باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • تىترەپ كەتكەن سۈرەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

    ۋاقىت:2010-10-10 | تۈرى:كۆپ ۋاستە دىتاللىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/77536428.html

    تىترەپ كەتكەن سۈرەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

     

    ئالدى بىلەن بىلەن ئەسكەرتىش بېرىپ قوياي، بۇ ئۇسۇل خەنزۇچە تور بەتتىن تەرجىمە قىلىندى ھەمدە ئەسلى تىكىستتىكى سۈرەتلەر ئىشلىتىلدى. بەلكىم سىزنىڭ سۈرەتلىرىڭىزگە تولۇق ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن، شۇڭا فوتوشۇپنى جانلىق ئىشلىتىشنى ئۈگىنىۋىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

    سېفىرلىق ئاپاراتتا رەسىم تارتقاندا بەزىدە قول تىترەپ كەتكەنلىك ياكى باشقا  سەۋەبلەردىن رەسىم بىر خىل تىترەپ كەتكەن ھالەتتە كۆرۈنۈپ قالىدۇ. بۇ خىل سۈرەتنىڭ ئوڭشاشنىڭ ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

    ئەسلى سۈرەت تۆۋەندىكىچە:

     

     

    تۈزۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكى سۈرەتتىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

     

    ئوڭشاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

    1. قانال كۆزنىكىگە كېرىپ، ھەر قايسى قاناللارنى تەكشۈرۈپ، قايسى قانالدىكى ئۇچۇرلار بىر قەدەر كۆپ بولسا، شۇ قانالدا مەشغۇلات قىلىشنى تاللايمىز. بىز بۇ سۈرەتتە قىزىل قانالنى تاللىدۇق. ئالدى بىلەن قىزىل قانالنى بىر نۇسخا كۆچۈرىۋىلىپ، كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىدا تۆۋەندىكى مەشغۇلاتنى ئېلىپ بارىمىز.

    سۈزگۈچ-ئۇسلۇپقا ئىگە قىلىش- گىرۋەكنى يورۇتۇش (滤镜-风格-照亮边缘) بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىمىز. پارامىتىرلارنى تۆۋەندىكى سۈرەتتىكىدەك تەڭشىسەك بولىدۇ.

     

     

     

    2. قىزىل قانالنىڭ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىغا   سۈزگۈچ-غۇۋا- گائۇس غۇۋالاشتۇرۇش (滤镜-模糊-高斯模糊)  مەشغۇلاتى ئېلىپ بارىمىز.

     

    3. رەڭ دەرىجىسى (色阶) بۇيرۇقى ئارقىلىق قېزىل قانالنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسىغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز. پارامىتىرلارنى تۆۋەندىكىدەك تەڭشەيمىز.

     

    4. ئۈستۈنكى رەڭنى قارا رەڭ قىلىپ بەلگىلەپ، ئۆتكۈرلەشتۈرۈش (锐化) ھاجەتسىز بولغان جايلارنى چوتكا قورالى ئارقىلىق سىزىۋىتىمىز. مەسىلەن :يىراقتىكى مەنزىرە دىگەندەك.

     

    5. مەشغۇلات قىلىدىغان رايۇننى تاللاپ بولغاندىن كېيىن، بىز ئەمدى قېزىل قانالنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسىنى تاللانغان رايۇن شەكلىدە يۈكلەپ، رەڭ قەۋىتى كۆزنىكىگە قايتىپ، تەگلىكنى بىر نۇسخا كۆپەيتىۋالىمىز. ئاندىن تاللانغان رايۇننى ئەمەلدىن قالدۇرماي تۇرۇپ، تۆۋەندىكى مەشغۇلاتنى ئېلىپ بارىمىز  سۈزۈگۈچ- بەدىئى ئۈنۈم بوياش(滤镜-艺术效果-绘画涂抹) پارامېتىرلارنى تۆۋەندىكىدەك تەڭشەڭ.

     

    6. تەگلىك كۆچۈرۈلمە نۇسخىسىنى يەنە بىر نۇسخا كۆچۈرۈپ،  بۇ كۆچۈرۈلمە نۇسخا 1 نى تەگلىك كۆچۈرۈلمە نۇسخىسىنىڭ ئاستىغا ئالىمىز.تەگلىك كۆچۈرۈلمە نۇسخىسىنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسىنى %30 قىلىپ تەڭشەيمىز. ھەمدە تەگلىك كۆچۈرۈلمە نۇسخىسىنى رەڭ قاپلاش (滤色)  ھالىتىگە تەڭشەيمىز. مەقسەت سۈرەتنى ئازراق يورۇتۇش.

     

     

    شۇنىڭ بىلەن ئىش پۈتتى. ئەمدى سۈرىتىڭىز قانداق بولدى قاراپ بېقىڭ.

     

     


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !