باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • ئىشەنچلىك يانفۇن يۇمشاق دېتاللىرى

    ۋاقىت:2009-02-05 | تۈرى:يانفۇن بىلىملىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34656358.html

     

    تۆۋەندىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەممىسى نوكىيا يانفونلىرىنىڭ s60v2 مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلەتكەن يانفونلىرىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ،  بۇ دېتاللار nokia 3230 , N72  قاتارلىق ئىككى خىل يانفونغا قاچىلاپ ، يۇمشاق دېتالنىڭ ئىجرا بولۇشى نورمال بولۇپ، سىناقتىن ئۆتكەن. s60v2  مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلەتكەن باشقا تىپتىكى يانفونلاردا سىناپ باقمىدىم. دوستلار ئۆزىنىڭ ياقتۇرۇشى بويىچە چۈشۈرۈپ سىناپ باقسا بولىدۇ.
    1.
    ئاۋاز ھۆججەتلىرىنى قويۇش دېتالى.
    بو ئويۇننىڭ ئىسمى  (
    天天动听)TTPOD  بولۇپ،ئاۋاز ھۆججەتلىرىنى قويۇش يۇمشاق دېتالى. بۇ دېتال بىز كومپيۇتېردا كۆپ ئىشلىتىدىغان TTplayer 千千静听 دېتالىغا ئوخشاش دېگۈدەك بولۇپ، بۇ دېتال ئارقىلىق سىز يانفوندا mp3 ھۆججىتىدىن باشقا wma, ogg, wav قاتارلىق ھۆججەتلەرنى قويۇپ ئاڭلىيالايسىز.
    چۈشۈرۈش ئادرىسى:چۈشۈر
    2. فىلىم ھۆججىتى قويۇش دىتالى.
    بۇ دىتالنىڭ ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى
    终级风暴 ئىنگىلىزچە ئىسمى   CorePlayer بولۇپ، ھىس قىلىشىمچە يانفۇندا  ئەڭ ياخشى فىلىم قويۇش دىتالى. Avi,3gp,mp4  قاتارلىق كۆپ ئۇچرايدىغان يانفۇن فىلىم ھۆججەتلىرىنى نورمال قويالايدۇ. ئەمما بىرلا كەمچىلىكى تىزىملىتىش كېرەك. تۆۋەندىكى ھۆججەتكە تېزىم نومۇرى چىقىرىپ بىرىدىغان ھۆججەتمۇ قوشۇپ يوللانغان بولۇپ، سىز ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنىڭ يانفۇنىنىڭ بىردىبىر نومۇرى ( *#06# نى كىرگۈزگەندە كۆرۈنگەن نومۇر) نى كىرگۈزۈپ بەرسىڭىز سىزگە بىر يۈرۈش تېزىم نومۇرىنى چىقىرىپ بىرىدۇ. سىز شۇ تىزىم نومۇرىنى كىرگۈزۈپ بەرسىڭىز نورمال ئىشلەيدۇ.
    چۈشۈرۈش ئادرىسى:چۈشۈر
    3.
     AVI تىپىدىكى فىلىم ھۆججەتلىرىنى قويۇش دېتالى
    دېتال نامى ئىقتىدارلىق كىنوخانا بولۇپ، خەنزۇچە(
    智能影院) دېيىلىدۇ. بۇ دېتال ئارقىلىق يانفونىڭىزدا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى فىلىم ھۆججەتلىرىنى قويالايسىز.بۇنىڭغا قوشۇپ ئۆزىنىڭ فىلىم ئايلاندۇرغۇچىسى قوشۇپ بېرىلدى.
    چۈشۈرۈش ئادرىسى:چۈشۈر
    4. ئۇيغۇرچە ئېلكىتاپ كۆرۈش دېتالى
    يەنى تور ئەھلىگە ئاساسى جەھەتتىن تونۇش بولغان
    Repligo نامىدىكى  ئېلكىتاپ كۆرۈش قورالى بولۇپ، ئېلكىتاپ ھۆججەت تىپى RGO دۇر. بۇ دېتالنىڭ ئاساسى ئالاھىدىلىكى يۇنىكودنى قوللىغاچقا ، بىزمۇ يانفوندا بىمالال ھالدا ئۇيغۇرچە ئىلكىتاپلارنى كۆرەلەيمىز. ئەگەر سىزگە يانفون ئېلكىتاپلىرى لازىم بولسا،بىلوگىمدىكى يانفون كىتابلىرى ئارىسىدىن تاللاپ چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭغا يەنە يانفون ئېلكىتاپ ئىشلەش قورالى قوشۇپ بېرىلدى.
    چۈشۈرۈش ئادرىسى:چۈشۈر
    5.
    ياخشى ياردەمچى دېتالى
    بۇ دېتالنىڭ خەنزۇچە(
    好帮手)بولۇپ، بۇ دېتالنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى سىزنىڭ ھەر قانداق قوبۇل قىلغان ياكى ئۇرغان تېلېفونىڭىزنى يانفونغا خاتىرىلەپ ماڭىدۇ.
    )ئەلۋەتتە سىزنىڭ ۋە قارشى تەرەپنىڭ سۆزلەشكەن ئاۋازىنى.) ئۇندىن باشقا يەنە بىر قانچە كىچىك ئىقتىدارى بار .مەسىلەن يانفون كۇنۇپكىلىرىنى  ئاپتوماتىك قۇلۇپلاش دېگەندەك.
    چۈشۈرۈش ئادرىسى:چۈشۈر
    6. ھۆججەتلەرنى مەخپىيلەشتۈرۈش دېتالى
    بۇ دېتال ئارقىلىق سىز يانفونىڭىزدىكى بىر قىسىم رەسىم، فىلىم ھۆججىتى، ناخشا، ئۇچۇر، تېلېفون دەپتىرىدىكى خاتىرە قاتارلىقلارنى مەخپىيلەشتۈرۈپ قويالايسىز
    .
    يانفونىڭىزنى باشقىلار ھەر قانچە ئاختۇرۇپمۇ  ئۇ نەرسىلەرنى تاپالمايدۇ. ئۆزىڭىز كۆرمەكچى بولسىڭىز يەنە مۇشۇ دېتالنى قوزغىتىپ كۆرسىڭىزلا بولىدۇ
    .
    چۈشۈرۈش ئادرىسى:چۈشۈر
    7.ئىشخانا ھۆججەتلىرىنى كۆرۈش دېتالى
    بۇ دېتالنىڭ ئىسمى
    queck office بولۇپ، كومپيۇتېردىكى word, excel, powerpoint ھۆججەتلىرىنى يانفوندا ئېچىپ كۆرەلەيسىز ھەمدە تەھرىرلىيەلەيسىز.
    چۈشۈرۈش ئادرىسى:چۈشۈر
    8. ئىجراۋۇل پروگراممىلارنى باشقۇرۇش دېتالى
    .
    بۇ دېتالنىڭ ئىسمى
    Appman  بولۇپ، بۇ دېتال ئارقىلىق يانفونىڭىزدا نۆۋەتتە ئىجرا بولۇۋاتقان ، كۆزنەك، پروگرامما قاتارلىقلارنى كۆرەلەيسىز ھەمدە ئۇ پروگراممىلارنى ئېتىۋىتەلەيسىز.
    چۈشۈرۈش ئادرىسى:چۈشۈر
    9.ھۆججەت باشقۇرۇش دېتالى
    بۇ دېتالنىڭ ئىسمى
    seleQ بولۇپ، بۇ دېتال ئارقىلىق يانفونىڭىزنى دىسكا رايونلىرىنى كومپيۇتېردا قاتتىق دىسكا رايونلىرىنى كۆرگەندەكلا كۆرەلەيسىز. ھەمدە ھۆججەتلەرنى كۆچۈرۈش، يۆتكەش، ئۆچۈرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلالايسىز.
    چۈشۈرۈش ئادرىسى:چۈشۈر
    10.لۇغەت سۆزلۈكى

    بۇ لۇغەت
    nokia يانفونىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان خەنزۇچە ئىنگلىزچە لۇغەتنىڭ سۆزلۈكى بولۇپ، بۇنى قاچىلىسىڭىز ئەسلىدىكى لۇغەتنى ئىشلىتەلەيسىز.
    چۈشۈرۈش ئادرىسى:چۈشۈر
    11.ئالتۇنتاغ لۇغىتى
    .
    يەنى (
    金山词霸)  خەنزۇچە –ئىنگىلىزچە قوش يۆلىنىشلىك لۇغىتىدۇر. بۇ لۇغەت nokia 3230 دا ئىجرا بولۇشى ئىنتايىن نورمال، بىراق N72 دا سەل ماسلاشماسلىق كۆرۈلدى. تورداشلار ئۆزلىرى يەنىمۇ سىناپ باقسا بولىدۇ.
    چۈشۈرۈش ئادرىسى:چۈشۈر
    12.
    مالىيە باشقۇرۇش دېتالى.
    بۇ بىر شەخسلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كېلىدىغان ئادەتتىكى چىقىمنىلا خاتىرىلەيدىغان دېتال بولۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ قانچىلىك پۇل خەجلەۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرماقچى بولسىڭىز، بۇنى قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ
    .
    چۈشۈرۈش ئادرىسى:چۈشۈر
    13.ئېلكىتاپ كۆرۈش دېتالى
    .
     بۇ خەنزۇچە مۇنبەرلەردە مودا بولغان دېتالكەن.دېتال ئىسمى(百阅) ئاساسى ئىقتىدارى تورغا چىقىش بولۇپ، توردىن خەۋەر كۆرۈش، رەسىم يوللاش، ھۆججەت چۈشۈرۈش قاتارلىق نۇرغۇن ئىقتىدارلىرى باركەن. ئەمما ماڭا ئوخشاش يانفوندا تورغا چىقمايدىغانلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىقتىدارى TXT  ھۆججەتلىرىنى ئوقۇش ئىقتىدارى بولۇپ،ئوقۇش ئىقتىدارى مەن كۆرۈپ باققان ھەر قانداق دېتالدىن ياخشى چىقتى.بۇندىن باشقا يەنە ئۆزىنىڭ umd شەكلىدە ئېلكىتاپ ھۆججىتى باركەن. بۇ خىلدىكى يانفون ئىلكىتاپلىرى خەنزۇچە مۇنبەرلەردە ئىنتايىن كۆپكەن. چاتاق يېرى ئۇيغۇرچىنى قوللىمايدىكەن. ئانچە – مۇنچە خەنزۇچە ھۆججەتلەرنى كۆرمەكچى بولغانلار قاچىلاپ ئىشلەتسە بولىدۇ.
    چۈشۈرۈش ئادرىسى:چۈشۈر
    14.
    ئىسىم كارتۇشكىسىنى زاپاسلاش دېتالى
    ئەگەر سىز يانفونىڭىزنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز، يانفونىڭىزنىڭ تېلېفون دەپتىرىدىكى بىرمۇنچە دوستلىرىڭىزنىڭ تېلېفون نومۇرىنى ساقلىۋېلىشتىن غەم قىلىۋاتقان بولسىڭىز بۇ دېتال سىزگە ئەڭ ياخشى ياردەمچىدۇر
    .بۇ دېتال ئارقىلىق سىز  يانفوندىكى بارلىق ئىسىم كارتۇشكىلىرىنى زاپاس ساقلىۋالالايسىز.
    چۈشۈرۈش ئادرىسى:چۈشۈر
    15. يانفون ھۆججەتلىرىنى زاپاسلاش دېتالى
    بۇ بىر خىل كومپيۇتېردىكى
      Ghost قا ئوخشاش دېتال بولۇپ،  بۇ دېتال ئارقىلىق يانفونىڭىزدىكى رەسىم ۋە باشقا نەرسىلەرنى زاپاسلىيالايسىز ھەمدە ئەسلىگە قايتۇرالايسىز.
    چۈشۈرۈش ئادرىسى:چۈشۈر
    16.كۆك بۆرە ئۇسلۇبى
    .
    بۇ بىر يانفون ئۇسلۇبى بولۇپ، شەكلى كۆك بۆرىنىڭ ئاسمانغا قاراپ ھۇۋلاۋاتقان رەسىمى بار. ئۇنىڭ ئۈستىدە ئاي يۇلتۇز )ئىچىگە ئەرەبچە خەتلەر يېزىلغان( بەلگىسى بار. ماڭا ناھايىتى يارىدى
    چۈشۈرۈش ئادرىسى:چۈشۈر


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • [avatar:30]تېكىست شەكىلىدىكى ئىلكىتاپلار يوقمۇ؟ دىمەكچى زاپار تىلفۇنلاردا ئويغۇرچە ئىلكىتاپ كۆرگىلى بولمامدۇ؟
    مۇمكىن بولسا ئېنىق جاۋابىنى ئىلخەت ئادىرىسىمغا يوللاپ بەرگەن بولساڭلار.[defFace:0]
    ئابرال回复ئابلاجان说:
    ھازىرچە ئۇيغۇرچە تىكىست شەكلىدىكى ئىلكىتاپلارنى كۆپ قىسىم تىلفۇنلار قوللىماسلىقى مۇمكىن. بولۇپمۇ زاپەر تىلفۇنلار.
    ئەمما خەنزۇچە تىكىست شەكلىدىكىلەرنى خېلى كۆپ قىسىم يانفۇنلار قوللايدۇ.
    2009-02-13 22:39:29

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !