باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • 2012- يىللىق سوۋغا

    ۋاقىت:2012-01-02 | تۈرى:ئابرال فىلىملىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ilkitap-logs/184735214.html

     


    ئابرال ئېلكىتاپ بىلوگىمىز بىلوگىمىزنىڭ سادىق ئوقۇرمەنلىرىنىڭ يىڭى يىلىنى قۇتلۇقلايمىز. ھەممىڭىزلارنىڭ يىڭى – يىلىغا مۇبارەك بولسۇن! يىڭى – يىلدا ئاللاھتىن ھەممەيلەنگە ئامانچىلىق، ئاسايىشلىق ۋە ئىش – ئوقەتلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىنى تىلەيمىز.

       ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغۇنىدەك ئابرال ئېلكىتاپ بىلوگىمىز ئاساسلىق ئېلكىتاپ بىلەن ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ۋە قوشۇمچە باشقا كومپىيۇتېر ۋە يانفۇنغا ئائىت بىلىملەر بىلەن تورداشلارنى تەمىنلەپ كېلىۋاتقان ئىدى ھەمدە ھەر يىڭى يىلدا تورداشلارغا 1-2 دىن بولسىمۇ يىڭى ئېلكىتاپ سوۋغا قىلىشنى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئىدۇق. ئەپسۇسكى بۇ يىل خىزمەتلەرنىڭ ئالدىراشچىلىقى سەۋەبلىك بۇ سوۋغىنى تەييارلىيالمىدۇق. ئەمما يەنىلا تورداشلىرىمىزنىڭ يىڭى يىلىنى قۇرۇق تەبرىكلىگىمىز كەلمەي تورداشلاغا 1-2 دىن بولسىمۇ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم سوۋغا قىلىشنى لايىق تاپتۇق.

       كەمىنە ئابرال قۇتيار تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسىنىڭ كونا ئەزالىرىدىن بولۇپ، بۇ يىل گۇرۇپپىدا ئاساسلىق بولۇپ تەرجىمە قىلىۋاتقان فىلىم كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى نىكىتانىڭ 1- بۆلۈمى. بۇ فىلىم ھازىرغىچە 17 قىسىم تەرجىمە قىلىنىپ بولدى. ئېلان قىلىنىپ بولغىنى 15 قىسىم. ئۇنىڭدىن سىرت پېقىر ئىدارىدىكى بوش ۋاقىتلاردا 30-40 قۇردىن تەرجىمە قىلغان فىلىم تۆت فىلىم بولۇپ، بۇلاردىن ھازىر ئىلان قىلىنىپ بولغىنى ئۈچ، يەنە بىر سى پات يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ. تۆۋەندە شۇ 3 فىلىمنى تورداشلارغا يىڭى - يىل سوۋغىسى سۈپىتىدە تۇتىمەن.

    1.      مۈستەقىللىق كۈنى

    20- ئەسىر، 7-ئاينىڭ 2- كۈنى يەر شارىدىكى ئاساسلىق چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئاسمىنىنى تاشقى پىلانتتىن كەلگەن غايەت زور ئالەم كىمىلىرى قاپلاپ كېتىدۇ.7-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۇلار يەر شارىدىكى ئاساسلىق چوڭ شەھەرلەرگە ھوجۇم قىلىدۇ.نەتىجىدە لوس ئانجىلىس، ۋاشىڭتون دىگەندەك شەھەرلەر خارابىگە ئايلىنىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئۇلارغا بەرگەن زەربىسى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياقلىشىدۇ. 7-ئاينىڭ 4-كۈنى يەنى ئامرىكىنىڭ مۈستەقىللىق كۈنى پۈتۈن يەر شارىدىكى ئىنسانلار بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، تاشقى پىلانت ئادەملىرى بىلەن ھايات- ماماتلىق جەڭنى ئېلىپ بارىدۇ. ھەمدە ئاخىرى تاشقى پىلانت ئالەم كېمىلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنى تەلتۆكۈش مەغلۇپ قىلىدۇ.

    بۇ فىلىمنى پەقەت قۇتيار تورىدىنلا كۆرۈشكە بولىدۇ. بۇ فىلىم چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنمىدى.
    كۆرۈش

    2.      يىڭناغۇچ پالۋان

    مەزكۇر فىلىم ئۆمۈچۈك پالۋان ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن ھەجىۋىي خارەكتېرگە ئىگە كومىدىيىلىك فىلىم بولۇپ، فىلىمدە Rick بىر قېتىملىق تەجرىبىخانا كۆرگەزمىسىدە تاسادىپىي ھايۋانلارنى جۈپلەشتۈرۈش دورىسىنى ئۆزىگە تۆكۈۋېلىپ، يىڭناغۇچ چېقىۋالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭدا ئالاھىدە بىر خىل ئىقتىدار پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. فىلىم ۋەقەلىكى بەكلا قىزىقارلىق ۋە كۈلكىلىك،  ئەمما سەل قالايمىقان گەپ- سۆزلەر بولۇپ، چوڭلار ياكى بالىلار بىلەن بىرگە كۆرمەڭ.

    بۇ فىلىمنى يىڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن تورداشلارنى چۈشۈرۈۋىلشىگە قولايلىق يارىتىش ۋە بوشلۇق مەسىلىسى سەۋەبىدىن قايتىدىن كېچىكلىتىپ پىرىسلاپ چىقتىم.

    قېنى بۇ يەردىن دەرھال چۈشۈرۈڭ: 1- بۆلەكنى چۈشۈرۈش         2- بۆلەكنى چۈشۈرۈش 

    3. ھادىسە

    فىلىمدە ئورمانلىقتا يۈز بەرگەن ماشىنا ھادىسىسىدە ئېغىر يارىدار بولۇپ، ھوشىدىن كەتكەن بىر ئادەم، تۇيۇقسىز ھوشىغا كېلىپ، ئەتراپقا قاراپ ئۆزىنىڭ بىر ئادىمىزاتسىز ئورمانلىقتا ئىكەنلىكىنى، ماشىنىدا بولسا بىر ئۆلۈكنىڭ، ماشىنا سىرتىدا بىر ئۆلۈكنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئويلاپ باقماقچى بولسىمۇ ئەسلىيەلمەيدۇ. ئۇ مىڭبىر تەسلىكتە ماشىنىدىن چۈشۈپ، بۇ ئورمانلىقتىن چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ، ئۆمىلەپ يۈرۈپ يولغا چىقىدۇ.بۇ جەرياندا ئېسىگە كەلگەن پارچە پۇرات خاتىرىلەردىن ئۆزىنى بىر جىنايەتچى ئىكەنمەن دەپ ئويلايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇ قەيسەرلىك بىلەن توختاپ قالماي، ئەڭ ئاخىرى ئورمانلىقتىكى يولنى تېپىپ، باشقىلار تەرىپىدىن قۇتقۇزۇپ قېلىنىدۇ.

     بىلوگىمىز ئوقۇرمەنلىرى تۆۋەندىكى ئۇلىنىش ئارقىلىق چۈشۈرۈپ ئالساڭلار بولىدۇ.ئەگەر مۇۋەپپىقىيەتلىك چۈشمىسە قۇتيار تورىدىن  چۈشۈرىۋالساڭلارمۇ بولىدۇ.

    چۈشۈرۈش

    ئاخىرىدا ھەممەيلەننىڭ 2012- يىلىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • [avatar:30][avatar:30]ياخشى ئىشتىن بىرى بوپتۇ ،رەخمەت !

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !