باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • يانفۇننى مائۇس، كۇنۇپكا تاختىسى ئورنىدا ئىشلىتىش

    ۋاقىت:2011-12-15 | تۈرى:يانفۇن بىلىملىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ilkitap-logs/181811645.html

     

    نەچچە ۋاقىتتىن بىرى بىرگە خىزمەت، تۇرمۇشنىڭ ئالدىراشچىلىقى ئىچىدە يۈرۈپ، يەنە بىرىگە نىكىتانى تەرجىمە قىلىمەن دەپ يۈرۈپ بۇ بىلوگنى يىڭىلاشقا ۋاقت چىقىرالمىغان ئىدىم. قارىسام بىچارە بىلوگىم يىڭىلانمىغىلى 2 ئاي بولۇپ كېتىپتۇ. شۇنداقتىمۇ بىلوگىمنىڭ ئوقۇرمەنلىرى يەنىلا يولۇقۇپ تۇرىۋىتىپتۇ. مۇشۇ يىڭىلانمىغان 2 ئىچىدە ھەر كۈنلۈك زىيارەت مىقدارى 100 دىن تۆۋەن چۈشۈپ كەتمەپتۇ. شۇڭا سەل ئوقۇرمەنلەر ئالدىدا خىجىل بولۇپ قېلىپ، بۈگۈن غەيرەتكە كېلىپ بۇ يازمىنى يوللىدۇم

     

    يازما تېمىسىنى كۆرۈپلا، نەدىمۇ بۇنداق ئىش بولسۇن، ھەم بولسىمۇ بۇنىڭ قانچىلىك ئەھمىيىتى بولار دەپ ئويلىغانسىز-ھە؟ ئەمما ئوبدان ئويلاپ باقسىڭىز يانفۇنىڭىزنى مائۇس،كۇنۇپكا تاختىسى ھەتتا ئويۇن كونتىرۇللىغۇچ (游戏手柄) ئورنىدا ئىشلىتىشنىڭ يەنىلا خېلى ئەھمىيىتى بار. ھىچ بولمىغاندا ھازىر بەزىلەر كومپىيۇتېر بىلەن تىلىۋىزۇرنى ئۇلاپ قويۇپ، تىلىۋىزۇردا كىنو كۆرۈشتەك ئىشلارنى قىلىدۇ. بۇنداق چاغدا كىنو تىز ئۆتكۈزۈش، ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىنى تىلىۋىزۇرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپلا قىلالايسىز.  ئويۇن كونتىرۇللىغۇچ ئورنىدا ئىشلەتسىڭىز تىلىۋىزۇرىڭىزنى ئىكران قىلىپ تۇرۇپ ئويۇن ئوينىيالايسىز.

    تۆۋەندە سىزگە ئەنە ئەشۇنداق ياخشى يۇمشاق دىتالنى بىرنى تەۋسىيە قىلماقچىمەن.

    بۇ دىتالنىڭ ئىسمى手电通 بولۇپ، تۆۋەندىكى تور بەتتىن چۈشۈرۈپ ئالالايسىز.

    http://sdt.jiajia.tv/

    بۇ دىتالنى قانداق ئىشلىتىمىز دىگەندە ئالدى بىلەن سىز ئالما مەشغۇلات سىستىمىسىدىكى يانفۇن ياكى ئاندىرويىد مەشغۇلات سىستىمىسىدىكى يانفۇندىن بىرنى تەييارلاڭ. ئاندىن بازاردىن 20 يۇەنگە كۆك چىش ماسلاشتۇرغۇچتىن بىرنى سىتىۋىلىڭ.(ئادەتتە 20 يۇەنگە بېرىدۇ. ئۆزى كىچىكلا، usb  ئېغىزىغا سالسىڭىزلا، كومپىيۇتۇرىڭىزمۇ كۆك چىش سىگنالىنى قوبۇل قىلالايدىغان بولۇپ، يانفۇن بىلەن كومپىيۇتېر ئارىسىدا ئۇچۇر ئالماشتۇرالايسىز.) بۇ دىتال كومپىيۇتېر بىلەن يانفۇننى ئۇلاش ئۇسۇلىدا يالغۇر كۆك چىشقىلا تاينماي يەنە wifi   تورىنىمۇ قوللايدۇ ھەتتا usb نىمۇ قوللايدىكەن. سىناپ باقىمەن دىگۈچىلەر سىناپ باقسا بولىدۇ. مەن پەقەت كۆك چىش بىلەن ئۇلاش ئۇسۇلىنى ئاساس قىلىپ سۆزلىدىم.

    يۇقارقى شەرتلەرنى ئورۇنلاپ بولغان بولسىڭىز، ئەمدى بۇ دىتالنىڭ يانفۇن نۇسقىسى بىلەن كومپىيۇتېر نۇسقىسىنى چۈشۈرۈپ، يانفۇن ۋە كومپىيۇتېرغا قاچىلاڭ. قاچىلاپ بولۇپ، يانفۇن نۇسقىسىنى ھەم كومپىيۇتېر نۇسقىسىنى قوزغىتىڭ.(يانفۇننىڭ كۆك چىشنى ئىچىۋىتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ)

    كومپىيۇتېر نۇسقىسىنى كومپىيۇتېردىن قوزغاتسىڭىز، تۆۋەندىكى رەسىمدەك كۆرۈنىدۇ.

    ئۇنىڭدىن كۆك چىش (蓝牙)دىگەن تۈرنى تاللاپ ئاستىدىكى يانفۇن قوشۇش (添加手机) دىگەن كۇنۇپكىنى باسىمىز.بۇنىڭ بىلەن يانفۇننى ئىزدەشنى باشلايدۇ ھەمدە تاپقاندىن كېيىن تۆۋەندىكى كۆزنەكتىكىدەك كۆرۈنىدۇ.

     بۇنىڭدىن بىز ئۆزىمىزنىڭ يانفۇنىنى تاللاپ، تۆۋەندىكى قوشۇش (添加) كۇنۇپكىسىنى باسساق. ئىكراندا يانفۇن تېپى كۆرۈنىدۇ.

    دىمەك يانفۇن بىلەن كومپىيۇتېر كۆك چىش ئارقىلىق ئۇلاندى دىگەن گەپ، قېنى ئەمدى كومپىيۇتۇرىڭىزنى يانفۇن بىلەن باشقۇرۇپ بېقىڭ. قانداق بولىدىكىن.

    بۇ دىتال ئارقىلىق كومپىيۇتېرنى يانفۇندا باشقۇرۇش بەكلا ئەپچىل ئىكەن. كۇنۇپكا تاختىسىمۇ ياخشى ئىشلەيدىكەن.

    ئەڭ قالتىس يېرى بۇ دىتالنى قاچىلاپ يانفۇنىڭىزنى ئويۇن كونتىرۇللىغۇچ ئورنىدا ئىشلىتىپ، 极品飞车  دىگەندەك ماشىنا ئويۇنلىرىنى ئوينىيالايدىكەنسىز.

    ھە راست  体感游戏 دەپ ئاڭلىغانمىتىڭىز، بەلكىم ئاڭلىغان بولسىڭىزمۇ ھىس قىلىپ باقمىغان بولغىتىڭىز. مانا سىزگە ئەمدى پۈرسەت كەلدى.يۇقارقى تور بەتتە  بۇ خىل ئويۇن ئۈچ خېلى بولۇپ، بېرسى سەل چوڭراق ئىكەن ئۇنى تېخى سىناپ باقمىدىم. قالغان ئىككىسى سىغىمى كىچىكرەك بولۇپ، بىردەمدىلا چۈشۈپ بولىدىكەن. چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم. بۇ ئويۇنلارنىڭ بىرسى تېننىس توپ يەنە بىرى كالتەك توپ بولۇپ، ئويۇننى ئوينىغاندا سىز يانفۇنىڭىزنى تىننىس توپنىڭ پالىقى، كالتەك توپنىڭ كالتىكى ئورنىدا ئىشلىتىسىز، يەنى قولىڭىزدا يانفۇننى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئالدىڭىزغا ئۇچۇپ كەلگەن توپنى ئادەتتە توپ ئوينىغاندا پالاق بىلەن ئۇرغاندەك قولىڭىزنى سىلىكىپ ئۇرىسىز. قانداق بولامدىكەن. بۇ ئويۇننى ئويناپ قانداق ھىسياتقا كەلدىڭىز؟

    ئاخىردا ئاۋۇ体感游戏 دىگەن سۆزمۇ چىققىلى خېلى بولۇپ قاپتۇ، بۇنىڭغىمۇ ئوبدانراق سۆزدىن بىرنى ياساپ قويايلى. يەنە كېيىنچە ئومۇملاشقاندا体感游戏 بولۇپ ئومۇملىشىپ كەتمىسۇن.

     

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !