باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • Excel دا دىئاگراممىنى ئۆزگىچە بېزەش ئۇسۇلى

    ۋاقىت:2009-05-21 | تۈرى:excel ھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39667646.html

    ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى رەسىمنى كۆرۈپ باقايلى.

     

     

    سىزنىڭمۇ بۇ رەسىمدىكىدەك دىئاگرامما سىزغۇڭىز بارمۇ؟ ئۇنداق بولسا دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن.

    ئالدى بىلەن چوڭلىقى 50X   50 پىكسىل بولغان، بىز ئىپادە قىلماقچى بولغان دىئاگراممىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىمدىن بىرنى  تەييارلىۋالىمىز.

      Excel  نى قوزغىتىپ  ئادەتتىكى ئۇسۇل بويىچە بىر دىئاگرامما ياسايمىز. (ئاخىرقى ئۈنۈمىدىن قارىغاندا تۈۋرۈك شەكىللىك ياتما تۈۋرۈك شەكىللىك بولغىنى ياخشى) ئاندىن ئەشۇ دىئاگراممىدىكى خالىغان بىر تۈۋرۈك شەكلىنىڭ  ئۈستىگە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بىر چەكسەك، بىر تىزىملىك چىقىدۇ. بۇ تىزىملىكتىن «سانلىق مەلۇمات تۈرلىرى تىپى » (数据系列格式) دىگەن تۈرنى تاللاپ بىر چەكسەك، «سانلىق مەلۇمات تۈرلىرى تىپى » (数据系列格式)كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. بۇ كۆزنەكتىكى «سۈرەت-بەلگە»(图案) دىگەن تاللانمىنى تاللاپ، بۇنىڭدىكى «رەڭ تولدۇرۇش ئۈنۈمى» (填充效果) دىگەن كۇنۇپكىنى چىكىمىز.بۇ چاغدا يەنە بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ. بىز بۇ كۆزنەكتىن «رەسىم»(图片) دىگەن تاللانمىنى تاللايمىز. ھەمدە بۇ كۆزنەكتىكى «رەسىم تاللاڭ» (选择图片) دىگەن كۇنۇپكىنى باسىمىز ھەمدە بايام تەييارلاپ قويغان رەسىمنى كۆرسىتىپ بېرىپ، جەزىملەشتۈرۈش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، ئەسلىدىكى كۆزنەككە قايتىپ كېلىمىز. ھەمدە سول تەرەپتىكى ئۈچ تاللاش تۈرى ئاستىدىن ئەڭ ئاستىدىكى « دەستىلەش ۋە كىچىكلىتىش» (层叠并缩放) دىگەن تۈرنى تاللاپ جەزىملەشتۈرۈپ بۇ كۆزنەكتىن چىكىنىپ چىقىمىز.  ئەسكەرتىپ قويۇشقا تىگىشلىك نۇقتا شۇكى  « دەستىلەش ۋە كىچىكلىتىش» () نىڭ ئاستىدىكى كاتەكتىكى ساننى مۇۋاپپىق يېزىش كېرەك. ئاندىن قالغان ئادەتتىكى بىزەش ئىشلىرىنى قىلساق بولىۋىرىدۇ. ئەگەر بەك چوڭ بولۇپ كەتسە، كۆرۈنىدىغان رەسىم سانى ئاز بولۇپ قالىدۇ، بەك كىچىك بولۇپ كەتسە، رەسىم سانى جىق، ئەمما پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان ھالەتتە بولۇپ قالىدۇ.

    ئەسكەرتىش : بۇ ئۇسۇل Word،powerpoin قاتارلىق دىتاللاردىمۇ ئوخشاش ئىشلىتىشكە بولىدۇ

     


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !