باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • يانفۇن بىلىملىرى -2

    ۋاقىت:2009-01-30 | تۈرى:يانفۇن بىلىملىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34428942.html

     قانداق ئەھۋالدا يانفۇننى فورماتلايمىز؟يانفۇننى فورماتلاش ئېلىپ بارغاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك.

    يانفۇننى فورماتلاش ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا، يانفۇننىڭ دەسلەپكى تەڭشەكلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يەنى زاۋۇتتىن چىققان چاغدىكى تەڭشەك ھالىتىگە ئەكىلىش دىگەنلىك.يانفۇننى فورماتلاش پىرىنسىپى كومپىيۇتېر قاتتىق دىسكىسىنى فورماتلاشقا ئوخشىمايدۇ. بەلكى بەزى ماركىلىق كومپىيۇتېرلاردىكى بىر كۇنۇپكا بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇنىڭدا زاۋۇت قاتتىق دىسكىنىڭ مەلۇم رايۇنىنى كۆرۈنمەس قىلىپ، ئۇ رايۇنغا سىستىمىنى بىر قسىمىنى ياكى ھەممىسىنى زاپاسلاپ قويىدۇ. ئاندىن سىستمىدىن چاتاق چىققان چاغدا، زاۋۇت تەمىنلىگەن دىسكا ياكى ئۇسۇل ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.يانفۇننى فورماتلاش پىرىنسىپىمۇ مۇشۇنداق بولىدۇ.

    ★ يانفۇننى تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە فورماتلاش كېرەك.

    1.) يانفۇن ئىشلىتىش جەريانىدا ئېغىر سىستىما خاتالىقى كېلىپ چىقىپ،  ئوڭشىغىلى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا فورماتلاش كېرەك.

    2.) يانفۇننىڭ C دىسىكىىسدا ئەخلەت تازىلاش ئېلىپ بېرىپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن، سىستىما ھۆججەتلىرىنى ئۆچۈرۈپ قويۇپ، بەزى ئىقتىدارلارنى ئىشلەتكىلى بولمىغان چاغدا فورماتلاش كېرەك.

    3.) يانفۇن دائىم سەۋەپسىزلا ئۆزلىگىدىن ئۆچۈپ قىلىش، دائىم قايتا قوزغىلىپ كېتىش،  ئاق ئېكران بولۇپ قېلىش، ياكى باتارىيەسى نورمال ئەھۋال ئاستىدىمۇ يانفۇننى نورمال قوزغاتقىلى بولمىغان چاغلاردا يانفۇننى فورماتلاش كېرەك.

    4.) يانفۇنغا يۇمشاق دىتال ۋە ئويۇن قاچىلاپ ئۆچۈرۈش جەريانىدا C دىسكىدا كۆپ مىقداردا ئەخلەت ھۆججەت پەيدا بولۇپ،نورمال ئۇسۇل بىلەن تازىلىغىلى بولماي، يانفۇن بوشلۇقى ئازىيىپ كەتكەن چاغدا فورماتلاش كېرەك.

    ئېسىڭىزدە بولسۇن يۇقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە ئالدى بىلەن يانفۇنىڭىزنى بىرقېتىم فورماتلاپ بېقىڭ. ھەرگىزمۇ ئالدىراپ يانفۇن رىمونتخالىرىغا ئېلىپ بارماڭ. بولمىسا يانفۇننى فورماتلىسىلا ئوڭشىلىدىغان ئىشلارغىمۇ،  ئۇلار سىزنى ئەتە كېلىڭ دەپ يانفۇننى ئېلىپ قېلىپ، ئانى سالدىم مانى سالدىم، ئاران تەستە ئوڭشىدىم دەپ بىرمۇنچە پۇلغا  سىزنى يېقىتىشى مۇمكىن.

    ★ يانفۇننى فورماتلاش قانداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

    1.) يانفۇننى فورماتلىغاندا يانفۇن زاۋۇتتىن چىققان چاغدىكى ھالىتىگە قايتىدىغان بولۇپ، سىزنىڭ يانفۇن ئۆزىگە قاچىلىغان (ساقلاش كارتىسىغا ئەمەس) بەزى پراگرامما ۋە ماتىرياللىرىڭىز يوقاپ كېتىشى مۇمكىن. مەسىلەن. ئىسىم كارتۇچكسى، قىسقا ئۇچۇر، خاتىرە دەپتەر ئارقىلىق يېزىلغان خاتىرىلەر، رەسىم ، ئاۋاز، مۇزىكا قاتارلىقلار.

    2.) بەزى ساقلاش كارتىسدىكى پراگراممىلارنىڭ C دىسكا رايۇنىدا مۇناسىۋەتلىك ھۆججىتى بولسا، بۇ پىراگراممىلار نورمال ئىشلىمەي قېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن «ئىقتىدارلىق كېنوخانا»، java   پراگراممىلىرى دىگەندەكلەر.يانفۇننىڭ 2- لىنىيە نومۇرى نورمال ئىشلىمەسلىكى ياكى يوقاپ كېتىشى مۇمكىن.

    ★يانفۇننى فورماتلاشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

    1) يانفۇن باتارىيەسىدە توك يېتەرلىك بولۇشى كېرەك. ھەرگىزمۇ فورماتلاش ئېلىپ بىرىۋاتقان چاغدا توك تۈگەپ قالمىسۇن. بولمىسا، يانفۇننى زىيانغا ئۇچرىتىشى مۇمكىن.

    2). فورماتلاش جەريانىدا يانفۇننى ئۆچۈرۈشكە، توك قاچىلاشقا بولمايدۇ.

    3). يانفۇندىكى مۇھىم بولغان شەخسى ماتېرياللارنى زاپاسلىۋىلىش كېرەك.تۆۋەندە بىر قىسىم مۇھىم شەخسى ھۆججەتلەرنىڭ ئورنى بىرىلدى. فورماتلاشتىن بۇرۇن كۆچۈرىۋالسىڭىز بولىدۇ.

    - ئىقتىدار    C:\System\Data\applications.dat                   

    - كۈنتەرتىپ جەدىۋىلى   C:\System\Data\Calendar

    ساقلىغۇچ - C:\System\favourites

    تېلفۇن دەپتىرى  C:\System\Data\contacts.cdb

                           C:\System\Data\CntModel.ini

    رەڭلىك ئۇچۇر تەڭشىكى  C:\System\Data\MMS_Settings.dat

    ئويغىتىش سائىتى   C:\System\Data\AlarmServer.ini

    ئۇلاش تەڭشىكى   C:\System\Data\Cdbv3.dat

    كۆرۈنۈش ئەندىزىسى   C:\System\Data\profiles

    قىسقا ئۇچۇر تەڭشىكى   C:\System\Data\smsreast.dat

                            C:\System\Data\smssegst.dat

                            C:\System\Data\sms_settings.dat

    ئىقتىدارلىق كىنوخانا  C:/system/data/gsm_identity.qxc

                               C:/system/data/ip_config_x2.sys   

                               C:/system/data/StackSrv05.db   

                               C:/system/data/utility_dump.dat

    خەتكۈچىWAP   C:\System\Data\Bookmarks1.db

    رادىئو قاناللىرى     C:/system/apps/VisualRadio

    كۈتۈش ھالىتى ئەندىزىسى  C:\System\Data\ScShortcutEngine.ini

    تېلفۇن دەپتىرى، ئۇچۇر قاتارلىقلارنى يۇمشاق دىتال ئارقىلىقمۇ زاپاسلاشقا بولىدۇ

    يانفۇننى فورماتلاش ئۇسۇلى

    1) زاۋۇتتىن چىقىش ھالىتىگە قايتۇرۇش.

    كۈتۈش ھالىتىدە تۇرۇپ، يەنى ئادەتتىكى ھالەتتە تۇرۇپلا  *#7780# نومۇرنى كىرگۈزىمىز. ئاندىن بىزدىن مەخپى نومۇرنى كىرگۈزۈشنى سورايدۇ. ئالدىن بەلگىلەنگەن مەخپى نومۇرى 12345 .ئەگەر سىز باشقا نومۇر ئورۇنلاشتۇرغان بولمىسىڭىزلا بۇ نومۇرنى كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ. ياكى يانفۇننىڭ ئىقتىدار كۇنۇپكىسىنى بىسىپ، ئىقتىدار كۆزنىكىگە كىرىپ، بۇنىڭىدىن تەڭشەك ئىچىگە كىرىمىز. ئاندىن يەنە يانفۇن تەڭشىكى ئىچىگە كىرىمىز. بۇنىڭدىن «دائىملىق» دىگەن تۈرنى تاللاپ، بۇ تۈر ئىچىدىن «ئەسلى زاۋۇت ھالىتىگە قايتىش» دىگەن تۈرنى تاللىساقمۇ بولىدۇ. مەخپى نومۇر ئوخشاشلا 12345

    بۇ خىل ھالەتتە ئەسلىگە قايتۇرۇش پەقەتلا يانفۇننىڭ بەزى تەڭشەكلىرىنى ئەسلىگە قايتۇرىدۇ. بىراق ئۈنۈمى دىگەندەك ئەمەس. شەخسى ئۇچۇرلارغا ئانچە چوڭ تەسىرى يوق بولۇپ، يوقاپ كەتمەيدۇ.

    2) يۇمشاق فورماتلاش. كۈتۈش ھالىتىدە يەنى ئادەتتىكى ھالەتتە  *#7370# نى كىرگۈزىمىز. مەخپى نومۇر ئوخشاشلا 12345 .

    بۇنىڭدا يانفۇندىكى شەخسى ئۇچۇرلار يوقاپ كېتىدۇ. لىنىيە 2  يوقاپ كېتىشى مۇمكىن. ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا سىستىمىدا كۆرۈلگەن خاتالىقلارنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

    3) قاتتىق فورماتلاش. يانفۇن ئۆچۈرۈلگەن ھالەتتە بىرلا ۋاقىتتا «تېلفۇن ئۇرۇش كۇنۇپكسسى (يەنى يېشىل رەڭلىك تېلفۇن بەلگىسى بار كۇنۇپكا )+ * (يۇلتۇز كۇنۇپكىسى) + 3 ( ئۈچىنچى نومۇر كۇنۇپكىسى) + يانفۇننى ياندۇرۇش (ئېچىش ) كۇنۇپكىسىنى بىرلا ۋاقىتتا باسىمىز. دىققەت قىلىڭ. فورماتلاش باشلانماستىن تۇرۇپ، ھەرگىزمۇ قولىڭىزنى قويىۋەتمەڭ. ئىكراندا Formatting…… دىگەن خەت كۆرۈنگەندىن كېيىن ئاندىن قويىۋەتسىڭىز بولىدۇ.بۇ چاغدا ئىكران سولدىن ئوڭغا قاراپ تەدرىجى قارىيىدۇ. بۇ خىل ھالەت فورماتلاش ئاياقلاشقىچە داۋاملىشىدۇ.

    بۇ خىل ئۇسۇل يۇقارقى ئىككى خىل ئۇسۇلغا قارىغاندا ئەڭ ئۈنۈملۈك بولۇپ، بۇ ئۇسۇلنى يانفۇن ئېچىلماس بولۇپ قالغاندا، ياكى يانفۇننى ئېچىش مەخپى نومۇرىنى ئۇنتۇپ قالغاندا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

    4).  sTools دىتالى ئارقىلىق فورماتلاش. بۇمۇ بىر خىل يۇمشاق فورماتلاش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى 2- لىنىيە يوقاپ كەتمەيدۇ.     

    ئەگەر يانفۇننى فورماتلاشقا ئائىت تىخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلمەكچى بولسىڭىز گوگۇل ياكى بەيدۇ تورىغا كېرىپ خەنزۇچە格机   دىگەن ئاچقۇچلۇق سۆز بويىچە ئىزدىسىڭىز نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى تاپالايسىز.  


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !