باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • كۇنۇپكا تاختىسىنى رىمونت قىلىش

    ۋاقىت:2010-11-04 | تۈرى:قاتتىق دېتال بىلىملىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/82077626.html

    مائۇس، كۇنۇپكا تاختىسى قاتارلىق كومپىيۇتېر مەشغۇلاتىدىكى كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىلىرى ئىشلىتىلىشىنىڭ كۆپ بولۇشى سەۋەپلىك ئاسان بۇزۇلىدۇ. گەرچە ھازىر كۇنۇپكا تاختىسى ئەرزانلاپ، رىمۇنت قىلىش ھاجەتسىز بولسىمۇ، بەزىدە كېچىك كاشىلىلارنى ئۆزىمىز ئازراقلا تىرىشساق ھەل قىلىپ كېتەلەيمىز. تۆۋەندە كۇنۇپكا تاختىسىنى ئاددى ئۇسۇلدا رىمونت قىلىش ئۇسۇلىنى سۆزلەيمىز.

    كۇنۇپكا تاختىسىدا كۆرۈلىدىغان ئاساسلىق مەسىلە بولسا، كۇنۇپكىلارنىڭ نورمال ئىشلىمەي، خەت كىرگۈزگەندە خەت چىقماي تۇرۇۋىلىشىدۇر. بۇنىڭ سەۋەپلىرى كۆپ بولۇپ، cpu نىڭ خىزمىتى مۇقىم بولماسلىق؛ كومپىيۇتېردىكى كۇنۇپكا تاختىسىنى چىتىش ئېغىزى بۇزۇلۇش؛ كۇنۇپكا تاختىسى سىم يولىدا مەسىلە كۆرۈلۇش، مەسىلەن:كۇنۇپكا تاختىسى سىمىدىكى چىتىش ئىغىزى ئىچىدىكى يىڭنىلەر سۇنۇپ كىتىش دىگەندەكلەرمۇ كۇنۇپكا تاختىىسدا كۆپ كۈرۈلىدىغان كاشىلىلاردىن بولسىمۇ، ئەمما بۇلار ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپ ئەمەس.بۇلاردىن باشقا ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپ كۇنۇپكىلار بىلەن كۇنۇپكا تاختىسى ئىچىدىكى توك يولى تاختىسىنىڭ ئۆز-ئارا ياخشى تىگىشمەسلىكىدۇر.ھازىرقى كۇنۇپكا تاختىلىرىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان مەسىلە مانا مۇشۇ.

    بۇ يازمىمىزدا ئاساسلىقى كۇنۇپكىلار بىلەن توك يولىنىڭ ئۆز-ئارا ياخشى تىگىشمەسلىك كاشىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشىنى سۆزلەيمىز.ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

    1. ئالدى بىلەن كۇنۇپكا تاختىسىنى دۈم قىلىپ (كۇنۇپكىلار بار تەرەپنى تۆۋەنگە قارىتىڭ، بولمىسا كۇنۇپكىلار چۈشۈپ كېتىپ، سىزنى بىر مۇنچە ئاۋارە قىلىدۇ)، كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ۋىنتىلارنى بوشىتىپ، كۇنۇپكا تاختىسىنى ئاجرىتىمىز.

    2.كۇنۇپكا تاختىسىنى ئاچقاندىن كېيىن، قارايدىغان بولساق كۆرىدىغىنىمىز توك يولى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر پارچە سولياۋ بولۇپ، كۇنۇپكىلار ئاشۇ سولياۋدىكى توك يولىغا تىگىشىش ئارقىلىق خەت كىرگۈزۈش مەقسىتىگە يېتىدىغان بولۇپ، كۆپىنچە ھاللاردا نورمال خەت كىرگۈزەلمەسلىك ھادىسى بولسا ئاشۇ سولياۋغا ۋە كۇنۇپكىلارنىڭ سولياۋغا تىگىشىش تەرىپىگە كىر يىغىلىۋالغانلىقتىن بولىدۇ. ئەمدى بىز پەقەت قويۇقلىقى %75 دىن يۇقۇرى بولغان ئىسپرىت (دوختۇرخانىلاردا ئىشلىتىلىدىغان ئىسپىرت بولسىمۇ بولىدۇ) ئارقىلىق بۇ توك يولى ئورۇنلاشتۇرۇلغان سولياۋنى 2-3 قېتىم سۈرتىمىز. باسقاندا خەت چىقمايدىغان كۇنۇپكىلار ئورنىنى بىر نەچچە قېتىم ئارتۇق سۈرتۈپ قويىمىز.

    3. باسقاندا خەت چىقمىغان كۇنۇپكىلارنى تەكشۈرۈپ باقىمىز. ئەگەر كۇنۇپكىلارنىڭ توك يولى بىلەن تېگىشىدىغان يەرلىرىگە كىر يېغىلىۋالغان بولسا ئۇ يەرنى ئىسپىرىت بىلەن پاكىز سۈرتۈپ قويىمىز. ئەگەر پۇچۇلغان يەرلىرى بولسا، ئادەتتە كۆپ ئىشلەنمەيدىغان باشقا كۇنۇپكىلار بىلەن ئالماشتۇرۇپ قويساقمۇ بولىدۇ.

    4. كۇنۇپكا تاختىسى ئىچىدىكى 4 بۇلۇڭغا توپا-توزان يېغىلىۋالغان بولسا، ئۇنى چوتكا دىگەندەك نەرسىلەر بىلەن تازىلاپ قويىمىز.

    5. ئەگەر توك سىمى بىلەن تۇتاشقان جايلاردا ئاجراش كۆرۈلگەن بولسا، داغمال ئىشلتىشنى بىلسىڭىز، داغماللاپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر بىلمىسىڭىز ئېتىشماي، شۇ پېتى قويۇپ قويۇڭ.

    6. ئىسپىرت قۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ۋىنتىلارنى جايىغا سىلىپ، كۇنۇپكا تاختىسىنى قۇراشتۇرۇپ قويۇڭ.

    ئەمدى بۇ كۇنۇپكا تاختىسىنى كومپىيۇتېرغا چېتىپ سىناپ بېقىڭ. قانداق ئۈنۈمى بولدىمۇ؟

     

     


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • [avatar:30]مەنمۇ بېكار دىن بېكارلا بىرقانچە كۇنۇپكىلارنى تاشلىۋېتىپتىمەن دېسە !!!
    ئابرال回复كارۋان بلوگى说:
    كېيىنكى قېتىم يېغىپ ساقلاپ قويارسىز بولمىسا؟قانداق دىدىم.
    2010-11-23 21:37:38

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !