باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • ئاندورويد ئەپلىرىدىن تەۋسىيە

    ۋاقىت:2012-01-14 | تۈرى:يانفۇن بىلىملىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ilkitap-logs/187350834.html

     

    مېنىڭ ئوقىغان كەسپىم مالىيەگە مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئالدى بىلەن دوستلارغا ئاندوريىد سىستىمىسدىكى مالىيە باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە دىتاللارنى تونۇشتۇرۇپ قوياي

    1. شەخسى كىرىم-چىقىم باشقۇرۇش يۇمشاق دىتاللىرى

    بۇ خىل دىتاللار بەكلا كۆپ بولۇپ، تۆۋەندە تورداشلارغا ئىقتىدارى بىر قەدەر تولۇق بولغان، ھەقىقى مەنىدىكى بوغالتىرلىق يۇمشاق دىتالىغا يېقىنلىشالايدىغان تۆۋەندىكى 3 يۇمشاق دىتالنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.

    1-随手记

     بۇ دىتال ناھايىتى كۆركەم لايھەلەنگەن بولۇپ بۇ دىتالنىڭ ئورگان تور بېتى http://www.feidee.com . ئورگان تورىدا ھىساپ ئىچىپ، يانفۇندىكى ھىساپلىرىڭىزنى توردا ماس قەدەملەشتۈرۈپ مېڭىشقا بولىدۇ. بۇ دىتالدا كىرىم، چىقىم، باشقىلاردىن ئالغان قەرز، باشقىلارغا بەرگەن قەرز ۋە ساپ مۈلۈك قاتارلىق ھىساباتلارنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا بۇ دىتال بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان كومپيۇتىردىكى نەشىرى 家财通 دىگەن دىتال بولۇپ، بۇ ئىككى دىتالنى بىرلەشتۈرۈپ ئائىلە مالىيەسىنى باشقۇرۇش ناھايىتى قولايلىق. ئەگەر  تىزىملىتىپ  ھەقلىق نۇسخىسىنى سىتىۋالسا ھەممە ئىقتىدارنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ، بولمىسا ئادەتتە بىر قانچە تۈرلۈك ئىقتىدارنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. ئەمما بۇ بىرنەچچە تۈرلۈك ئىقتىدار ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن بەكمۇ زۆرۈر ئەمەستۇر. بۇ دىتالنى ئورگان تورىدىن ياكى ۋەندوۋجىيا ئارقىلىق چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.

    2-安卓记账本

     بۇ دىتالمۇ يۇقارقى دىتال بىلەن بەك پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭدىمۇ كىرىم، چىقىم، مۈلۈك، قەرز ۋە باشقىلار قاتارلىق ھىساپ تۈرلىرى تەسىس قىلىنغان. بۇنىڭىدا پەقەت ھىساپلارنىڭ تەپسىلى تۈرلىرى يەنى 2-دەرىجىلىك ھىساپلارنى ئۆزىڭىز تۇرغۇزىسىز. بۇنىمۇ ۋەندوۋجىيادىن چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.

    3-君子爱财

    بۇ دىتالمۇ يۇقارقىلارغا ئوخشاش ئىقتىدارلارغا ئىگە بولۇپ، بۇنىڭىدا يەنە مەبلەغ سىلىشنى باشقۇرۇش دىگەندەك تۈرلەر قوشۇلغان. ئەمما كۆرۈنۈشى ئاۋۇ ئىككى دىتالغا قارىغاندا تازا كۆركەم ئەمەس. بۇنىمۇ ۋەندوۋجىيادىن چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.

    يۇقارقى ئۈچ دىتال ئاندويىد سىستىمىسىدىكى، ھەقىقى بوغالتىرلىق دىتالىغا ئەڭ يېقىنلاشقان دىتال بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتە مۈلۈك- قەرز جەدىۋىلىمۇ چىقىرىپ بېرەلەيدۇ. ئەگەر سىز بۇ دىتاللارنى بەك مۈرەككەپ ھىس قىلسىڭىز، بۇلاردىن ئاددى بولغان، پەقەت كىرىم ۋە چىقىمنىلا خاتىرلەيدىغان دىتاللار بولۇپ،  بۇ دىتاللارنى ۋەندوۋجىيا دىن 理财 دىگەن تۈر  بويىچە ئىزدىسىڭىزلا نۇرغۇننى تاپالايسىز.

    2. سىتىش، سېتىۋىلىش ۋە ئىسكىلات باشقۇرۇش تۈرىدىكى يۇمشاق دىتاللار

    بۇ خىلدىكى دىتاللار ئاندويىد سۇپىسدا ئانچە كۆپ ئەمەس بولۇپ، پەقەت بىر نەچچىسىلا بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆزى ھەقسىز، ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى، ھەم ئۇيغۇرچىلاشتۇرغىلى بولىدىكەن دەپ قارىغان دىتال 生意小管家 بولۇپ، بۇ دىتالغا مەن ئۆزۈمچە دۇكاندار دەپ ئىسىم قويۇپ، ئازراق يېرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ باققان ئىدىم. خېلى نورمال كۆرۈندى. ئەمما يەنىلا شۇ ئە،ئى نىڭ ئىشى ئادەمنىڭ ئىچىنى بەكلا پۇشۇرىدىكەن.

    1- 生意小管家

    بۇ دىتالدا خېرىدار باشقۇرۇش، مال باشقۇرۇش، مال سېتىۋىلىش، باھا باشقۇرۇش، ئىسكىلاتتىكى مال، مال سېتىپ چىقىرىش، مال قايتۇرۇش، سىتىش باھاسى، دىگەندەك تۈرلەر بويىچە تەپسىلى خاتىرلەش ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان بولۇپ،بۇ دىتال ئادەتتىكى كىچىك دۇكاندارلارنى ئۆز دۇكىندىكى ماللارنى كومپىيۇتېر بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا پۈتۈنلەي يانفۇنغا تاينىپ باشقۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئەگەر سىز بىر دۇكاندار بولسىڭىز بۇ دىتالنى چوقۇم سىناپ بېقىڭ.

    2- 来钱快

    بۇ دىتالنى يانفۇن تورغا ئۇلانغان ھالەتتە ئاندىن ئىشلەتكىلى بولىدىكەن. ئەمما بۇ دىتال ئاۋۇ ئىككى دىتالغا قارىغاندا دۇكان خوجايىنلىرىغا بەكرەك ماس كېلىدىغان بولۇپ، دىتالغا كىرىشىتمۇ ئالدى بىلەن تورغا بىر يانفۇن نومۇرىڭىز ئارقىلىق، خوجايىن تۈرىگە  تىزىملىتىپ كىرىپ، ئۆزىڭىز باشقۇرغۇچى بولۇپ، ئاندىن دۇكان خادىملىرىنىڭ ئارخىپىنى تولدۇرۇپ بەرسىڭىز، سىزنىڭ ھىساۋاتىڭىزغا دۇكان خادىمىمىمۇ كىرەلەيدىكەن. يەنى ئەگەر سىز سىرتتا بولسىڭىز، دۇكاندىكى خىزمەتچىڭىزنىڭ ساتقان ماللىرىنى توردا تۇرۇپلا كۆرەلەيدىكەنسىز. ئۇندىن باشقا بۇ دىتالنىڭ كامىرا ئارقىلىق ماللارنىڭ تاياقچە كودى ئارقىلىق مال سىتىش ۋە سىتىۋىلىشنى خاتىرلەش ئىقتىدارى باركەن. قارىغاندا بۇ دىتالنى كۈلكە ئەپەندىدەك دۇكان ئاچقانلار بىر سىناپ باقسا بولىدىغان دىتالكەن.

    3. لوغەت يۇمشاق دىتالى 深蓝词典

    لوغەت يۇمشاق دىتاللىرىنى باشقىلار كۆپ سۆزلەپ كەتتى. مەن باشقىلار تېلغا ئالمىغان ياكى ئاز تىلغا ئالغان دىتالدىن بىرنى تەۋسىيە قىلىپ قوياي . بۇ لوغەتنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى كۆك لوغەت، ئىنگىلىزچە ئىسمى bluedict  ، خەنزۇچە ئىسمى 深蓝词典  بولۇپ، بۇ دىتال mdict لوغىتىنىڭ سۆزلۈكىنى قوللايدۇ. بۇ خىلدىكى لوغەت سۆزلىكىمۇ ناھايىتى كۆپتۇر. بۇ لوغەت يەنە ئالىپ ئەپەندى ئۆزگەرتىپ چىققان ۋىكىپىدىيا قامۇسىنى ئوقۇشقا بەكلا ماس كېلىدۇ(ئەلۋەتتە يانفۇنىڭىز پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە تونىغان بولسا) .

    4.ئىشخانا باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالى

    ئەلۋەتتە بۇنىڭغا يەنىلا ئاندوريىد يانفۇن ئۆزىگە قاچىلانغان documents to go يېتىپ ئاشىدۇ. بۇنىڭدا word, excel ,pdf قاتارلىقلارنى ئوقۇشقا بولىدۇ. ئەگەر بۇنى ياقتۇرمىسىڭىز quickoffice، officesuite نى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئارتۇقچە توختىلىش ھاجەتسىز بولسا كېرەك.

    5. خەرىتە يۇمشاق دېتالى

    خەرىتە دىتال توغرىلىقمۇ تورداشلار نۇرغۇن خەرىتىلەرنى تەۋسىيە قىلىپ كەتتى. مەنمۇ باشقىلار ئانچە تەۋسىيە قىلمىغان دىتالدىن 1-2 نى تەۋسىيە قىلىپ قوياي.

    1- يولۋاس خەرىتىسى يەنى 老虎地图

    بۇ دىتال ئۆزى ئاددى ، ئارتۇقچە تەڭشەك ياكى باشقا يەرلىرى يوق. ئارتۇقچىلىقى ھەر بىر شەھەرنىڭ خەرىتىسىنى ئايرىم -ئايرىم چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. يەنى سىز ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق شەھەرنىڭ خەرىتىسىنى چۈشۈرسىڭىز كۆپ بولسا 10-20 مىگا بايت ئەتراپىدا كېلىدۇ.  باشقا دىتاللاردەك 1 گىگابايت ئەتراپىدىكى بوشلۇقنى ئىگەللىۋالمايدۇ. گوگول خەرىتىسىدەك تورغا تاينىۋالمايدۇ.

    2. سوگۇ خەرىتىسى يەنى sosomap .  بۇ دىتالمۇ يۇقارقى دىتال بىلەن ئوخشاش دىگۈدەك. بۇنىڭدىمۇ ھەر قايسى شەھەرلەرنىڭ خەرىتىسى ئايرىم - ئايرىم تەمىنلەنگەن.

    بۇ ئىككى دىتالنىمۇ ۋەندوۋجىيادىن چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.

    6. سۈرەت تۇتۇش دىتالى - ئىكران سىن ئالغۇسى屏幕摄录

    بۇ دىتالنىڭ باشقا سۈرەت تۇتۇش دىتاللىرىغا قارىغاندا ئارتۇقچىلىقى شۇكى بۇ دىتال پەقەت يالغۇز سۈرەت تۇتۇپلا قالماي يەنە ئىكراندىكى كۆرۈنۈشلەرنى سىنغىمۇ ئالالايدۇ. تۆۋەندىكى تۆمۈر مۇش ئويۇنىنىڭ سىننى كۆرۈپ بېقىڭلار. ئۇنى مۇشۇ دىتال ئارقىلىق ئالغان. بۇ دىتالنىمۇ ۋەندوۋجىيادىن چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.


    7. فىلىم قويۇش دېتالى - moboplayer

    فىلىم قويۇش دىتالى ئۈچۈن تورداشلار ھەممىسى ئۆزى ياقتۇرغاننى ئىشلىتىۋاتىدۇ. مەنمۇ ئۆزۈم ياقتۇرغاننى قالدۇرۇپ قوياي. مەن ياقتۇرۇپ ئىشلىتىۋاتقىنىم moboplayer . بۇ دىتال ھەر خىل فورماتتىكى سىن ھۆججەتلىرىنى نورمال قويالايدۇ. بۇ دىتالنىمۇ ۋەندوۋجىيا ئارقىلىق قاچىلىسىڭىز بولىدۇ.

    8- مۇزىكا قويۇش دېتالى -天天动听

    مۇزىكا قويۇش دىتالى ئاندورويىدنىڭ ئۆزىدە بار بولسىمۇ ئەمما مەن يەنىلا 天天动听 دىتالىنى قاچىلاپ ئىشلىتىمەن. بۇ دىتالنىڭ ياخشى يېرى ناخشا تېكىسىتىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. ھەمدە ھەر خىل ئۈنۈمدە ۋە ھالەتلەردە مۇزىكا قويالايدۇ.

    ئاخىرىدا ئاندورويد ئويۇنىدىن تەۋسىيە قىلىدىغىنىم قۇتياردا nuer0997 ئىسىملىك تورداش  يوللىغان «تۆمۈر مۇشت» ئويۇنى. بۇ ئويۇن ئوغۇللارنىڭ ئوينىشىغا بەك ماس كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەتتىكى 华为c8650 تېپلىق تېلېفۇنمۇ بۇ ئويۇننى سۆرىيەلەيدۇ. تۆۋەندە قۇتياردىكى ئادرىسى:

    http://qutyar.net/mb/forum.php?mod=viewthread&tid=2189&highlight=%E9%93%81%E6%8B%B3

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !