باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • نادىر يانفون ئويۇنلىرى

    ۋاقىت:2009-02-02 | تۈرى:يانفۇن بىلىملىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34536909.html

    نادىر يانفون ئويۇنلىرى

    تۆۋەندىكى ئويۇنلارنىڭ ھەممىسى نوكىيا يانفونلىرىنىڭ s60v2 مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلەتكەن يانفونلىرىدا ئىشلەيدىغان ئويۇنلار. جەمئى يەتتە پىرىس ھۆججىتى ئىچىگە 24 خىل ھۆججەت قاچىلانغان. بولۇپ، ھىساپتا 24 خىل ئويۇن ھىساپلىنىدۇ. ھۆججەت شەكىللىرى sis, jar    شەكىللىرىدىدۇر.
     بۇ ئويۇنلار nokia 3230 , N72  قاتارلىق ئىككى خىل يانفونغا قاچىلاپ ، ئويۇننىڭ ئىجرا بولۇشى نورمال ياكى ئاساسەن نورمال بولغان ئويۇنلاردۇر. ئەگەر يانفۇنىڭىز يۇقارقى ئىككى خىل تىپتىكى يانفۇن بولسا، دەرھال قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر باشقا خىلدىكى يانفۇن بولسا تورداشلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سىناپ بىقىشىنى سورايمەن. ئەگەر نورمال بولسا، ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قويارسىز. باشقىلارمۇ پايدىلانغاي.
    1.ماشىنا ئويۇنى
    .
    ئويۇن ئەسلى ئىسمى -ASPHLAT 3D

    سۈرەت ئېنىقلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولغان بىر خىل ماشىنا مۇسابىقىسى ئويۇنى. ئويۇننى ئوينىسىڭىز ئۆزىڭىزنى كومپيۇتېردا ماشىنا مۇسابىقىسى ئويۇنىنى ئوينىغاندەكلا ھېس قىلىسىز. nokia 3230 , N72 دا ئىجرا بولۇشى ناھايىتى نورمال.باشقا تىپلىق يانفونلاردا سىناپ باقمىغان.
    چۈشۈرۈش : files/12335695713.rar
    2. شاھمات ئويۇنلىرى

    بۇنىڭدا خەلقئارا شاھمات، دامكا ۋە جۇڭگوچە شاھمات قاتارلىق ئۈچ خىل تۈردە جەمئىي يەتتە ئويۇن ھۆججىتى بار.
    خەلقئارا شاھمات ئويۇنىدىن بەش خىلى بولۇپ، بۇلار
    ChessGenius نىڭ 1.0، 1.2 ، 1.41 قاتارلىق نەشر نۇسخىلىرى بار. بۇ ئويۇننىڭ ھەر ئۈچىلا نۇسخىسى nokia 3230 , N72 دا نورمال ئىجرا بولدى. بۇندىن باشقا يەنە بىر Chessmaster ناملىق شاھمات ئويۇنى بار.بۇ ئويۇندا ئۇرۇقلارنى يۆتكەش سەل ئاۋارىچىلىك ھېس قىلدىم.
    دامكا ئويۇنى ئىنگلىزچە ئىسمى
    checkers بولۇپ، بىز ئويناپ ئۆگەنگەن دامكا ئويۇنى بىلەن ئوخشاش. ئادەتتىكى يۈرۈشتە كەينىگە يۈرۈشكە بولمايدۇ دامغا چىققاندىن كېيىن ئاساسلىق رولى كەينىگە مېڭىش بولۇپ، پەقەت بىرلا قەدەمدىن ماڭىدۇ. باشقا يەرلىرى ئالاھىدە ئەمەس.
    ئۈچىنچىسى جۇڭگوچە شاھمات بولۇپ، بۇنى جۇڭگوچە شاھماتنى ئويناشنى بىلىدىغانلار چۈشەندۈرسۇن
    .
    چۈشۈرۈش: files/12335695714.rar

    3. قارت ئويۇنلىرى.
    جەمئىي تۆت خىل قارت ئويۇنى بار.

    بىرىنچىسى پومېشچىك بىلەن ئىلىشىش ئويۇنى(斗地主) . بۇ ئويۇن جاۋا ھۆججىتى شەكلىدە بولۇپ،  ئىجرا بولۇشىدا سەل مەسىلە كۆرۈلدى. يەنى تېلېفون كەلگەندە ئويۇندىن بىراقلا چېكىنىپ چىقىپ كەتتى. تورداشلارنىڭ يەنىمۇ سىناپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    ئىككىنچىسى
    (助大 D) ئويۇنى بولۇپ، ئويۇن قائىدىسىنى بەيدۇدىن ئىزدىسىڭىز تاپالايسىز.
    ئۈچىنچىسى
    (升级王) ئويۇنى بولۇپ، ئويۇن قائىدىسىنى توردىن تاپالايسىز.

    تۆتىنچىسى (大老二) دېگەن ئىسىمدىكى ئويۇن بولۇپ، ئويۇن قائىدىسى 助大 D بىلەن ئوخشاپ كېتىدىكەن.
    چۈشۈرۈش:  
    files/12335695711.rar 

    4. توپ تۈرىدىكى ئويۇنلار

    بۇنىڭدا ئىككى خىل ئويۇن بار. بىرىنچىسى پۇتبول ئويۇنى. ئىككىنچىسى باۋلىڭ توپ ئويۇنى.ھەر ئىككى ئويۇننىڭ ئىجرا بولۇشى ئىنتايىن نورمال.
    چۈشۈرۈش: files/12335695715.rar
    5.
    بىليارت تۈرىدىكى ئويۇنلار.

    بۇنىڭدائىككى  خىل ئويۇن بولۇپ، بىرىنچىسى مەخسۇس سىنوك ئويۇنى. ئىككىنچىسى ئادەتتىكى ئالا- سىدام ئويۇنى ، توققۇز توپ ئويۇنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئويۇندۇر. بۇنىڭ ئىككى نەشرى بار 1.0 ۋە 3.3 نەشرىدۇر.
    چۈشۈرۈش: files/12335695710.rar
    6.
    ماجاڭ ئويۇنلىرى

    بۇنىڭدا ئۈچ خىل ئويۇن بار. بىرىنچىسى 4 كىشىلىك ماجاڭ ئويۇنى. ئىككىنچىسى ماجاڭ پىرى نامىدىكى ئويۇن. ئۈچىنچىسى ئويۇنچاقخانىلاردىكى ئويۇنچۇقلارغا قاچىلانغان ماجاڭ ئويۇنى يەنى ئىككى كىشىلىك ئويۇن بولۇپ، بۇ ئويۇننىڭ ھەممە يېرى بولىدىكەن، بىراق ئازراق يېرىم يالىڭاچ سۈرەتلەر باركەن. شۇڭا بۇ ئويۇننى بالىڭىز ياكى ئاتا- ئانىڭىز بار يەردە ئويناپ سالماڭ.
    چۈشۈرۈش:  files/12335695712.rar
    7.ئايروپىلان ئويۇنلىرى

    بۇ تۈردە ئىككى خىل ئويۇن بار. ھەر ئىككىلا ئويۇندا كۈرەشچى ئايروپىلان بىلەن ئالدىڭىزدىكى توسالغۇنى يوقىتىسىز.
    چۈشۈرۈش : files/12335695716.rar


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • [avatar:30]يانفۇن ئۇيۇننىڭ ھوججەت شەكلىنى nesشەكىلگە ئايلاندۇرغىلى بولمامدۇ؟ چ چ 752722503
    ئابرال回复مەمەتجان说:
    مېنىڭچە بولماسلىقى مۇمكىن. ئەگەر سىزگە بۇ خىل شەكىلدىكى ئويۇنلار كېرەك بولسا، توردىن ئىزدىسىڭىز خېلى كۆپ بار. چوقۇم تاپالايسىز.
    2009-02-22 12:50:59

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !