باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • يانفۇن بىلىملىرى-1

    ۋاقىت:2009-01-27 | تۈرى:يانفۇن بىلىملىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34369477.html

     NOKIA  يانفۇنغا يۇمشاق دىتال ۋە ئويۇنلارنى قاچىلاش ئۇسۇلى ، تەرتىپى ھەمدە ئۆچۈرۈش ئۇسۇلى.

    ★ ئالدى يانفۇنىڭىزنى ئاساسلىق نىمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىڭىزنى ئېنىق بىكىتىۋىلىپ ئاندىن يۇمشاق دىتال ۋە ئويۇن قاچىلاڭ. ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە قالايمىقان يۇمشاق دىتال قاچىلاپ يۈرمەڭ. سىز قاچىلىغان يۇمشاق دىتال ۋە ئويۇن يانفۇنىڭىزدا نورمال ئىجرا بولىدىغان بولسۇن.

    ★ ھازىرقى NOKIA  نىڭ يانفۇنلىرى ئاساسلىق S60v2  ۋە S60v3  سىستىمىسىنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، ھازىر بۇلار كەڭ تەشۋىق قىلىۋاتقىنى S60v3  يەنى simbian ئۈچىنچى ئەۋلات مەشغۇلات سىستىمىسى بولۇپ، (N73,N78,N81,n95 دىگەندەك يانفۇنلار مۇشۇ خىل سىسىتىمىنى ئىشلىتىدۇ.)بۇ سىستىما sis,sisx,jar   قاتارلىق ھۆججەتلەرنى قاچىلاش ھۆججىتى قىلىپ ئىشلىتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە sis ھۆججىتىنى قاچىلاش ئۈچۈن قاچىلاشقا رۇخسەت قىلىش ھۆججىتىگە ئىھتىياجلىق بولىدۇ. sisx بولسا ئۇنداق چەكلىمە يوق بولۇپ بىۋاستە قاچىلاشقا بولىدۇ.شۇڭا تەجرىبىسى كەمچىل كىشلەر بۇ خىلدىكى ھۆججەتلەرنى توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلىسا ئاسان بولىدۇ. jar   ھۆججىتى بولسا java  تىلى ھۆججىتى بولۇپ، java   تىلىنى قوللايدىغان يانفۇنلارغا قاچىلاشقا بولىدۇ. S60v2  بولسا simbian  ئىككىنچى ئەۋلات مەشغۇلات سىستىمىسى بولۇپ(N72,N70,NOKIA 3230دىگەندەك يانفۇنلار مۇشۇ خىل سىستىمىنى ئىشلىتىدۇ)، بۇ سىستىما sis، jar   ھۆججەتلىرىنى قاچىلاش ھۆججىتى قىلىپ ئىشلىتىدۇ.  2- ئەۋلات سىستىمىنىڭ قاچىلاش ھۆججىتى بىلەن 3- ئەۋلات سىستىمىنىڭ قاچىلاش ھۆججىتىنى ئالماشتۇرۇپ قاچىلىغىلى بولمايدۇ.

    ★ يۇمشاق دىتال ياكى ئويۇننى قاچىلىغاندا ، مۇنداق بىر قانچە خىل قاچىلاش ئۇسۇلى بار.

    1.)يانفۇن بىلەن تورغا چىققۇچىلار، مۇناسىۋەتلىك تور بېتىگە كىرىپ،كۆرسەتمە بويىچە قاچىلاش ئىلىپ بارسا بولىدۇ. (بەلگىلىك خەنزۇچە سەۋىيەرىڭىز بولىشى كېرەك).

    2.)يانفۇن سىمى ئارقىلىق يانفۇن بىلەن كومپيۇتېرنى ئۇلاپ، NOKIA  مەخسۇس دىتالى كۆزنىكى ئارقىلىق، قاچىلىماقچى بولغان يۇمشاق دىتالنى تاللاپ،بىۋاستە قاچىلاش ئىلىپ بارسا بولىدۇ. بۇنىڭدا 1- قېتىم ئىشلەتكۈچىلەر چوقۇم NOKIA   مەخسۇس دىتالىنى كومپىيۇتېرغا قاچىلىۋىلىشى كېرەك.

    3).كۆك چىش ئارقىلىق قاچىلاش ئىلىپ بىرىشتا، كومپىيۇتېرىڭىز چوقۇم كۆك چىش ئىقتىدارىنى قوللىشى كېرەك.سىز كۆك چىش ئارقىلىق كومپىيۇتېردىن يانفۇنغا قاچىلىماقچى بولغان يۇمشاق دىتالنى يانفۇنغا يوللايسىز. ئاندىن ئۇچۇر ساندۇقىدىن بۇ يۇمشاق دىتالنى تېپىپ، يانفۇندا تۇرۇپ قاچىلاش ئىلىپ بارىسىز.

    4.)ساقلاش كارتىسى ئارقىلىق قاچىلاشتا، ئالدى بىلەن يۇمشاق دىتالنى كارتا ئوقۇغۇچ ئارقىلىق يۇمشاق دىتالنى، كومپىيۇتېردىن  يانفۇنغا كۆچۈرىۋىلىپ،ئاندىن يانفۇندا تۇرۇپ قاچىلاش ئىلىپ بارىسىز.

     قاچىلاش تەرتىپى مۇنداق بولىدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ يانفۇنى NOKIA 3230 بولغاچقا ، مۇشۇ يانفۇننى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، قاچىلاش تەرتىپىنى تونۇشتۇراي.  ئالدى بىلەن ئىقتىدار تىزىملىكىنى ئېچىپ، قورال دىگەن تۈر ئىچىگە كىرىمىز. بۇ يەردىن ھۆججەت باشقۇرۇش دىگەن تۈر ئىچىگە كېرىپ، بۇنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، يۆلىنىش كۇنۇپكىسىنى ئوڭغا بۇرىساق، ساقلاش كارتىسىنى ئاچىدۇ.(功能-工具-文件管理-存储卡) ساقلاش كارتىسى ئىچىدىن، بىز بايام كۆچۈرگەن، قاچىلىماقچى بولغان يۇمشاق دىتال ياكى ئويۇننى ئىزدەپ تىپىپ، ئەشۇ ھۆججەتنى قوزغاتساق، قاچىلاش كۆرسەتمىسى كۆرۈنىدۇ. كۆرسىتىلگەن كۆرسەتمە بويىچە مەشغۇلات ئىلىپ بارساقلا ھۆججەتنى قاچىلاشقا باشلايدۇ.ئارلىقتا قاچىلىماقچى بولغان ھۆججەتنى يانفۇن ئۆزىگە ياكى ساقلاش كارتىسىغا قاچىلاشنى سورايدۇ. بۇ چاغدا ئامال بار ساقلاش كارتىسىنى كۆرسىتىپ بەرسەك بولىدۇ. قاچىلاش ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ئىقتىدار كۆزنىكىگە قايتىپ، تۆۋەنگە قارىساق بىز قاچىلىغان يۇمشاق دىتالنىڭ سىنبەلگىسىنى كۆرىمىز..ئەشۇ سىنبەلگىنى قوزغاتساقلا بىز يىڭى قاچىلىغان يۇمشاق دىتال ئىجرا بولىدۇ.

    ★ ئۆچۈرۈش ئۇسۇلى مۇنداق بولىدۇ. ئەگەر سىز بىر يۇمشاق دىتالنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ئۇ سىزگە يارىمىغان بولسا ئۆچۈرىۋەتسىڭىز بولىدۇ. ئۆچۈرۈش ئۇسۇلى مۇنداق. ئالدى بىلەن يانفۇنىڭىزنىڭ ئىقتىدار تىزىملىكىدىن قورال تۈرى ئىچىگە كىرىمىز. بۇنىڭ ئىچىدىن پراگرامما باشقۇرۇش دىگەن تۈر ئىچىگە كىرىمىز. بۇنىڭ ئىچىدىن ئۆچۈرىۋەتمەكچى بولغان پراگراممىنى تاللاپ،تەڭشەك كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش بۇيرۇقىنى بەرسەكلا پراگراممىنى ئۆچۈرىۋىتىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !