باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • تا چىراي ئالماشتۇرۇشphotoshop

    ۋاقىت:2010-09-24 | تۈرى:كۆپ ۋاستە دىتاللىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/75533480.html

     

     

    ھازىر توردا داڭلىق شەخسلەرنىڭ چىرايىنى ئالماشتۇرغان رەسىملەر ئاز ئەمەس. مەسىلەن ئېيتساق ئوباما ئەر-ئايالنىڭ ئۇيغۇر كىيىملىرىنى كېيىپ چۈشكەن رەسىمى، سابىق ئامرىكا پىرىزدىنتى كىچىك بوشنىڭ تۈرلۈك ھەجۋىلەشتۈرگەن رەسىملىرى مەسىلەن: تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان دىگەندەك رەسىمىلىرىنى توردىن شۇنداقلا ئىزدىسەك تاپقىلى بولىدۇ.گەرچە بۇ ئۇنچە قالتىس تىخنىكا بولمىسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن يىڭى ئۈگەنگۈچى دوسلىرىمىز بۇنى قانداق قىلغاندۇ دەپ ئەقلى لال بولماقتا. بۈگۈنكى يازمىمىزدا photoshop نى يىڭى ئۈگۈنگۈچى دوسلىرىمىزغا چىراي ئالماشتۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇلىنى ئۈگىتىمىز. بۇ ئۇسۇلنى ئۈگىنىۋىلىپ، دوسلىرىڭىزنىڭ چىراينى باشقىلارغا، مەسىلەن قىزلارغا ئالماشتۇرۇپ قويۇپ، ئېغىر چاقچاقلارنى ( 恶作剧مۇشۇنى ئۇيغۇرچە نىمە دەيمىز.مەن ئېغىر چاقچاق دەپلا ئېلىپ قويدۇم) قىلىپ،قويۇپ، ھۆددىسىدىن چىقالمىساڭلار بىز چىقىشىپ بىرەلمەيمىز.شۇڭا بۇ تەرەپلەرگىمۇ دىققەت قىلىپ قويارسىلەر.ئۇندىن باشقابۇنى بىلىدىغان ياكى بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئۇسۇلنى بىلىدىغان دوسلىرىمىزنىڭ ئارتۇقچە كايىپ كەتمەي، ئۆزى بىلگەن ئۇسۇلنى يېزىپ چىقىپ ، كەڭ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.ئەمىسە دەرسىمىزنى باشلاپ كەتتۇق.

    ئالدى ئىككى پارچە رەسىمنى تەييارلاڭ،يەنى بىر پارچە رەسىم چىراي ئۆزگۈرۈش قىلماقچى بولغان رەسىم، يەنى بىر پارچىسى نىشان رەسىم بولىدۇ. ئەگەرسىز يىڭى ئۈگەنگۈچى بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسى رەڭ قاتلىمى، يۈز شەكلى ئۆز-ئارا ماس كىلىدىغان ئاددىراق رەسىملەرنى تاللاڭ، دەسلەپتىلا بەك مۈرەككەپ رەسىملەرنى تاللىۋالسىڭىز قاملاشتۇرۇپ بولالماي ئىچىڭىز پۇشۇپ تاشلىۋىتىسىز.

    تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ. مايكول بىلەن تۈرمىدىن قاچقان بۇ كىم ئەمدى؟


    توغرا دەل چاقچاقچىمىز ھىسامكام بولىدۇ.

    بىز بۇنى ئىشلەشتە ئالدى بىلەن تۈرمىدىن قىچىش فىلىمىنىڭ رەسىمىدىن بىر پارچە ۋە ھىساكامنىڭ رەسىمىدىن بىر پارچە تەييالاپ ئالدۇق.

    ئاندىن فوتوشۇپتا بۇ رەسىملەرنى ئېچىپ، باشتا ھىساكامنىڭ چىرايىنى تاللاپ، ئاندىن تىزىملىكتىن تەھرىرلەش ئاستىدىن كۆچۈرۈش بۇيرۇقىنى بېسىپ، تاللانغان رايۇننى كۆچۈرىۋالدۇق. تۆۋەندىكىدەك.

    ئەمدى ئىككىنچى قەدەمدە مايكولنىڭ رەسىمىنى ئېچىپ، كۆچۈرىۋالغان رەسىمنى يەنە تىزىملىكتىن تەھرىرلەش ئاستىدىكى چاپلاش بۇيرۇقى ئارقىلىق مايكولنىڭ رەسىمى ئۈستىگە چاپلايمىز.تۆۋەندىكىدەك. ئەگەر بۇ رەسىمنى مايكولنىڭ سۈرىتى بىلەن ئالماشتۇرىمىز دىسەك بەك ئىشلەپ كېتىمىز. شۇڭا يەنىلا لىنكىن بىلەن ئالماشتۇرۇشنى مۇۋپپىق كۆردۈم.

    ئۈچىنچى  باسقۇچتا لىنكىننىڭ چىرايىنى تاللايمىز.تاللىغاندا بەك ئىنچىكلەپ كىتىشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت چاچلارنى قالدۇرۇپ،چىراينى تولۇقراق ئالساقلا بولىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ.

    تۆتىنچى باسقۇچتا، لىنكىننىڭ چىراينى تاللاپ بولۇپ، تىزىملىكتىن <تاللاش-تاللانغان رايۇننى ساقلاش> بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلساق تۆۋەندىكى كۆزنەكتىكىدەك تاللانغان رايۇننى ساقلاش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. نامى دىگەن يەرگە ئۆزىمىز خالىغان ئىسىمنى قويساق بولىدۇ. بۇ رەسىمدە بىز 4 دىگەن ساننى ئىسىم قىلىپ قويدۇق. ئاندىن بولدى (好) دىگەن كۇنۇپكىنى باسساق، بۇ تاللانغان  رايۇن ساقلىنىپ قالىدۇ. كىيىن قاچان ئىشلىتىمىز دىسەك شۇ چاغدا قايتا تاللاپ يۈرمەي ئاشۇ 4 دىگەن ئىسم ئارقىلىق يۈكلەپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ.

    بەشىنچى باسقۇچتا ، ctrl+d   كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، تاللاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ھىسامكامنىڭ كىسىۋىلىنغان باش سۈرىتىنى لىنكىننىڭ باش سۈرىتى ئۈستىگە قويۇمىز. ئامال بار تاللانغان رايۇن ئۈستىگە كەلتۈرۈشكە تېرىشىمىز.ئەگەر بەزى يەرلەر سەل ماس كەلمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلسە  ctrl+t ئارقىلىق سۈرەت چوڭ-كىچىكلىكىنى تەڭشەش ھالىتىگە كىرىپ، ھىسامكامنىڭ باش سۈرىتىنىڭ چوڭ-كىچىكىلىكىنى تەڭشەيمىز. ئەگەر بەزى بۇلۇڭلار تازا ماس كەلمىسە تىزىملىكتىكى <تەھرىر-ئۆزگەرتىش> ئاستىدىكى بىر قانچە خىل ئۆزگەرتىش بۇيرۇقلىرىنى جانلىق ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزىمىز ئاساسەن رازى بولغۇدەك ھالغا كەلتۈرىمىز.تۆۋەندىكىدەك

     

    ئالتىنچى باسقۇچتا، بايام ساقلاپ قويغان تاللانغان رايۇننى تىزىملىكتىن <تاللاش- ساقلاپ قويۇلغان تاللانغان رايۇننى يۈكلەش> بۇيرۇقىنى بېسىپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىكى قانال دىگەن تۈرنى چېكىپ،  ئۆزىمىز بايام ساقلاپ قويغان رايۇن ئىسىمىنى يەنى 4 دىگەن ئىسىمنى  تاللاپ جەزىملەشتۈرىمىز.يەنى تۆۋەندىكىدەك.

    يەتتىنچى باسقۇچتا، تىزىملىكتىن <تاللاش- 羽化 > (羽化) بۇيرۇقىنى بەرسەك   ( 羽化 نى نىمە دەيدىغاننى بىلمىدىم) كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. بۇ كۆزنەككە ئۆزىمىز مۇۋاپپىق دەپ قارىغان قىممەتنى بېرىمىز. بۇ رەسىمدە بىز 10 دەپ بەردۇق. ئاندىن جەزىملەشتۈرىمىز.تۆۋەندىكىدەك.

    سەككىزىنچى باسقۇچتا، delete كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق، تاللاش رايۇنىنىڭ سىرتىدىكى كىرەكسىز يەرلەرنى چىقىرىۋىتىمىز. بۇ رەسىمدە delete كۇنۇپكىسىنى بىر قېتىم باسساق تاللانغان رايۇن سىرتىدا يەنە بىر قىسىم رايۇنلار قالىدۇ. شۇڭا بىز يەنە بىر قېتىم ياكى بىر قانچە قېتىم delete كۇنۇپكسىنى بېسىۋەتسەك بولىدۇ. ئىشقىلىپ، ئۆزىمىز رازى بولغۇدەك ھالغا كەلگەندە بولدى قىلساق بولىدۇ. مانا ئاخىرقى نەتىجە تۆۋەندىكىدەك بولدى.

    ئەگەر بەزى يەرلەر ئۆزىنىڭكىدەك چىقمىدى دەپ قارىسىڭىز فوتوشوپتىكى باشقا سىلىقلاش قوراللىرى ئارقىلىق شۇ جايلارنى سىلىقلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.

     

     

     

     

     

     

     

     

     


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • [avatar:30] بۇ بولىدىغان تېخنىكا ئىكەن ئۆگىنىپ قويساق بولغۇدەك.
    ئابرال回复wulkan说:
    سىزگە يارىغانلا بولسا بولدىغۇ.
    2010-12-14 22:31:37
  • [avatar:30][avatar:30][avatar:30]ناھايتى ياخشى بىلىمكەن رەھمەت بولسا كىيىنكى قىتىمقى دەرىسلىرىڭىزدە خەتنى تەرجىمە قىلماي خەنزۇچە پىتى يوللىسىڭىز خەنزۇچە بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن ياخشى بولاتتى
    ئابرال回复بايلىق说:
    تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت. داۋاملىق كېلىپ تۇرارسىز.
    2010-10-15 00:13:19

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !