلەرنىڭ تىزىملىكىنى بىر تىكىست ھۆججىتىگە چىقىرىمىز.

    Dir *.* > d:\ 2.txt

    بۇ بۇيرۇق ئارقىلىق D دىسكا ئاستىغا  2.txt ناملىق بىر ھۆججەت پەيدا بولىدۇ. بۇ ھۆججەتنى ئېچىپ قارىساق بايامقى مۇندەرىجە ئاستىدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنىڭ تىزىملىكى بارلىقىنى كۆرىمىز. ئۇندىن باشقا بۇ ھۆججەتتە يەنە مۇندەرىجە ۋە دىسكا ئۇچۇرلىرىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارمۇ بولۇپ، بىزگە ئادەتتە بۇلار كىرەك بولمىغاچقا مۇشۇ تىكىست ھۆججتىدە تۇرغۇزۇپ ئۆچۈرىۋەتسەك ياخشى بولىدۇ.

       بۇ باسقۇچنى ئورۇنلاپ بولغاندىن كېيىن، Excel   نى قوزغۇتۇپ، تىزىملىكتىن «سانلىق مەلۇمات- سىرتقى سانلىق مەلۇماتلارنى ئەكرىش- سانلىق مەلۇمات ئەكىرىش» (数据-导入外部数据导入数据) بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىمىز. بۇ چاغدا بىر «سانلىق مەلۇمات ئوقۇش كۆزنىكى»(读取数据源) كۆرۈنىدۇ.

     

    بۇ كۆزنەكتىن D دىسكىنى تاللاپ، بايام پەيدا بولغان 2.txt دىگەن ھۆججەتنى تاللاپ، ئاچىمىز. كۆزنەك تۆۋەندىكىدەك كۆزنەككە ئۆزگىرىدۇ.

     

    بۇ باسقۇچقا كەلگەندە بىز ئەسلى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ تىپى دىگەن تۈردىن « ئايرىش بەلگىسى» تۈرگە بەلگە قويۇپ، كېيىنكى قەدەم كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.بۇ چاغدا كۆزنەك تۆۋەندىكىدەك ئوزگىرىدۇ.

     

      بۇ كۆزنەك ئېچىلغاندا بىز كۆزنەكتىكى ئايرىش بەلگىلىرىدىن ھەممىسنى دىگۈدەك تاللايمىز. يەنى ئەسلىدە بىرلا   كۇنۇپكىسى تاللانغان بولسا، بىز يەنە «چېكىتلىك پەش، پەش، بوش ئورۇن ۋە باشقىلار» دىگەن تۈرلەرنىڭ ئالدىغا بەلگە قويىمىز. ھەمدە باشقىلار دىگەن تۈرنىڭ يېندىكى بوش ئورۇنغا « . » (يەنى چىكىت) بەلگىسىدىن بىرنى قويۇپ ، كېيىنكى قەدەم كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.

    ئارقىدىن چىققان كۆزنەكتىمۇ ھىچ يەرگە چىقىلماي « ئاياقلاشتۇرۇش» كۇنۇپكىسىنى باسساق بولىدۇ.

    نەتىجە تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.

     

    بۇ باسقۇچقا كەلگەندىن كېيىن قالغىنىنى ئۆزىڭىز ئادەتتىكى ئۇسۇلىڭىز بويىچە، ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلىدىكدەك قىلىپ تەھرىرلەپ ئالسىڭىزلا بولىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !