باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • ھەقسىز ئىشخانا يۇمشاق دىتاللىرى

    ۋاقىت:2010-10-14 | تۈرى:باشقا ئىشخانا دىتاللىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/78798471.html

    ھەممىمىز بىلىمىز Microsoft office بولسا ھەممىمىز ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئىشخانا يۇمشاق دىتالى. بۇ دىتال ھەقلىق دىتال بولۇپ، Office 2010 نىڭ 2010-يىلى 6-ئايدا ئامازۇن تورىنىڭ ئىلان قىلغان سىتىش باھاسى ئائىلە نەشىرى 240 دوللار(ئەگەر  بىر دوللارنى 7 يۇەن ھىساپلىساق 1680 يۈەن خەلق پۇلىغا توغرا كېلىدۇ.)، سودا نەشىرى 460 دوللار (3320 يۈەن خەلق پۇلىغا توغرا كېلىدۇ). تۆۋەندىكى ئادرىسقا قارىسىڭىز بولىدۇ: http://www.cnbeta.com/articles/113949.htm

       ئەمدى ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىزدىمۇ پاتىنىت ھوقۇقى،نەشىر ھوقۇقى قاتارلىقلارنى قوغداش دولقۇنى كۆتۈرۈلۇپ، قانۇنسىز نەشىردىكى يۇمشاق دىتاللارنى ئىشلەتكەنلەر قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىدىغان ئىش بولۇپ قالسا، ئۇچاغدا نۇرغۇلىرىمىز ھەقىقى نەشىردىكى Microsoft office سىتىۋىلىشىمىزغا ياكى باشقا خىلدىكى ئىشخانا دىتاللىرىنى ئىشلتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنداقتا Microsoft office نىڭ ئىشخانا دىتالىدىن باشقا بىز ئىشلتىشكە بولىدىغان يەنە قانداق ھەقسىز ئىشخانا دىتاللىرى بار؟

    1. OpenOffice  ئىشخانا يۇمشاق دىتالى

    OpenOffice بولسا بىر مەنبە كودى ئېچىۋىتىلگەن، كۆپ خىل مەشغۇلات سىستىمىسدا ئىشلەيدىغان ئىشخانا يۇمشاق دىتالى. ئۇنىڭ windows, linux, mac os,solaris  قاتارلىق مەشغۇلات سىستىمىلىردا ئىشلەيدىغان نۇسخىسى بار.

    ئۇنىڭ Writer دىگەن بۆلىكى مىكروسوفتنىڭ Microsoft office word قا، Calc دىگەن بۆلىكى Microsoft office excel گە، Impress دىگەن بۆلىكى  Microsoft office powerpoint قا دەل كېلىدۇ. ئۇندىن باشقا فورمىلا كىرگۈزۈش Math، شەكىل سىزىش ئۈچۈن Draw دىگەن بۆلەكلەر ئايرىم قوشۇلغان.

    ئۇ ھازىرقى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ھۆججەت فورماتلىرىدىن Microsoft office نىڭ ھۆججەت فورماتلىرىنى پۈتۈنلەي قوللاپ قالماي، يەنە IBM Lotus دىتالىنىڭ ھۆججەت شەكلى ۋە باشقا بىر قانچە خىل ھۆججەت فورماتلىرىنى قوللايدۇ.

    بىزنى ئەڭ خۇشال قىلىدىغان يېرى بۇ دىتالنى يىقىندا بىلىك كۇلۇبىدىن ساھران ئەپەندى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتى.

    ئۇندىن باشقا توردا بۇ دىتالنىڭمۇ بۇندىن كېيىن سودا خارەكتىرلىك دىتالغا ئۆزگىرىپ كېتىش ئىھتىماللىقى توغرىسدا مۇلاھىزىلەر بولىۋاتىدۇ. ئەگەر راستلا شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىپ قالسا، بۇنى قانۇنسىز ئىشلتىشكە يول قويماسلىقى مۇمكىن. ئۇنداقتا بىزنىڭ يەنە باشقا تاللىشىمىز بارمۇ؟ ئەلۋەتتە بار. ئەمىسە تۆۋەندىكى  ئىشخانا دىتاللىرىنى دىتاللارنى كۆرۈپ بېقىڭ.

    2. IBM Lotus Symphony ئىشخانا يۇمشاق دىتالى

    راستىمنى ئېيتسام IBM Lotus دىگەننى ئاڭلىغان نامىنى ئاڭلىغان بىلەن ئۆزىنى ئىشلىتىپ كۆرمەپتىكەنمەن. بۇ قېتىم سىناپ باقتىم. ھەر ھالدا ئۇيغۇرچىنى قوللىشى ئالتۇن تاغنىڭ wps  ئىشخانا دىتالىغا قارىغاندا ياخشى قوللايدىكەن.

    يەنە كېلىپ بۇ دىتال ھەقسىز دىتال بولۇپ، ئۇ IBM Lotus ئائىلىسىدىكى بىر يۈرۈش مۈنەۋەر ئىشخانا دىتاللىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭمۇ مىكروسوفتنىڭ ئىشخانا دىتاللىرىدىن word, excel,powerpoint قاتارلىقلارغا ماس كېلىدىغان بۆلەكلىرىدىن IBM Lotus Symphony Documents، IBM Lotus Symphony Spreadsheets، IBM Lotus Symphony نى قاتارلىقلار بار.

    بۇ ئىشخانا دىتالىمۇ ئوخشاشلا windows, linux, mac os قاتارلىق كۆپ خىل مەشغۇلات سىستىمىسدا ئىشلەيدىغان بولۇپ،24 خىل تىلنى قوللايدىكەن.

    ئۇندى باشقا بۇ ئىشخانا دىتالى Microsoft office نىڭ ھۆججەت فورماتىنى قوللىغاندىن باشقا يەنە بىر قانچە خىل ھۆججەت فورماتىنى قوللايدۇ. كۆڭۈلدىكى ھالەتتە ODF فورماتىنى ئادەتتىكى ھۆججەت ساقلاش فورماتى قىلىدۇ. ئەگەر سىناپ باقماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئادرىسنى چىكىڭ.

    Window  نەشىرنى چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://mydown.yesky.com/soft/utilitie/officetools/10/435510.shtml

    3. لىنۇكىس KDE مۇھىتىدا ئىشلەيدىغان Koffice ئىشخانا يۇمشاق دىتالى

    بۇ دېتالنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. ئەمما بۇدىتالمۇ ھەقسىز دىتال ئىكەن، ھازىرچە پەقەت لىنۇكىس مۇھىتىدا ئىشلەيدىغان نۇسخسى بار ئوخشايدۇ.

    بۇنىڭمۇ مىكروسوفتنىڭ ئىشخانا دىتاللىرىدىن word, excel,powerpoint قاتارلىقلارغا ماس كېلىدىغان بۆلەكلىرىدىن Kword، Kspread ، Kpresenter  قاتارلىقلار بار ئىكەن. ئۇلاردىن باشقا يەنە Kivio دىگەن بۆلىكى Visio ئۇسلۇبىدىكى تەرتىپ دىئاگراممىسى سىزىش دىتالى، Karbon14 ۋىكتورلۇق رەسىم سىزىش قورالى، Krita رىشاتكىلىق دىئاگرامما شەكلىدىكى رەسىم سىزىش قورالى، Kexi سانلىق مەلۇمات ئامبىرى پىراگراممىسى قاتارلىقلار بار ئىكەن.

    بۇ ئىشخانا دىتالىنى لىنۇكىس سىستىمىسى ئىشلىتىۋاتقانلار بولسا سىناپ باقسا بولغۇدەك.

    4. جۇڭگۇدا ئىشلەنگەن ئىشخانا دىتاللىردىن ئالتۇنتاغ ئىشخانا باشقۇرۇش يۇمشاق دىتالى  يەنى ئادەتتە خەنزۇلار كۆپ ئىشلىتىدىغان wps ئىشخانا يۇمشاق دىتالى، redoffice ئىشخانا يۇمشاق دىتالى ۋە يوڭجۇڭ ئىشخانا يۇمشاق دىتالى قاتارلىقلار بار. بۇلاردىن  wps ئىشخانا يۇمشاق دىتالى ۋە redoffice ئىشخانا يۇمشاق دىتالى ھەقسىز دىتال بولۇپ، يوڭجۇڭ ئىشخانا يۇمشاق دىتالى ھەقلىق دىتال بۇلۇپ بۇنىڭ ئەڭ ئەرزان ئائىلە نۇسخىسى 98 يۇەن. ئەمما يوڭجۇڭ ئىشخانا يۇمشاق دىتالىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە تۈزۈلگەن نۇسخىسىمۇ بار.

    بۇ دىتاللاردىن يۇقارقى ئىككىسىنىڭ ئۇيغۇرچىنى قوللىشى تازا ياخشى ئەمەس. بولۇپمۇ wps ئىشخانا يۇمشاق دىتالىنىڭ ئۇيغۇرچىنى قوللىشى تازا ياخىشى ئەمەس. Redofficeتا ئۇيغۇرچە يېزىشقا بولىدۇ. بىراق يەنىلا شۇ كۆپ يېزىقنى بىرتەرەپ قىلىشتا ياخشى ئەمەس.

    يوڭجۇڭ ئىشخانا يۇمشاق دىتالىنىڭ خەنزۇچە نەشىرلىردە ئۇيغۇرچە خەت يازغاندا ئارلاش يېزىقتا بولسا تازا ياخشى ماڭمايدۇ.ئەمما ئۇيغۇرچە نۇسخىسى خېلى ياخشى دىتال ھىساپلىنىدۇ.

    5. بىۋاستە توردا تۇرۇپ مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىغان ئىشخانا يۇمشاق دىتاللىرى

    توردا ئىش بىجىرىدىغان ئىشخانا يۇمشاق دىتاللىرىدىن گۇگىل ئىشخانا يۇمشاق دىتالى،مىكروسوفت Office Live Space ئىشخانا يۇمشاق دىتالى ۋە Zoho توردىكى ئىشخانا يۇمشاق دىتال مۇلازىمىتى قاتارلىقلار بار. بۇلاردىن بۇلارنىڭ ھەممىسىگە چوقۇم تورغا ئۇلانغان كومپىيۇتېردا تۇرۇپ، ئەشۇ مۇلازىمەت تەمىنلىگەن شىركەتلەرنىڭ تور بېتىگە كېرىپ، ھەمدە ئۇلارنىڭ تور بېتىگە تىزىملتىش ئارقىلىق ئاندىن يۇقارقى يۇمشاق دىتاللار مەشغۇلات ئېلىپ بارالايسىز.

    ئەمدى گەپ سىزنىڭ قايسى ئىشخانا يۇمشاق دىتالىنى تاللىشىڭىزدا قالدى.

    بۇ ماتىريال تۆۋەندىكى مەنبەدىكى تەرجىمىگە ئاساسەن ئازراق ئۆزگەرتىش ئاساسىدا تۈزۈلدى. http://server.zol.com.cn/196/1963932.html


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • [avatar:30]ماڭا ياخشى بولغان بىر ئۇيغۇرچە pdfھۆججىتى ياساش دىتالىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز مەن بەك قىينىلىپ كەتتىم
    جاۋابىنى خەت ساندۇقۇمغا ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز رەھمەت........
    ئابرال回复ئىلشات说:
    مەن ھازىرغىچە flashpaper دىتالىنى ئىشلىتىۋاتىمەن.
    بەلكىم سىز بۇ دىتالنىڭ يىشىۋىتىش بولىقىنى قاچىلىمىغان بولسىڭىز كېرەك. شۇنى تېپىپ سىناپ بېقىڭ.
    2010-11-23 21:34:29

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !