باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • كومپىيۇتېرنى ئاپتۇماتىك تاقاش

    ۋاقىت:2011-09-24 | تۈرى:سىستىما ھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ilkitap-logs/163249144.html

     

    Windows XP ھازىر كىشلىرىمىز ئەڭ كۆپ ئىشلىتىۋاتقان مەشغۇلات سىستىمىسى بولۇپ، كومپىيۇتېرنى تاقاش توغرىلىق ئارتۇقچە سۆزلەش ھاجەتسىز بولسىمۇ، ئەمما ئاپتۇماتىك تاقاش توغرىسىدا سۆزلەشنىڭ ئازراق بولسىمۇ ئەھمىيىتى بار دەپ قارىدىم. XP  مۇھىتىدا كىشلەر ئىشلىتىۋاتقان ئاپتۇماتىك تاقاش ئۇسۇلى ئاساسەن ئىككى خىل بولۇپ بىرى Windows XP ئۆزى تەمىنلىگەن ئاپتۇماتىك تاقاش بۇيرۇقى ئارقىلىق سىستىمىنى تاقاپ، كومپىيۇتېرنى ئۆچۈرۈش. يەنە بىرى بولسا 3- تەرەپ ئىشلىگەن يۇمشاق دىتال ئارقىلىق سىستىمىنى تاقاپ ئۆچۈرۈشتۇر.بىز بۇ يازمىمىزدا ئاپتۇماتىك تاقاش بۇيرۇقىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇلىنى مىساللار ئارقىلىق تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز

    1. ئاپتۇماتىك تاقاش بۇيرۇقى بىلەن تونۇشۇش

    ئالدى بىلەن بىز بۇ كومپىيۇتېرنى تاقاش بۇيرۇقنىڭ رولى ۋە يېزىلىش شەكلىنى تەپسىلى چۈشەندۈرىۋىتەيلى.

    سىستىمىنى ئاپتۇماتىك تاقاش بۇيرۇقى بولسا Shutdown.exe بولۇپ، بۇ ھۆججەت Windows XP نىڭ Windows\System32 مۇندەرىجىسى ئاستىدا.   بۇ بۇيرۇقنى كۆچۈرۈپ Windows 2000 سىستىمىسىغا كۆچۈرۈپ قويساق، Windows 2000 دىمۇ  ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

    بۇ بۇيرۇق dos بۇيرۇقى بولۇپ، ئادەتتە بۇريرۇق قۇرىغا يېزىش ئارقىلىق ئىجرا قىلىنىدۇ. بۇ بۇيرۇقنىڭ بۇيرۇق قۇرىغا يېزىلىش قائىدىسى تۆۋەندىكىدەك.

    shutdown [-i | -l | -s | -r | -a] [-f] [-m \\computername] [-t xx] [-c "comment"] [-d up:xx:yy]

    بۇ بۇيرۇقنىڭ پارامېتىرلىرىنىڭ رولى تۆۋەندە چۈشەندۈرۈلگەندەك.

    f –: قوللىنىشچان پروگراممىلارنى مەجبۇرى تاقىۋىتىش

    كومپىيۇتېر نامى \\m - : يىراقتىكى كومپىيۇتېرنى كونتىرۇللاش

    l- : نۆۋەتتىكى ئابونتتىن چىقىپ كېتىش

    r- : كومپىيۇتېرنى تاقاش ۋە قايتا قوزغىتىش

    s- : كومپىيۇتېرنى تاقاش

    i-: كومپىيۇتېرنى يىراقتىن تاقاش بۇيرۇقىنىڭ كۆزنەكلىك ھالىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەمما چوقۇم 1- قاتاردىكى پارامېتېر بولۇپ يېزىلىشى كېرەك.

    ۋاقىت t- : كومپىيۇتېر تاقىلىدىغان تەتۈر ساناق ۋاقتى. كۆڭۈلدىكى قىممىتى 30 سىكۇنت

    " تېكىست" c -: كومپىيۇتېر تاقىلىش ئالدىدا كۆرۈنىدىغان ئەسكەرتىش ئۇچۇرى.(127 ھەرپتىن ئىشىپ كەتمەسلىك كېرەك)

    a-   : تاقاش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش

    -d [u][p]:xx:yy : تاقالغانلىق سەۋەپ كودى بولۇپ، كومپىيۇتېرنىڭ قايتا قوزغالغان، تاقالغان ۋە ياكى توك مەنبەسىنىڭ تاقالغانلىق سەۋەبىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

     پارامېتىرلارنىڭ ھەممىسى ئىختىيارى تاللىنىدىغان تۈر بولۇپ، ئەگەر ھىچقانداق تۈر يېزىلمىسا مۇشۇ بۇيرۇقنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.يەنى  shutdown/?بۇيرۇقىنى بەرگەنگە ئوخشاش.

    2. ئاپتۇماتىك تاقاش بۇيرۇقى مىساللىرى

    1-كومپيۇتېرنى يىراقتىن تاقاش بۇيرۇقىنىڭ كۆزنەكلىك ھالىتىنى كۆرسىتىش

    shutdown -i

    2- نۆۋەتتىك ئابونت تىزىمىدىن چىقىش

    shutdown – l

    3-كومپىيۇتېرنى تاقاش

    shutdown – s

    4-كومپىييۇتېرنى قايتا قوزغىتىش

    shutdown – r

    5- ۋاقىت بەلگىلەپ تاقاش

    ئەگەر سىز كومپىيۇتېردا چوڭ سىغىملىق ھۆججەت ياكى كىنو چۈشۈرىۋاتقاندا ئىشىڭىز چىقىپ قېلىپ سىرتقا چىقاماقچى بولدىڭىز، ھۆججەتنىڭ چۈشۈپ بولىشىغا يەنە بىر سائەت بار بولسا قانداق قىلىسىز؟ تۆۋەندىكى بۇيرۇق بىلەن مەسىلىنى ناھايىتى ئاسانلا ھەل قىلالايسىز. ( بۇ بۇيرۇقنى باشلاش تىزىملىكى ئاستىدىكى «ئىجرا قىلىش» رامكىسىغا كىرگۈزسەكمۇ ياكى باشلاش- پروگرامما- قوشۇمچە-بۇيرۇق قۇرى كۆرسەتمە رامكىسى (开始-程序-附件-命令提示符) غا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى كىرگۈزسەك بولىدۇ.

    Shutdown s t 3600

    بۇ بۇيرۇق بىرىلگەندىن كېيىن كومپىيۇتېر 1 سائەتتىن كېيىن ئۆزلىكىدىن ئۆچىدۇ. 3600 نىڭ بىرلىكى سىكونت بولۇپ، 3600 سىكونت 1 سائەتكە تەڭ.

    6- كومپييۇتېرنى تاقاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش

    كومپىيۇتېر ۋىرۇس سەۋەبىدىن ياكى باشقا سەۋەبتىن ئۆزلىكىدىن قايتا قوزغىلىش ياكى تاقاش بۇيرۇقى بىرىلگەندە (بۇرۇن تارقالغان تەۋرەنمە دولقۇن دىگەندەك ۋىرۇسلار كومپىيۇتېر تورغا ئۇلانغان ھامان كومپىيۇتېرنى ئاپتۇماتىك ھالدا بىر مىنۇت ئىچىدە ئۆچۈرىۋىتەتتى) بۇ بۇيرۇق ئارقىلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولىدۇ.يەنى تۆۋەندىكىدەك بۇيرۇق يازىمىز.

    Shutdown a

    7- قىسىمى توردىكى باشقا بىر كومپىيۇتېرنى ئاپتۇماتىك تاقاش.

    ئەگەر قىسىمى توردىكى مەلۇم بىر كومپىيۇتېرنىڭ نامىنى بىلسەك (مەسىلەن abral) بۇ كومپىيۇتېرنى باشقا كومپىيۇتېر ئارقىلىق تاقاشقا بولىدۇ. يەنى تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى بېرىمىز.

    shutdown –s –m \\abral -t 30

    بۇ بۇيرۇق قىسمى توردىكى ئابرال ئىسىملىك كومپىيۇتېرنى 30 سىكونتتىن كېيىن ئۆچۈرۈشكە بېرىلگەن بۇيرۇق بولۇپ، ئەگەر سىز مۇشۇ پېتى بۇ بۇيرۇقنى بەرسىڭىز Access is denied دىگەن ئۇچۇر چىقىۋىلىشى مۇمكىن.

    نىمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟ ئەسلى XP سىستىمىسدا پەقەت باشقۇرغۇچى دەرىجىسىدىكى ئابونتلارنىڭ كومپىيۇتېرنى تاقاش ھوقۇقى بولۇپ، ئادەتتە بىز قىسمى تور ئارقىلىق بۇ كومپىيۇتېرنى زىيارەت قىلىساق، بىزنىڭ ھوقۇقىمىز پەقەتلا مىھمان دەرىجىسىدە بولىدۇ. شۇڭا يۇقارقىدەك ئەھۋال كۆرۈنىدۇ. بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىز پەقەت ئاشۇ يىراقتىن تاقالماقچى بولغان كومپىيۇتېرغا( مەسىلەن ئابرال نامىدىكى كومپييۇتېرغا) مىھمان دەرىجىسىدىكى ئابونتقىمۇ كومپىيۇتېرنى تاقاش ھوقۇقىنى بېرىمىز. يەنى تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىمىز.

    باشلاش تىزىملىكىدىن ئىجرا قىلىش بۇيرۇقىنى چېكىپ، ئىچىلغان كۆزنەككە gpedit.msc  بۇيرۇقىنى يېزىپ جەزىملەشتۈرسەك، گۇرۇپپا سىتىراتىگىيە پروگراممىسى (组策略) قوزغىلىدۇ. ئېچىلغان كۆزنەكنىڭ سول تەرىپىدىكى تۈرلەر ئارىسىدىن قەدەم- باسقۇچ بويىچە «كومپىيۇتېر تەڭشىكى-  Windows تەڭشىكى-بىخەتەرلىك تەڭشىكى – يەرلىك سىتىراتىگىيە-ئابونتلارغا ھوقۇق بەلگىلەش» (计算机配置→“Windows 设置安全设置本地策略”→用户权利指派)دىگەن تۈرلەرنى ئاچىمىز. ئاندىن ئوڭ تەرەپتىكى تۈرلەر ئارىسىدىن« سىستىمىنى مەجبۇرى تاقاش» (从远端系统强制关机) دىگەن تۈرنى تاللاپ ئىككى چېكىپ ئاچىمىز. ئېچىلغان كۆزنەككە قارايدىغان بولساق، نۆۋەتتە پەقەت Administrators گۇرۇپپىسىدىكى ئابونتلارنىڭ كومپىيۇتېرنى تاقاش ھوقۇقى بار. بىز بۇ چاغدا كۆزنەكنىڭ تۆۋىنىدىكى «ئابونت ياكى گۇرۇپپا قوشۇش (添加用户或组) دىگەن كۇنۇپكىنى بىر چېكىپ، ئىچىلغان دىئالوگ رامكىسى ئىچىگە guest دەپ يېزىپ، جەزىملەشتۈرىمىز.بۇ چاغدا قارىساق guest ئابونتقىمۇ يىراقتىن تاقاش ھوقۇقى بېرىلگەن بولىدۇ. كۆزنەكتىكى جەزملەشتۈرۈش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، چىكىنىمىز. ئاندىن يەنە گۇرۇپپا سىتىراتىگىيە پروگراممىسىدىنمۇ چىكىنىپ چىقىپ كېتىمىز. مانا ئەمدى بۇ ئابرال دىگەن كومپييۇتېرنى قىسمى توردىكى خالىغان كومپىيۇتېردا تۇرۇپ تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى بەرسەكلا تاقىۋەتكىلى بولىدۇ.

    shutdown –s –m \\abral -t 30

    8- قىسمى توردىكى بىر قانچە كومپييۇتېرنى بىراقلا ئاپتۇماتىك تاقاش

    قىسمى تورىدىكى بىر قانچە كومپيۇتېرنى بىراقلا تاقاشتىمۇ يەنىلا يۇقارىدىكى 7- ئۇسۇلدا سۆزلىگەن چارە بويىچە تاقىماقچى بولغان بارلىق كومپيۇتېرلاردىكى  مىھمان ئابونتلارغىمۇ تاقاش ھوقۇقىنى بىرىمىز ياكى ئۆزىمىز خالىغان بىر نامدا ئوخشاش خىزمەت گۇرۇپپىسىدا بىر ئابونت قۇرىمىز ھەمدە بۇ ئابونتقا تاقاش ھوقۇقى بىرىمىز.ھەر بىر كومپىيۇتېردا يۇقارقى مەشغۇلاتنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىمىزنىڭ كومپيۇتېرىدا تۇرۇپ تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى بېرىمىز.

    Shutdown –I

    بۇ بۇيرۇقنى بەرسەك ئاپتۇماتىك يىراقتىن تاقاش دىئالوگ رامكىسى كۆرۈنىدۇ.تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك


    كۆزنەكتىكى كۆرۈش (游览) دىگەن كۇنۇپكىنى چەكسەك،كومپيىيۇتېر ئىزدەش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ.بۇ كۆزنەكتىن ئىزدەشنى باشلاش (开始查找) كۇنۇپكىسىنى چەكسەك، مەزكۇر قسىمى توردىكى بارلىق كومپىيۇتېرلار كۆرۈنىدۇ.

    Ctrl كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ، تاقىماقچى بولغان كومپىيۇتېرلارنى تاللايمىز. ئاخىردا تاللانما تۈرىدىكى سەۋەبلەردىن مۇۋاپپىق بىرسىنى تاللاپ جەزىملەشتۈرىمىز.


    شۇنىڭ بىلەن قىسمى توردىكى باشقا كومپيۇتېرلارنى ئاپتۇماتىك تاقاش مەقستىگە يېتەلەيمىز. ئەگەر  كۆرۈش (游览) كۇنۇپكىسىنى باسقاندا، «مۇندەرىجە مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكىلى بولمىدى (目录服务目前不可用) دىگەندەك ئۇچۇر چىقىۋالسا، ئۇ تۆۋەندىكى سەۋەپلەردىن بولۇشى مۇمكىن.

    (1)  –سەۋەپ: بەلكىم كومپىيۇتېرلار ھەممىسى ئوخشاش بىر خىزمەت گۇرۇپپىسىدا بولماسلىقى مۇمكىن. ئالدى بىلەن ھەممە كومپىيتېرنى ئوخشاش بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاستىغا قويۇڭ.

    (2)  تور ID : مېنىڭ كومپىيۇتېرىم سىنبەلگىسى ئۈستىگە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چىكىش ئارقىلىق، خارەكتىرنى تاللاپ، ئىچىلغان كۆزنەكتىن،كومپىيۇتېر نامى دىگەن بەتكۈچنى ئېچىپ، ئۇنىڭدىن تور ID دىگەن كۇنۇپكىنى چىكىمىز. بۇنىڭ بىلەن يەنە بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ. بۇ كۆزنەكتىن توختىماستىن  كېيىنكى قەدەم كۇنۇپكىسىنى باسىمىز، بىريەرگە كەلگەندە پارۇل كىرگۈزۈشنى سورايدۇ. پارۇل كىرگۈزۈپ، يەنە كېيىنكى قەدەم كۇنۇپكىسىنى چەكسەك، كومپىيۇتېر نامى بىلەن كومپىيۇتېر تەۋە گۇرۇپپا نامىنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئادەتتە بۇ يەر MSHOME دەپ كىرگۈزۈپ قويساقلا بولىدۇ. ئامال بار ھەممسىگە مۇشۇ نامنى بەرسەك بولىدۇ.

    (3)  net-bios كېلىشىمى: يەرلىك تور ئۇلىنىشى (本地连接) خارەكتىرىدىن ئېنتېرنىت كېلىشىمى(internet协议) ئالى دەرىجە(高级)- WINS - net-bios تەڭشىكىنى سۈكۈت ھالەتكە توغرىلاپ قويساق بولىدۇ.

    ئاندىن قالسا بۇ كۆزنەك بۇيرۇقىنى يۇقۇرىدا دىگەن shutdown –s –m \\abral  بۇيرۇقى ئورنىغا دەسسىتىشكىمۇ بولىدۇ. يەنى مۇشۇ كۆزنەكتە تۇرۇپلا، قىسمى توردىكى ئۆزىمىز خالىغان  بىر كومپىيۇتېرنى ئۆچرەلەيمىز. ئەگەر قىسمى تورىدىكى كومپىيۇتېرنىڭ نامىنى بىلمىسەك تۆۋەندەك ئۇسۇلنى سىناپ باقساقمۇ بولىدۇ.يەنى ئالدى بىلەن تور خوشنام()دىن ئۆچۈرمەكچى بولغان كومپىيۇتېرنى تاللايمىز. مەسىلەن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.


    بۇنىڭدىن خالىغان بىر كومپىيۇتېرنىڭ خارەكتىرىنى ئاچىمىز.


    يۇقارقى رەسىمدە بويالغان ئورۇن، مۇشۇ كومپىيۇتېرنىڭ نامى  بولۇپ، بۇنى كۆچۈرىۋالىمىز. ئاندىن كومپىيۇتېرنى يىراقتىن ئۆچۈرۈش كۆزنكىدىكى قوشۇش دىگەن كۇنۇپكىنى چىكىپ، ئىچىلغان دىئالوگ رامكىسى ئىچىگە يۇقارقى كومپىيۇتېرنىڭ نامىنى كۆچۈرۈپ قويىمىز. تۆۋەنىكىدەك


    جەزىملەشتۈرۈشنى بېسىپ، ئاندىن تۆۋەندىكى ئىزاھات دىگەن يەرگە خالىغان گەپلەرنى يېزىپ قويۇپ، ئاستىدىكى جەزىم كۇنۇپكسىنى باسساق، قىسمى توردىكى يەنە بىر كومپىيۇتېر 20 سىكونتنى تەتۈر ساناپ تاقىلىپ قالىدۇ.

    9- بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا كومپىيۇتېرنى تاقاش.

    ئادەتتە ئىدارىدىن تورغا چىقىدىغانلار توك پۇلىدىن بەك ئەنسىرەپ كەتمىگەچ، توردىن كىنو ياكى چوڭ سىغىمدىكى ھۆججەتلەرنى چۈشۈرگەندە، كومپىيۇتېرنى كېچىچە ئوچۇق قويۇپ كېتىپ قالىدۇ. ئەمما بەزىدە باشقا ئەھۋال بولۇپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرەپمۇ قالىدۇ. بۇنداق چاغدا سىز پەقەت چۈشۈرىۋاتقان ھۆججەتنىڭ سائەت قانچىلەردە چۈشۈپ بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ كومپييۇتېرنى شۇ ۋاقىتتا ئۆچىدىغان قىلىپ، تەڭشەپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. مەسىلەن مەن كومپيۇتېرنى كېچە سائات 11 دە ئۆچىدىغان قىلماقچى بولسام مۇنداق قىلىمەن.

    at 2300 Shutdown s

    10- كومپىيۇتېرنى تاقاش پىلانى

    ئەگەر سىز كومپىيۇتېرنى ھەر كۈنى ياكى مەلۇم كۈنلەردە مەلۇم  ئوخشاش ۋاقىتتا تاقالسۇن دەپ قارىسىڭىز. مەسىلەن ئىدارىنىڭ كومپىيۇتېرى ئادەتتە ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن تەخمىنەن سائەت 6:00 دە تاقالسۇن دەپ قارىسىڭىز  تۆۋەندىكىدەك قىلسىڭىز بولىدۇ.

    at 18:00 /every:m,t,w,th,f,s,su shutdown –s

    بۇيرۇقنىڭ مەنىسى دۈشەنبە،سەيشەنبە... يەكشەنبە كۈنلىرى يەنى ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6:00 كومپىيۇتېر تاقالسۇن دىگەنلىك. بۇنىڭدىكى دۈشەنبە، سەيشەنبە بەلگىلىرىنى سانلارغا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق شۇ چىسلا كەلگەن كۈنى  تاقاشقا بولىدۇ. مەسىلەن :

    at 00:00 /every:1,5,10,15,20 shutdown -f -s -t 0

    بۇنىڭدا 1,5,10,15,20 –چىسلا كۈنلىرى سائەت نۆلدە كومپىيۇتېر ئۆزلۈكىدىن تاقىلىدۇ.

    ئەگەر بۇنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولسىڭىز، كونتىرۇل تاختىسىغا كېرىپ، ۋەزىپە پىلانى كۆزنىكىنى قوزغىتىپ، ئۇنىڭدىكى at1 ۋەزىپىسىنى ئۆچۈرىۋەتسەكلا بولىدۇ.

    3. 3-تەرەپ يۇمشاق دىتالى بىلەن كومپىيۇتېرى بىلەن تاقاش.

    بۇ خىلدىكى دىتاللار ناھايىتى كۆپ ،ئەمما مېنىڭ ئادەتتە ئىشلىتىدىغىنىم،  TTplayer(.relpost{clear:both}

    分享到:

    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !