باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • كۆچمە قاتتىق دىسكا ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

    ۋاقىت:2012-01-27 | تۈرى:قاتتىق دېتال بىلىملىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ilkitap-logs/189175907.html

    كۆچمە قاتتىق دىسكا ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

    ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدە، بىزنىڭ ساقلايدىغان ئۇچۇرلىرىمىزنىڭ سىغىمى بۇرۇنقىدىن نەچچە يۈز ھەسسە ئېشىپ كەتتى دېسەكمۇ بولىدۇ. گەرچە بارماق دىسكا بىزگە نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سىغىمى يەنىلا چەكلىك بولۇپ، بىزنىڭ ئېھتىياجىمىزنى تولۇق قاندۇرۇپ بولالمىدى. شۇ سەۋەب بىلەن ھازىر كۆچمە دىسكا ئۆزىنىڭ سىغىمىنىڭ چوڭ بولۇشى، ئوقۇش-يېزىش سۈرئىتىنىڭ تىز بولۇشى ۋە ئىلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۈزلۈكسىز ھالدا نۇرغۇن كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنىڭ يېنىدىن ئايرىمايدىغان مۇھىم قوراللىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. كۆچمە دىسكا گەرچە USB ئېغىزىنى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئېغىزى قىلسىمۇ، بىراق ئۇ ئادەتتىكى USB لىق مائۇس، كۇنۇپكا تاختىلىرىغا ئوخشاش بولغان  USB ئېغىزلىق ئۈسكۈنە ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن ئىشلىتىش جەريانىدا تۈرلۈك مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىمۇ ئۇلارغا قارىغاندا چوڭ بولىدۇ.نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەر كۆچمە دىسكىغا سانلىق مەلۇمات ساقلاش ۋە ئوقۇش جەريانىدا ھەر خىل مەسىلىلەرگە يولۇققان بولۇپ، بۇ مەسىلىلەر ئۇلارغا مەلۇم دەرىجىدە زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەن. تۆۋەندە كۆپچىلىك كۆچمە دىسكا سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش جەريانىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە نۇقتىنى كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنماقچىمىز. ئۈمىدىمىز تورداشلارنىڭ ئازراق بولسىمۇ ئاۋارىچىلىكىنى ئازايتىش.

    1.كۆچمە دىسكا سېتىۋېلىش

    كۆچمە دىسكىدىن ئىبارەت بۇ ئۇچۇر ساقلاش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى تۈپەيلى، ئۇنىڭ تېخنىكىغا بولغان تەلىپى نىسبەتەن يۇقىرى. بىر قىسىم ئىشلەش تېخنىكىسى سىپتا بولغان كۆچمە دىسكىلار ماتېرىيالغا ئالاھىدە كۈچەپلا قالماي، تېخنىكا جەھەتتىنمۇ پىشىپ يېتىلگەن بولۇپ، بولۇپمۇ دىسكا قۇتىسىنى لايىھىلەشتە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۇنىڭغا تۈرلۈك تەۋرىنىشكە تاقابىل تۇرۇش، چىقىلىشقا تاقابىل تۇرۇش دېگەندەك تېخنىكىلار قوشۇلۇپ، كۆچمە دىسكىنىڭ ئىشلىتىش جەريانىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىنغان. ئەمما بىر قىسىم كارخانىلار تەننەرخنى تېجەش ئۈچۈن، ماتېرىيال ئىشلىتىشتە ئامال بار ماتېرىيالنى تېجەپ ئىشلىتىدۇ. بۇ خىل مەھسۇلاتلارنىڭ ئادەتتە تەۋرىنىشكە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇپ، ئىشلىتىش جەريانىدا ئادەتتە ئازراقلا تەۋرىنىش بولۇپ قالسىلا، ھەر خىل مەسىلىلەر كۆرۈلۈپ، مۇقىم ئىشلىيەلمەي قالىدۇ. شۇڭا كۆچمە دىسكا سېتىۋالغاندا ئامال بار داڭلىق ماركىدىكى كۆچمە دىسكىلارنى سېتىۋېلىش كېرەك. ھەرگىزمۇ باھاسىنىڭ ئازراق ئەرزانلىغىنى كۆزلەپ، تاغتۇرا مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىپ يۈرمەڭ.

    ئۇندىن باشقا بىر قىسىم داڭلىق كارخانىلار كۆچمە دىسكىنىڭ بىخەتەرلىكى جەھەتتە ئەتراپلىق ئويلاشقان بولۇپ، تۈرلۈك مەخپىيلەشتۈرۈش تېخنىكىلىرى ئىشلەتكەن. مەسىلەن بارماق ئىزى ئارقىلىق مەخپىيلەشتۈرۈش تېخنىكىسى دېگەندەك. ئەگەر سىزنىڭ ئۇچۇرنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان تەلىپىڭىز يۇقىرى بولسا، بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.

    2.مۇۋاپىق رايونغا ئايرىش

    باشتا دېگىنىمىزدە كۆچمە دىسكا ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى بىر  USB  ئۈسكۈنىسى ئەمەس. شۇڭا بىز ئۇنىڭغا قارىتا رايونلارغا ئايرىغاندىمۇ ئاز – تولا ئىلمى ئۇسۇل قوللانمىساق بولمايدۇ. WIN XP سىستېمىسى ئاستىدا، كۆچمە دىسكىنى ھەر قېتىم كومپيۇتېرغا چاتقىنىمىزدا، سىستېما ئاپتوماتىك ھالدا يېڭى ئۈسكۈنىنى ئىزدەش مەشغۇلاتى ئىلىپ بارىدۇ. كۆچمە دىسكىنى 2 دىن ئارتۇق رايونغا ئايرىساق، سىستېمىنىڭ كۆچمە دىسكىنى قوزغىتىش ۋە ئىشلىتىش جەريانىغا كېتىدىغان ۋاقىت سەل ئۇزۇن بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى كۆچمە دىسكىنى 2 رايونغا ئايرىش كېرەك. ئەگەر 80 گېگابايتتىن كېچىك كۆچمە دىسكا بولسا، بىرلا رايونغا ئايرىسىڭىز تېخىمۇ ياخشى.

    3.توك يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كاشىلا.

    كۆپ قىسىم كۆچمە دىسكىلارغا USB ئېغىزى ئارقىلىق توك تەمىنلىنىدىغان بولغاچقا، بەزى ۋاقىتلاردا  USB ئېغىزىنىڭ توك بىلەن تەمىنلىشى يېتەرلىك بولماي قېلىپ، كۆچمە دىسكا ئوقۇپ يېزىش مەشغۇلاتىنى ئورۇنلىيالماي، بۇزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. نۆۋەتتە كۆپ قىسىم كۆچمە دىسكىلارنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك ئايرىم مۇستەقىل توك بىلەن تەمىنلەش سىمى ياكى قوش USB  سىملىق قىلىپ لايىھىلەنگەن. شۇڭا كۆچمە دىسكىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن چوقۇم توك بىلەن تەمىنلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك. ئامال بار ئالدى USB  ئېغىزىنى ئىشلەتمەسلىك،  USB  ئۇزارتىش سىمى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. گەرچە بۇ ئېغىزلار بىزگە ئىشلىتىش جەھەتتە قۇلايلىق ئېلىپ كەلسىمۇ، ئۇزارتىش سىمى سەۋەبلىك توك يەتكۈزۈلۈش داۋامىدا بىر قىسىم ئېنېرگىيە خورايدۇ. شۇڭا بەزى چاغلاردا توك يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كۆچمە دىسكىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇشتا خاتالىق كۆرۈلۈپ قالىدۇ. ئەلۋەتتە بەزىبىر سىرتقى توك مەنبەسى ئىشلىتىدىغان كۆچمە دىسكىلارغا قارىتا ئالدى بىلەن توك مەنبەسىگە چېتىپ ئاندىن ئىشلىتىش كېرەك.

    4. CMOS  پارامېتىرلىرىنى مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك

    بەزىدە كۆچمە دىسكا سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىز بىلەن خاتاسىز ھالدا ئۇلانغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا كومپيۇتېرىڭىز USB ئۈسكۈنىسىنى تەكشۈرۈپ تاپالمايدۇ. بۇ بەلكىم سىزنىڭ CMOS نى تەڭشىشىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. تەڭشەش ئۇسۇلى بولسا، CMOS تەڭشىكى ئىچىگە كىرىپ  PNP/PCI CONFIGURATION دېگەن تۈر ئىچىدىن Assign IRQ For USB دېگەن تۈرنى Enable قىلىپ تەڭشەپ قويىمىز. بۇنىڭ بىلەن كومپيۇتېر USB ئۈسكۈنىلىرىنى نورمال تونۇيالايدۇ. گەرچە ھازىرقى زور كۆپ قىسىم ئاساسى تاختىلاردىكى بۇ تۈرنىڭ سۈكۈتتىكى قىممىتى Enable بولسىمۇ، ئەمما بەزىبىر ئاساسى تاختىلارنىڭ بۇ ئىقتىدارنى تاقىۋەتكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.

    5.  USB ئۇچۇر سىمى كاشىلىسى

    ئەگەر سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزدىكى USB  ئېغىزى ئۆلچىمى 1.1 بولسا، ئەمما سېتىۋالغان كۆچمە دىسكىنىڭ  USB ئۆلچىمى 2.0 بولسا، بۇ چاغدا سىز ئىشلەتكەن كومپيۇتېر بىلەن كۆچمە دىسكىنى ئۇلايدىغان ئۇچۇر سىمىمۇ چوقۇم 2.0 ئۆلچىمىنى قوللىشى كېرەك. چۈنكى يۇقىرى سۈرئەتلىك كۆچمە ئۈسكۈنە تۆۋەن سۈرئەتلىك توپلاشتۇرۇلغان سىم يولىغا چېتىلغاندا، بۇ ئۈسكۈنە نورمال ئورۇنلىشالماسلىقى مۇمكىن.

    ئادەتتە بەزى كىشىلەر كۆچمە دىسكا بىلەن بىللە بارماق دىسكا دېگەندەك ئۈسكۈنىلەرنى بىرلىكتە ئىشلىتىدۇ. قۇلايلىقنى كۆزلەپ، بارماق دىسكىنىڭ ئۇچۇر سىمىنى بىۋاسىتە كۆچمە دىسكىغا چېتىپ ئىشلىتىدۇ.بۇنىڭ بىلەن 2.0 ئۆلچىمىدىكى كۆچمە دىسكىنى كومپيۇتېر نورمال تونۇيالمايدۇ. بۇنى ھەل قىلىشتا پەقەتلا 2.0 ئۆلچىمىدىكى ئۇچۇر سىمى ئىشلىتىلسىلا بولىدۇ. دىققەت قىلىدىغان يەنە بىر نۇقتا ئامال بار USB ئۇزارتىش سىمى ئىشلەتمەسلىك.

     (بۇ خىل ئېھتىماللىق ھازىر ئىنتايىن تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ھازىرقى بارماق دىسكىلارمۇ 2.0 ئۆلچىمىدە ئىشلىنىۋاتىدۇ)

    6.  ھۆججەت يوللاش جەھەتتە

    ئادەتتە ھۆججەت كۆچۈرۈش، يۆتكەش جەريانىدا يالغۇز ھۆججەتنى كۆچۈرۈش، يۆتكەش سۈرئىتىنىڭ نۇرغۇن ئۇششاق ھۆججەتلەرگە قارىغاندا تىز بولىدىغانلىقىنى ھەممىمىز دېگۈدەك بىلىمىز. كۆچمە دىسكىمۇ شۇنداق. ئەگەر كۆچمە دىسكىدىن سانلىق مەلۇماتلارنى كومپيۇتېرغا كۆچۈرمەكچى بولساق، كۆچۈرۈشتىن بۇرۇن نۇرغۇن ئۇششاق ھۆججەتلەرنى پرېسلاپ، بىر ياكى بىر نەچچە ھۆججەتكە ئۆزگەرتىپ كۆچۈرسەك ئۈنۈمى تېخىمۇ تىز بولىدۇ.

    7. كۆچمە دىسكىنى ئۇزۇن مەزگىل كومپيۇتېرغا چېتىپ قويماڭ

    كۆچمە دىسكا بولسا ۋاقىتلىق ھالدا ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى قاتتىق دىسكىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ خۇددى بىزنىڭ بارماق دىسكا، MP3 قاتارلىق ساقلاش ۋاستىلىرىمىزغا ئوخشاش كومپيۇتېرغا ئۇزۇن مەزگىل چېتىپ قويۇشقا ماس كەلمەيدۇ. شۇڭا بىز سانلىق مەلۇماتلارنى كۆچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، دەرھال كومپيۇتېردىن چىقىرىۋېلىشىمىز، ھەرگىزمۇ كومپيۇتېرغا ئۇزۇن مەزگىل چېتىپ قويماسلىقىمىز كېرەك. ئۇزۇن مەزگىل چېتىپ قويۇش زور مىقداردا ئىسسىقلىق چىقىرىپ، كۆچمە دىسكىنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىدۇ.

    8.  دىسكا ئۇۋاقلىرىنى رەتلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارماڭ

    كۆچمە دىسكا ئادەتتىكى قاتتىق دىسكىغا ئوخشىمايدۇ. دىسكا ئۇۋاقلىرىنى رەتلەش، كۆچمە دىسكىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتمەستىن ئەكسىچە ئاستىلىتىدۇ. ئەگەر راستتىنلا دىسكا ئۇۋاقلىرىنى رەتلەش زۆرۈر بولۇپ قالسا، كۆچمە دىسكىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى كومپيۇتېرغا كۆچۈرۈۋېلىپ، ئاندىن دىسكا ئۇۋاقلىرىنى رەتلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىش كېرەك.

    9. فورماتلاش مەشغۇلاتىنى كۆپ ئېلىپ بارماسلىق كېرەك

    ئادەتتىكى قاتتىق دىسكىغا نىسبەتەن فورماتلاش مەشغۇلاتى كۆپ ئېلىپ بېرىلسا، قاتتىق دىسكىنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىدىغانلىقىنى زور كۆپچىلىك كىشىلەر بىلىدۇ. خۇددى قاتتىق دىسكىغا ئوخشاش كۆچمە دىسكىمۇ فورماتلاش مەشغۇلاتى كۆپ ئېلىپ بېرىلسا، ئۇنىڭ ئىشلىتىش ئۆمرىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا كۆچمە دىسكىغا قارىتا فورماتلاش مەشغۇلاتىنى ئاز ئېلىپ بېرىش كېرەك.

    مەزكۇر يازما تورداشلارنىڭ كۆچمە دىسكا سىتىۋىلىش ۋە ئىشلىتىشتە كىچىككىنە پايدىلىنىش ماتېريالى بولۇپ قالسۇن دىگەن مەقسەتتە خەنزۇچە توربەتلىرىدىن تەرجىمە قىلىندى.   

       

    分享到:

    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !