باش بەت | ئېلكىتاپ | تەرجىمە فىلىم | ئالبۇم | ULY نۇسخىسى |
-
يانفۇن بىلىملىرى -3
ۋاقىت:2009-01-31 | تۈرى:يانفۇن بىلىملىرى
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/34481034.html
يانفۇن بىلىملىرى
Nokia يانفۇنلىرىنى ئىشلىتىدىغان تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى يانفۇن بىلىملىرى يوللاندى.
1.تېلىفۇن كەلگەندە تېلفۇن دەپتىرىدىكى ئىسىمنى نورمال كۆرسىتەلمەسلىك مەسىلىسى.
بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە جەھەتتە :
★ تېلىفۇن نومۇرى SIM كارتىسىغا ساقلانغان.
★ تېلىفۇن دەپتىرىدە ئوخشاش ئىسىمدىن ئىككىسى بولسىمۇ بەزىدە نورمال كۆرسىتەلمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
★ باشقا يۇرتنىڭ تېلىفۇن نومۇرلىرىنى ياكى شىركەت ئىچىكى قىسىمىدىكى تىلىفۇن نومۇرلىرىنى تېلىفۇنغا ساقلىغاندا رايۇن نومۇرى ياكى باش ئاپارات نومۇرى قوشۇپ ساقلانمىغانلىقتىن بۇ خىل ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.
2. ساقلاش كارتىسىغا يىڭى چۈشۈرگەن مۇزىكىلارنى كۆرۈنۈش ئەندىزىسى ( 情景模式) ئىچىدىن تاپالماسلىق مەسىلىسى.
★ چۈشۈرگەن ئاۋاز ھۆججىتى يانغۇن قوللايدىغان ھۆججەت شەكلىدىكى ئاۋاز ھۆججىتى ئەمەس.
★ چۈشۈرگەن ئاۋاز ھۆججەتلىرى توغرا بولغان مۇندەرىجە ئاستىغا كۆچۈرۈلمىگەن. ئاۋاز ھۆججەتلىرىنى ئادەتتە يانفۇن ساقلاش كارتىسىدىكى SOUNDS مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى digital ياكى simple دىگەن مۇندەرىجە ئاستىغا قويۇلۇشى كېرەك.
★ ئۈچىنچى تەرەپ قىستۇرمىسى بولمىغان ئەھۋالدا يانفۇن WMA شەكلىدىكى ئاۋاز ھۆججەتلىرىنى قوللىمايدۇ.
3.چۈشۈرگەن ناخشا ياكى فىلىم ھۆججىتىنى قويالماسلىق مەسىلىسى
★NOKIA نىڭ ئادەتتىكى simbian ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئەۋلات سىستىمىسى قاچىلانغان يانفۇنلىرى mp3,wav,amr,mid قاتارلىق ئاۋاز ھۆججەتلىرى بىلەن، 3gp, rmشەكلىدىكى فىلىم ھۆججەتلىرىنى قويالايدۇ.
★ MP4 شەكلىدىكى ھۆججەتلەرنى قويۇش ئۈچۈن يانفۇنغا pvplayer دىتالىنى قاچىلايمىز.AVI ھۆججىتىنى قويۇش ئۈچۈن ئىقتىدارلىق كىنوخانا (智能影院) ياكى coreplayer دىتالىنى قاچىلاش ئارقىلىق قويالايمىز. فىلەش ھۆججىتى بولغان swf شەكلىدىكى ھۆججەتلەرنى Flashlite دىتالىنى قاچىلاش ئارقىلىق قويالايمىز.WMA, OGG قاتارلىق ئاۋاز ھۆججەتلىرىنى oggplayer ياكى 天天动听 دىتالىنى قاچىلاش ئارقىلىق نورمال قويالايمىز.
4.قاچىلانغان يۇمشاق دىتالنى ئۆچۈرمەكچى بولغاندا «پراگرامما ئېچىلغان، ئۆچۈرگىلى بولمايدۇ» دىگەن ئۇچۇر چىقىۋىلىش مەسىلىسى
يانفۇننىڭ پىرىنسىپىمۇ كومپىيۇتېرنىڭ پىرىنسىپى بىلەن ئوخشاش بولۇپ،ئىجرا بولىۋاتقان پىراگراممىنى ئۆچۈرگىلى بولمايدۇ.ئۆچۈرۈش ئۈچۈن سىز چوقۇم شۇ پراگراممىدىن نورمال ئۇسۇلدا چىكىنىپ چىقىپ، ئاندىن ئۆچۈرۈش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشىڭىز كېرەك.
5.يانفۇن تۇيۇقسىز ئۆزلىگىدىن ئۆچۈپ قالسا، ياكى قايتا قوزغىلىپ كەتسە،ۋە ياكى ئىچىكى ساقلىغۇچ يېتىشمىدى () دىگەن ئۇچۇر چىقىۋىلىش مەسىلىسى.
★ بۇنداق مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ، قوزغىتىلغان پراگراممىلار بەك كۆپ بولۇپ كەتكەن بولۇپ،بۇنداق ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يانفۇن پراگراممىلىرىدىن چىكىنگەندە چىكىنىش بۇيرۇقىنى بىسىپ تۇرۇپ چىكىنىش كېرەك. ھەرگىزمۇ بىۋاستە قىزىل كۇنۇپكىنى يەنى تىلفۇننى ئۈزۈش كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇرماسلىق كېرەك. چۈنكى بۇنىڭدا يانفۇن ئىكرانىدا شۇ پراگرامما كۆرۈنمىسە، ئەمىليەتتە پراگرامما ئىچكى ساقلىغۇچتا ئىجرا بولىۋاتقان بولىدۇ. سىز يەنى بىر پراگراممىنى قوزغاتسىڭىز، تەبىئىلا ئۇ پراگرامما ئىشلىتىدىغان ئىچكى ساقلىغۇچ ئازلايدۇ. ئەگەر سىز بۇنداق پراگراممىدىن بىر قانچىنى قوزغىتىۋالسىڭىز، يانفۇنىڭىزنىڭ سۈرئىتى ئاستىلاپ كەتكەنلىكىنى، پراگرممىنى ئىجرا قىلماي، «ئىچكى ساقلىغۇچ يىتىشمىدى» دىگەن ئۇچۇر چىقارغانلىقىنى، ھەتتا قايتا قوزغىلىپ كەتكەنلىكىنى بايقايسىز.
★ بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى سىز يانفۇنىڭىزغا APPMan دىگەندەك ئىجراۋۇل پراگراممىلارنى باشقۇرغۇچى دىتاللارنى قاچىلاپ، بۇ دىتالدىن پايدىلىنىپ، ئىجرا بولىۋاتقان پراگراممىلارنى ئاخىرلاشتۇرسىڭىز بولىدۇ. ياكى ئىقتىدار كۇنۇپكىسىنى ئۇزاقراق بىسىپ تۇرۇسىڭىز، ئىجرا بولىۋاتقان پراگراممىلار كۆرۈنىدۇ.سىز بۇلار ئارىسىدىن توختىتىشقا تىگىشلىك پراگراممىلارنى تاللاپ، توختاتسىڭىز، ياكى ئىشلەتمەيدىغان پراگراممىلارنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن بىراقلا ئۆچۈرىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
★ يانفۇننى بىر ئۆچۈرۈپ قايتا ياندۇرساقمۇ بولىدۇ.
6. ساقلاش كارتىسىنى كومپىيۇتېردا فورماتلىغاندىن كېيىن، يانفۇنغا سالساق، «ساقلاش كارتىسى بۇزۇلغان» دىگەن ئۇچۇر چىقىۋىلىش مەسىلىسى.
بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى يانفۇن ساقلاش كارتىسىنى كومپىيۇتېردا فورماتىلىغاندا، بىزنىڭ ھۆججەت سىستىمىسىنى Fat32 ياكى NTFSھالىتىدە فورماتلاپ قويغانلىقىمىزدىن بولغان. بۇ خىل ئۇچۇر چىقىۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن يانفۇن كارتىسىنى چوقۇم Fat ھۆججەت سىستىمىسى بويىچە فورماتلىشىمىز كېرەك. ياكى يانفۇن ئۆزىدە تۇرۇپ فورماتلاش ئېلىپ بارساق بولىدۇ.ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن ئىقتىدار كۇنۇپكىسىنى بىسىپ، بۇنىڭ ئىچىدىن ساقلاش كارتىسىنى تاللايمىز. ئۇنىڭ ئىچىدىن تەڭشەك دىگەن كۇنۇپكىنى بىسىپ، تىزىملىكتىن ساقلاش كارتىسىنى فورماتلاش دىگەن بۇيرۇقنى تاللىساقلا بولىدۇ.(功能-存储卡-选项-格式化存储卡).
7. ساقلاش كارتىسىنى يىڭىلىغان چاغدا كونا كارتىدىكى نەرسىلەرنى يىڭى كارتىغا كۆچۈرىۋالغان، بولساقمۇ ئەسلىدىكى قاچىلانغان يۇمشاق دىتاللار ئىجرا بولماسلىق مەسىلىسى.
بۇنىڭ سەۋەبى ئەسلىدىكى كارتىدىكى يوشۇرۇن ھالەتتىكى SYSTEM مۇندەرىجىسى ئىچىدىكى ھۆججەتلەر كۆچۈرۈلمىگەن. بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىز پەقەت ، كومپىيۇتېرنىڭ خاسلىقىنى بارلىق ھۆججەتلەر كۆرۈنىدىغان ھالەتكە تەڭشەپ، ئاندىن SYSTEM مۇندەرىجىسىنى قوشۇپ كۆچۈرسەك بولىدۇ.يوشۇرۇن ھۆججەتلەرنى كۆرۈش ئۈچۈن «مېنىڭ كومپىيۇتېرىم» كۆزنىكىدىن «قورال» تىزىملىكىنى تاللاپ، بۇنىڭ ئىچىدىن «مۇندەرىجە تەڭشىكى» () دىگەن تۈرنى تاللايمىز. ئېچىلغان كۆزنەكتىن، «كۈزىتىش» (查看) دىگەن تاللانمىنى تاللاپ، بۇ كۆزنەكتىكى ئالى دەرىجە تۈرلىرى ئىچىدىن «بارلىق مۇندەرىجە ۋە ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىش» (显示所有文件和文件夹) دىگەن تۈر ئالدىغا بەلگە قويۇپ قويساقلا بارلىق ھۆججەتلەر كۆرۈنىدۇ.
8. java پراگراممىلىرىنى قاچىلىيالماسلىق، قاچىلىسىمۇ سىنبەلگە بار، بىراق ئىجرا بولماسلىق مەسىلىسى.
★java پراگراممىلىرى خەنزۇچە ھۆججەت ئىسمىنى قوللىمايدۇ.ئەگەر ھۆججەت ئىسىمىد خەنزۇچە خەت ياكى بوش ئورۇن بولسا، قاچىلىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ھۆججەت ئىسىمىنى لاتىن يېزىقلىرى بىلەن ئىپادىلەش كېرەك.ھەمدە بوش ئورۇن قويماسلىق كېرەك.
★ قاچىلاش ئۇسۇلى توغرا بولمىغان بولۇشى مۇمكىن.
★NOKIA نىڭ بەزى يانفۇنلىرىغا ماس كەلگەن java پراگراممىلىرى يەنە بەزى NOKIA يانفۇنلىرىغا ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا قاچىلاشتىن بۇرۇن شۇ خىل يۇمشاق دىتالنىڭ سىزنىڭ يانفۇنىڭىزدەك يانفۇنغا قاچىلاپ ئىشلەتكەنلەر بارمۇ- يوق؟ بۇنى توردىن ئىزدەپ بېقىپ ئاندىن قاچىلاڭ.
收藏到:Del.icio.us
كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !