باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • نىكىتا ھەققىدە

    ۋاقىت:2011-12-26 | تۈرى:ئابرال فىلىملىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ilkitap-logs/183399622.html

     

    نىكىتا ھەققىدە

    كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى نىكىتانى تەرجىمە قىلىشنى باشلىغاندىن بىرى كۆڭلۈمدە ئۇنىڭ ھەر بىر قىسمى ئېلان قىلىنغاندا شۇ قىسىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى يېزىپ ماڭارمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەپسۇسكى ۋاقتىم يېتىشمەي قىلالماي قالدىم. بۈگۈن ۋاقت چىقىرىپ ھازىرغىچە تەرجىمە قىلىپ بولغان قىسىملىرىغىچە تولۇقلاپ قويدۇم. كېيىنكى قىسىملىرى ئۇدۇللۇق تولۇقلىنىپ ماڭىدۇ.

    1     قىسىم ئاساسى مەزمۇنى

    ھۆكۈمەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغان مەخپىي تەشكىلاتتىن قېچىپ چىققان نىكىتا 3 يىل يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ،  ئاخىرى  تەشكىلاتنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن قايتىپ كېلىدۇ.ئۇ تەشكىلات ئارىسىغا ئەپچىللىك بىلەن ئالىكىسنى ئۆزىگە خەۋەرچىلىككە ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەشكىلاتنىڭ ئافرىقىدىكى مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقى سافۋانىنى قەستلەش سۇيىقەستىنى بەربات قىلىدۇ. 

    2     قىسىم ئاساسى مەزمۇنى

    ئالىكىس تەشكىلات ئىچىدە ھەر خىل مەشىقلەرنى قوبۇل قىلىشقا باشلايدۇ ھەمدە نىكىتا تەشكىلات تورىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان بۇيرۇق قۇرى پروگراممىسى ئارقىلىق نىكىتاغا ئۇرۇش جىنايەتچىسى مىركو دادىچ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تۇنجى قەدەمدە يەتكۈزۈشكە باشلايدۇ. تەشكىلات بۇ ئۇرۇش جىنايەتچىسى مىركو دادىچ بىلەن سودىلىشىپ ئۇنىڭ دۆلىتىدە سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ھوقۇقنى ئۇنىڭغا ئېلىپ بېرىشكە ماقۇل بولىدۇ. ئەمما مىركو دادىچقا غا قارشى تۇرغۇچىلار ئۇنى تەشكىلاتنىڭ قولىدىن بۇلاپ كېتىدۇ.ھەمدە ئۇ يوشۇرۇپ قويغان 25 كىلو ئېغىرلىقتىكى ئۇراننى تاپشۇرۇشقا قىستايدۇ. مىركو دادىچ جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇرۇن يوشۇرۇلغان ئورۇننى تاپىدىغان gps  ئۈسكۈنىسىنى ئۇلارغا ئېلىپ بەرمەكچى بولغاندا نىكىتا يېتىپ كېلىپ، ئۈسكۈنىنى تارتىۋالىدۇ. ھەمدە ئۇ ئۈسكۈنىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۇراننى تەشكىلاتنىڭ قولغا كىرگۈزۈۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كېرىكى قالمىغان مىركو دادىچ تەشكىلات تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ.

    3     قىسىم ئاساسى مەزمۇنى

    ئارتۇق يۈك بېسىلغانلىقتىن چۈشۈپ كەتكەن بىر ئايروپىلاندىكى ماللارنى(يەنى زەھەرلىك چېكىملىك) يۆتكەپ كېتىش ئىشىنى تەشكىلات بېجىرىدۇ. بۇ ۋەقەنى بىر يىگىت كۆرۈپ قېلىپ، سىنغا ئېلىۋالىدۇ ھەمدە ئەركىن مۇخبىر جېل.مۇرەللىگە بۇ خەۋەرنى ساتماقچى بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن جىل. مۇرەللى تەشكىلاتنىڭ قەستلىشىگە ئۇچرايدۇ.نىكىتا ئالىكىسنىڭ ئۇچۇرى ئارقىلىق ۋەقەدىن ۋاقتىدا خەۋەر تېپىپ جېل.مۇرەللىنى قۇتقۇزۇۋالىدۇ.ھەمدە ئاخىرىدا جېل.مۇرەللى نېكىتانىڭ ياردىمى بىلەن بۇ ئايروپىلان ۋەقەسىنى جامائەتكە ئاشكارىلايدۇ.

    4     قىسىم ئاساسى مەزمۇنى

    ئالىكىس تەشكىلات ئىچىدە داۋاملىق مەشىققە قاتنىشىدۇ ھەمدە ئىپادىسى بارغانچە ياخشىلىنىدۇ. نىكىتا بولسا 6 يىل بۇرۇن ئۆزى تەشكىلاتقا كىرگەندىكى تۇنجى ۋەزىپىسىدە ئۆلتۈرگەن ئادىمى ۋېكتور خەننىڭ  ۋەقەسىدىكى باش پىلانلىغۇچىنى تېپىپ چىقماقچى بولۇپ، جۇڭگولۇقلاردىن تەشكىللەنگەن قىزىللار گۇرۇھى بىلەن جەڭ قىلىدۇ. ھەمدە ۋېكتور خەننىڭ ئاشۇ قىزىللار گۇرۇھىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ھېقىقى خوجايىنى بولۇپ، ئۇنىڭ 6 يىل بۇرۇن يالغاندىن ئۆلۈۋالغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ ھەمدە ئاخىرىدا ۋېكتور خەننى تۇتۇپ، ساقچى ئىدارىسى ئالدىغا باغلاپ تاشلاپ قويىدۇ.

    5     قىسىم ئاساسى مەزمۇنى

    تەشكىلات ئېلىپ بارغان بارلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ئۇچۇرلىرى سانلىق مەلۇماتقا ئايلاندۇرۇلۇپ، ئۇنى قارا قۇتا دەپ ئاتالغان قاتتىق دىسكىدەك ساقلاش ئۈسكۈنىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، پېرسى دۇنيانىڭ 6 يېرىگە 6 ئادەمنى بېكىتىپ، بۇ قارا قۇتىلارنى ساقلاشقا مەسئۇل قىلىدۇ.

    نىكىتا تەشكىلات ئىچىدىكى ئالىكىسنىڭ تەمىنلىگەن پېرسىينىڭ كاناداغا ماڭغانلىق ئۇچۇرىغا ئاساسەن، كاناداغا كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، تەشكىلاتنىڭ كانادادىكى قارا قۇتا ساقلاشقا مەسئۇل خادىمى ئوۋىن بىلەن بىلەن تۇتۇشۇپ قالىدۇ. پېرسىي ئوۋىن قولىدىن قارا قۇتىنى قايتۇرۇپ ئېلىۋېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولىدۇ. دەل بۇ چاغدا نىكىتا ئوۋىنغا تېلېفون قېلىپ، ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىدۇ. تەشكىلاتنىڭ ئادەملىرى ئوۋىننى قوغلاپ كېلىدۇ. ئېتىشىش جەريانىدا ئوۋىننىڭ قىز دوستى ئۆلۈپ كېتىدۇ ھەمدە ئوۋىننى تەشكىلاتنىڭ ئادەملىرى تۇتۇپ كېتىدۇ.نىكىتا ئالىكىس تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئوۋىننى قۇتقۇزۇپ چىقىدۇ.

    6     قىسىم ئاساسى مەزمۇنى

    نىكىتا ئېغىر يارىلانغان ئوۋىننى قۇتقۇزۇپ چىقىپ داۋالايدۇ ھەمدە داۋالاش جەريانىدا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۆزىنىڭ ئوغۇل دەنىلنى بۇيرۇق بويىچە ئوۋىننىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلىدۇ.ھەمدە ئۇنى كەچۈرۈۋېتىدۇ. ئالىكىس بولسا تەشكىلات ئىچىدە يېڭى-يېڭى سىناقلارغا دۇچ كېلىدۇ. بۇ قېتىم ئۇ جىنايەتچىلەرنى سوراق قىلىش ۋە سوراق قىلىنىشقا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىناقلارغا قاتنىشىدۇ ھەمدە نىكىتانىڭ ياردىمى بىلەن سىناقتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتىۋالىدۇ.

    7     قىسىم ئاساسى مەزمۇنى

    تەشكىلات يېڭى كەلگەنلەر ئىچىدىكى ئىقتىدارى تۆۋەن ئەزالارنى ئۆلۈۋېلىش خاراكتېرىدىكى ۋەزىپىلەرگە ئەۋەتىدىغان بولۇپ، ئالىكىس بىلەن بىللە مەشىق قىلىدىغان سارا ئەنە شۇنداق كىشىلەردىن ئىدى. ئۇ بىر قېتىملىق ئۆزى بىلمىگەن شارائىتتىكى ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈش خاراكتېرىدىكى ۋەزىپىگە ئەۋەتىلىدۇ. ئەمما ئۇ نىكىتا تەرىپىدىن قۇتقۇزۇپ قېلىنىدۇ. نىكىتا ئۇنى تەشكىلاتتىكىلەرگە ئۆلگەن كۆرسىتىپ، ئۇنىڭغا يېڭى سالاھىيەت بېكىتىپ، ئۇنى باشقا تەرەپكە ئەۋەتىۋېتىدۇ.

    8     قسىىم ئاساسى مەزمۇنى

    ئاننا ھاركورت ئىسىملىك بىر پراكتىكانت قىز تەشكىلات تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. نىكىتا ئېنىقلاش ئارقىلىق بۇ قىزنىڭ پارلامېنت ئەزاسى جەك.كەرىگەننىڭ ئاشنىسى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بۇ خەۋەرنى قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا خەۋەر قىلغاندا، ئۇلار نىكىتانى تۇتۇۋالىدۇ. ئۇلار ئەسلى رۇسىيە جاسۇسلۇق تەشكىلاتى گوگولنىڭ ئادەملىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى جەك.كەرىگەن ئارقىلىق ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئىدى. ئەمما ئاننا ئۆلگەنىدى كېيىن ئۇلار ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن جەك.كەرىگەننى نىكىتانىڭ قولى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇپ، نىكىتاغا 12 سائەت ئىچىدە جاننى ئالىدىغان ئوكۇل ئۇرۇۋېتىدۇ. نىكىتا ئالىكىسنىڭ ياردىمى بىلەن ئوكۇلنىڭ زەھىرىنى قايتۇرىدىغان دورا ئارقىلىق ئۆزىنى داۋالايدۇ ھەمدە جەك كەرىگەننىڭ جىنايىتىنى ئاشكارىلىۋېتىدۇ.

    9     قىسىم ئاساسى مەزمۇنى

    مايكول ئايالى ۋە قىزىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىزدەپ يۈرگەن تېررورچى قاسىم تارىق ئۆزبېكىستاندا پەيدا بولغانلىق خەۋىرىنى ئۇقۇپ، ئۆزبېكىستانغا بارىدۇ. نىكىتامۇ قاسىم تارىقنىڭ پەيدا بولغانلىق خەۋىرىنى ئۇقۇپ ئۆزبېكىستانغا بارىدۇ . نىكىتا ئالىكىسنىڭ  ياردىمى ئارقىلىق، مايكولنى تاپىدۇ ھەمدە ئىككىسى بىرلىشىپ قاسىم تارىقنى ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ. ئەمما مەغلۇپ بولۇپ، مايكولنى قاسىم تارىق تۇتۇۋالىدۇ. نىكىتا مايكولنى قاسىم تارىقنىڭ ئادەملىرى قولىدىن قۇتقۇزۇۋالىدۇ. ئەمما مايكول قاسىم تارىقنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىدە نىكىتانى تاشلاپ، قاسىمنى قوغلاپ ئايرودرومغا بارىدۇ.نىكىتا كەينىدىن ئەگىشىپ، ئايرودرومغا بېرىپ، ساقچىلارغا مەلۇم قىلىپ قويىدۇ. مايكول قاسىم تارىقنىڭ كەينىدىن كېلىپ پىچاق ئۇراي دېگەندە ساقچىلار ئۇنى تۇتۇۋالىدۇ.

    10   قىسىم ئاساسى مەزمۇنى

    ئوۋىن قارا قۇتىدىكى مەخپىيەتلىك ھېسابلىنىدىغان، چېلى پرېزىدېنت نامزاتىنى ئامېرىكا ئالاھىدە خادىملىرىنىڭ ئۆلتۈرىۋەتكەنلىكىدىن ئىبارەت سىن لېنتىسىنى ئاشكارىلىۋېتىشى بىلەن چېلىدا بىر مەيدان ئامېرىكىغا قارشى ھەرىكەت كۆتۈرۈلىدۇ. ئوۋىننىڭ مەقسىتى بۇ ئارقىلىق قارا قۇتا لايىھىلىگۈچىسىنى ئۇۋىسىدىن چىقىرىپ باشقا قارا قۇتىلارنىڭ دېرىكىنى بىلىش ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نىكىتانى ئىزدەپ ياردەم تەلەپ قىلىدۇ. ئىككىيلەن بىرلىشىپ چېلىغا بارىدۇ. پېرسى بولسا بۇ ئىشنى بىر بىگۇناھ كىشىگە دۆڭگەش ئۈچۈن مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىدىكى كاتتىۋاشلار بىلەن بىرلىشىپ، رازۋېدچىك فېلەچىرنى نىشان قىلىپ ھەمدەئۇنى چېلىغا تەكشۈرۈپ كەل دەپ ئەۋەتىۋىتىپلا، فېلەچىرنى چېلى پرېزىدېنت نامزاتىنى ئۆلتۈرگەن قىلىپ ئارخىپ ياساپ چىقىدۇ. فىلەچېر چېلىغا بېرىپلا ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىدۇ. ئۇنى نىكىتا بىلەن ئوۋىن قۇتقۇزۇپ چىقىدۇ. بىراق ئامېرىكا  ئارمىيىسىگە ئۇچراپ قولغا چۈشۈپ قېلىپ، نىكىتا بىلەن ئوۋىن فېلەچېرنىڭ ياردىمى بىلەن قېچىپ قۇتۇلىدۇ. ئالىكىس بولسا تەشكىلات ئىچىدە تۇرۇپ، قارا قۇتا لايىھىلىگۈچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ.ھەمدە يەنە بىر قارا قۇتىنىڭ ئورنىنى بىلىۋالىدۇ.

    11   قىسىم ئاساسى مەزمۇنى

    ئالىكىسنىڭ تەشكىلات ئىچىدىكى مەشىقى ئاخىرلىشىپ، ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سىناق يەنى ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش تاپشۇرۇلىدۇ. نىشان بولسا ئەرمىنىيە جىنايەتچىلىرىنىڭ كاتتىۋىشى ئىدى. بېركوف بولسا قارا قۇتا لايىھىلىگۈچىدىن ئۆگەنگەن بىلىملىرىگە ئاساسەن، نىكىتا قالدۇرۇپ قويغان يوچۇقنى بىلىپ قېلىپ، پېرسىيغا ئېيتىدۇ. ئۇلار قىلتاق قۇرۇپ نىكىتانى تۇتماقچى بولىدۇ.  ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدىغان كۈنى نىكىتامۇ نەقمەيدانغا بېرىپ، ئۆزى بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقان كىشىنىڭ ئالىكىس ئەمەسلىكىنى بىلىپ قېلىپ، قىلتاق قۇرۇلغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. ھەمدە ئالىكىسقا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا بارىدۇ. ئەمما قالايمىقانچىلىقتا ئەرمىنىيە جىنايەت گۇرۇھىنىڭ كاتتىۋېشىنى ئۆلتۈرۈلمەي قالىدۇ. نىكىتا بىلەن ئالىكىس سىرتقا چىقىپ، تەشكىلات خادىملىرىنىڭ قوغلىشىغا دۇچ كېلىپ بىر ئۆيگە مۆكۈنۈۋالىدۇ. قاچىدىغان يەر بولغانلىقتىن نىكىتا ئالىكىسقا ئۆزىنى تۇتۇپ، تەشكىلاتقا تاپشۇرۇشنى بۇيرۇيدۇ. نىكىتا تۇتۇلۇپ، تەشكىلاتقا ئاپىرىلغاندىن كېيىن يەنە ئالىكىسنىڭ ياردىمى بىلەن مەخپىي تونىل ئارقىلىق قېچىپ كېتىدۇ.

    12   قىسىم ئاساسى مەزمۇنى

    ئالىكىس تەشكىلات ئىچىدە مەشىقنى ئاخىرلاشتۇرۇپ رەسمىي رازۋېدچىك بولىدۇ. ئەمما پېرسىي ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى رازۋېدچىكلارنى تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئالىكىسنىڭ بېشىغا جان ئالغۇچ ئۆزەك ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىدۇ.بۇنداق بولغاندا ئەگەر رازۋېدچىكلار گەپكە كىرمىسە بۇ جان ئالغۇچ ئۆزەك ئارقىلىق رازۋېدچىكنى ئۆلتۈرۈش مەقسىتىگە ئاسانلا يېتەلەيتتى. نىكىتا بۇنى كۆرۈپ، ئالىكىسنىڭ بەدىنىدىكى ئىز قوغلاش ئۈسكۈنىسىنىڭ چاستوتىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىش ئۈچۈن بېركوفنى فىلەچېرنىڭ قولى ئارقىلىق تۇتقۇن قىلىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، تەشكىلات تورىنىڭ كىرىش ھوقۇقىغا ئېرىشىۋالىدۇ. ھەمدە ئالىكىسنىڭ بېشىدىكى جان ئالغۇچ ئۆزەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىز قوغلاش ئۈسكۈنىسىنىڭ چاستوتىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ئالىكىس بولسا رەسمىي سىرتتا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان رازۋېدچىك بولۇپ، يېڭى ئۆيىگە كۆچۈپ كېرىدۇ.ھەمدە يېڭى دوستى نېيسىن بىلەن تونۇشىدۇ.

    13   قىسىم ئاساسى مەزمۇنى

    ئالىكىس تەشكىلات تەشكىللىگەن بىر قېتىملىق گرۇزىيە شاھزادىسىنى قەستلەش ھەرىكىتىگە قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئاخباراتنى نىكىتاغا يەتكۈزىدۇ. نىكىتا گرۇزىيە شاھزادىسىنى قۇتقۇزغىلى بېرىپ، شاھزادە بىلەن كۆرۈشەلمەي، ئۇنىڭ ئايالى بىلەن كۆرۈشۈپ، شاھزادىنىڭ خەتەردە قالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەمما ئەسلى پىلانلىغۇچى شاھزادىنىڭ ئايالى بولۇپ، ئۇ نىكىتانى تۇتۇپ، ئادەملىرىگە تاپشۇرىدۇ. نىكىتا ئۇلارنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلىدۇ ھەمدە شاھزادە ۋە ئۇ ياخشى كۆرىدىغان ئايالنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. شاھزادىنىڭ ئايالىنىڭ سۇيىقەستى پاش بولۇپ، ئۆز دۆلىتىدە سوراققا تارتىلىدۇ.

    14   قىسىم ئاساسى مەزمۇنى

    فىلەچېر ئامېرىكىغا قارىتىلغان بىر قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدىكى ئاخباراتنى بايقاپ، نىكىتانى ياردەم قىلىشقا چاقىرىدۇ. نىكىتا نىشاننىڭ ئۆزىنىڭ  بۇرۇنقى بىر نىشانى ۋوس ئىكەنلىكىنى بىلىپ ماقۇل بولىدۇ. ئۇ كاناداغا بېرىپ،  ۋوسنى تاپىدۇ  ھەمدە ئۇنىڭدىكى تېررورلۇق ھۇجۇم قورالى بولغان مەينەت بومبىنى كۆرۈپ، فىلەچېر بىلەن سۆزلىشىپ ئۇنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كەتمەكچى بولىدۇ. ئۇ يەنە  گوگولنىڭ ھۇجۇمىدىن ئۆزىنى ئۈنۈملۈك ھالدا قاچۇرۇپ، ۋوسنى چېگرادىن ئۆتكۈزۈپ ئامېرىكىغا يولغا سىلىۋەتكەندىن كېيىن، فىلەچېر ئەۋەتكەن سۈرەتتىن ھەرىكەتنى پىلانلىغۇچىنىڭ تەشكىلات ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىپ، ۋوسنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بارىدۇ، ئەمما كېچىكىدۇ. ئۇ مەينەت بومبىنى تەشكىلات ئادەملىرى قولىدىن قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن، يەنە ئالىكىسنىڭ ياردىمى بىلەن تەشكىلاتنىڭ بومبىنى ئېلىپ ماڭدىغان ئايرودرومىنى بىلىۋېلىپ، فىلەچىر بىلەن بىرلىشىپ ئەپچىللىك بىلەن بومبىنى ئالماشتۇرۇۋالىدۇ. فىلەچېر بومبىنى مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ، ئەمىلى ئۆستۈرۈلىدۇ.

    15   قىسىم ئاساسى مەزمۇنى

    ئالىكىس تەشكىلاتنىڭ بۇيرۇقى بويىچە پەن تېخنىكا ساھەسىدىكى مىليونېر داستىن زىممىرنىڭ يېڭى كەشپىياتى «ئوكۇلۇس» ناملىق يانفوننى ئوغرىلاپ كېلىشكە ئەۋەتىلىدۇ. ئالىكىس بۇ جەرياندا تاسادىپىي ھالدا ئۆزىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ھەمراھى ئېرىنا بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۇنى ئادەم بېدىكى ۋىلادىمىرنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ئېلىپ كەتمەكچى بولىدۇ. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ئېرىنا ئالىكىسقا خائىنلىق قىلىپ، ئۇنى ۋىلادىمىرغا تۇتۇپ بېرىدۇ. ۋىلادىمېر ئالىكىسنىڭ دادىسىنىڭ رۇسىيە قارا گۇرۇھىنىڭ سابىق ئاتامانى نىكولاي.ئۇدىنوۋ ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىپ ئۇنى ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىشقا قىستايدۇ ھەمدە ئۇنى مەجبۇرلاپ زەھەر چەككۈزىۋىتىدۇ. نىكىتا بولسا مايكول بىلەن بىرلىشىپ،ئالىكىسنى قۇتقۇزىدۇ ھەمدە ئالىكىسنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويماي تۇرۇپ ئالىكىسنى مايكولغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.

    16     قىسىم ئاساسى مەزمۇنى

    قايتىدىن زەھەر خۇمارى قوزغالغان ئالىكىسنى داۋالاش بىلەن بىللە ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى سىرلارنى بىلمەكچى بولغان ئاماندا ئۇنىڭغا ئادەمدە خىيالى تۇيغۇ پەيدا قىلىدىغان دورا ئىبوگىن ئوكۇلىنى ئۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئالىكىسنىڭ كاللىسىدا چۈش كۆرگەندەك ھاياتىدىكى كۆرۈنۈشلەر پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. ئاماندا ئۇنىڭ قىلغان گەپ سۆزلىرىدىن تەشكىلاتتىن چېكىنمەكچى ئىكەنلىكىگە جەزم قىلىپ، پېرسيغا بۇ ئىشنى دوكلات قىلىدۇ. مايكول بولسا ئالىكىسدىن گۇمان قىلىپ، ئۇنىڭ بىر قېتىملىق ئاۋاز كوپىيىسىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئەينى چاغدا، ئۆزى ئېيتقان يەردە ئەمەس باشقا يەردە ئىكەنلىكىنى جەزملەيدۇ. ھەمدە ئۇ يەرگە بېرىپ، ئالىكىسنىڭ نىكىتانىڭ ئادىمى ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ ، نىكىتانى ساقلايدۇ.

    17    قىسىم ئاساسى مەزمۇنى

    نىكىتا ئۆيگە كېلىپ مايكول كۆرۈپ، ئالىكىسنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقىنى بىلىدۇ. مايكول ئۇنىڭغا شەرت قويۇپ، قاسىم تارىقنى تېپىپ بەرسە ئالىكىسنى ئاشكارىلىمايدىغانلىقىنى دەيدۇ. نىكىتا ماقۇل بولۇپ، گوگول بىلەن سودىلاشقان بولۇپ، قاسىم تارىقنىڭ ئورنىنى بىلىۋالىدۇ ھەمدە ئۇنى تىرىك تۇتۇۋالىدۇ. نىكىتا مايكولغا تېلېفون قىلىپ، باشقا قارا قۇتىلارنىڭ ئورنىنى بىلىپ كەلسە قاسىم تارىقنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. نىكىتانىڭ ئېھتىياتسىزلىقىدىن بوشىنىۋالغان قاسىم تارىق ئادەملىرىگە تېلېفون قىلىۋېتىدۇ. بىر مەيدان ئېتىشىشتىن كېيىن نىكىتا ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ. دەل شۇ چاغدا مايكول يېتىپ كېلىپ، نىكىتانى قۇتقۇزۇۋالىدۇ ھەمدە قاسىم تارىقنىڭ بۇرۇن تەشكىلات ئۈچۈن ئىشلىگەنلىكىنى، ئايالى بىلەن بالىسىنى پېرسىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئاڭلايدۇ. نىكىتا قاسىم تارىقنى ئېتىۋېتىدۇ. نىكىتا بىلەن مايكول رەسمىي ھالدا بىرلىشىپ تەشكىلاتنى يوقاتماقچى بولىدۇ.

    18- قىسىم ئاساسى مەزمۇنى ئوۋىن قايتىپ كېلىپ، مايكولنىڭ نىكىتا بىلەن بىرلەشكەنلىكىنى كۆرىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ لوندۇندىكى قارا قۇتىنىڭ ئورنىنى ئاساسى جەھەتتىن بىلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. نىكىتا بىلەن ئوۋىن ئىككىسى لوندونغا بېرىپ قارا قۇتىنىڭ دېرىكىنى قىلىدۇ. ئۆيگە قايتاي دەپ تۇرغان ئالىكىس ئاماندانىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن جېيدىننى سوراق قىلىدۇ. ئەمما سوراقتا جېيدىن بارماق ئىزى قۇتىسىنى تىلغا ئېلىپ قالىدۇ. ئاماندا ئالىكىستىن گۇمانلىنىپ، ئۇنى يالغان سۆزنى پەرقلەندۈرۈش ماشىنىسى بىلەن سىنايدۇ. نىكىتا بىلەن ئوۋىن مايكولنىڭ ياردىمى بىلەن قارا قۇتىنى تاپىدۇ.ئەمما ئوۋىن قارا قۇتىدىكى مەزمۇنلارنى ئاشكارلاش مەقسىتىدە قارا قۇتىنى نىكىتىغا بەرمەي ئېلىپ كېتىدۇ. ئەمما ئۇ قارا قۇتىنى ئاچالماي، توزاق قۇرۇپ، قورۇقچىنى باشلاپ كېلىدۇ ھەمدە ئۇنى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ قان ئەۋرىشكىسىگە ئېرىشىپ ئەمدى، ئۇچۇرلارنى ئېچىپ يوللاي دىگەندە، مايكول قارا قۇتىنى بۇزىۋىتىدۇ. ئالىكىس سوراقتىن ئەقلىنى ئىشلىتىپ ئۆتۈپ كېىتىدۇ. ئۇنىڭ سىناقتىن ئۆتۈپ كېتىشىگە مايكولمۇ ياردەم قىلىدۇ. ئەمما ئالىكىس تېخى مايكول ئۆزلىرى تەرەپكە ئۆتكىنىدىن خەۋەرسىز ئىدى. 19- قىسىم ئاساسى مەزمۇنى ئالىكىس نىكىتا بىلەن مايكولنىڭ ئىشىدىن خەۋەر تاپىدۇ ھەمدە ئۇ تەشكىلاتتىن ئايرىلىشنى نىيەت قىلىپ تۇرغاندا ئۇنى جېيدىن بىلەن بىللە تەشكىلاتتىن يىڭى ۋەزىپىگە ئەۋەتىدۇ. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى بولسا لېبىرىيە پېرېزدىنتىنىڭ ئوغلى ياساپ چىققان يىڭى تىپتىكى زەھەرلىك گازنى ۋە تەجرىبىخانىنى پارتىلىتىش ئىدى. نىكىتا ۋە ئالىكىس ئالىكىسنىڭ مۇشۇ پۈرسەتتە يالغاندىن ئۆلگەن بولۇپ، تەشكىلاتتىن ئايرىلىشىنى پىلانلايدۇ. ئەمما ھەرىكەت جەريانىدا جېيدىن تۇتۇلۇپ قالىدۇ.ئالىكىس جېيدىننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بۇ قېتىمقى تەشكىلاتتىن ئايرىلىش پۈرسىتىدىن ۋاز كېچىدۇ. نىكىتا ئالىكىسقا ياردەملىشىپ باشلىقلار يېغىلىشىدا لېبىرىيە پېرېزدىنتىنى قەستلىمەكچى بولغان قاتىلنى تۇتۇپ، شىۋىتسارىيە ساقچىلىرىغا تاشلاپ بېرىدۇ.

     

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • [avatar:30][avatar:30][defFace:5]
  • [avatar:30][defFace:5]

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !