باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • ئۆزۈم تەرجىمە قىلغان 2 ئەپ

    ۋاقىت:2012-02-29 | تۈرى:يانفۇن بىلىملىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ilkitap-logs/195440060.html

     

    يېقىندا ئاندىرويىدقا كۆچكەندىن كېيىن مەنمۇ 1-2 ئەپنى تەرجىمە قىلىپ، ئالىپ تورىغا يوللىغان ئىدىم. بىلوگ ئوقۇرمەنلىرىنىڭمۇ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ، بىلوگىمغا يوللاپ قويدۇم.

    1.  MIUI   كامىراسى

    بۇ ئەپ مېنىڭ تورداشلارنىڭ ئانا تىل بايرىمى ئۈچۈن تەرجىمە قىلغان ئاندىرويد دېتالىم بولۇپ، ئالىپ تورىنىڭ ‹ دۇنيا ئۇيغۇر تىلى كۈنى› چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن، MIUI相机  نى دېتالى بولۇپ، ئۇيغۇرچە نامىنى «ئاپارات» دەپ قويۇپ قويدۇم.

    بۇ دىتالنىڭ ماڭا ياققان ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى سىنغا ئالغاندا ئاپاراتنىڭ چىرىقىنى ياندۇرۇپ تۇرۇپ سىنغا ئالالايدىغانلىقى. يەنى ئەگەر كەچقۇرۇنلىرى ياكى سەل قاراڭغۇ يەرلەردە سېىنغا ئېلىشقا ئىھتىياجلىق بولۇپ قالسىڭىز، باشقا سۈرەت تارتىش، سىن ئېلىش دىتاللىرى سىز سىن ئېلىۋاتقان چاغدا  يانفۇن چىرىقىنى ياندرۇپ بېرەلمەيدۇ (بەلكىم بولۇشى مۇمكىن، ئەمما مەن خېلى ئىزدەپ مۇشۇنىڭدىن باشقىنى تاپالمىدىم) ئەمما بۇ دېتال بولسا ئاپارات چىرىقىنى ياندۇرۇپ بېرەلەيدۇ. سىز قاراڭغۇدىمۇ يورۇق جايدا سىنغا ئالغاندەك ئېنىق ھالدا سىنغا ئالالايسىز.
    تەرجىمە ئەپنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ بېقىڭ:


     بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ


    2. ھېساپچى

    بۇ بىر ئاندىرويد مۇھىتىدىكى شەخسى كىرىم-چىقىم خاتىرلەش دىتالى بولۇپ، دىتالنىڭ ئەسلى خەنزۇچە ئىسمى   每日记账本 بولۇپ، بۇ دىتال ئەمىلىيەتتە 安卓记账本 دىگەندەك بىر قانچە دېتال بىلەن ئەسلى كودى بىر بولسا كېرەك. بۇ دېتاللار بىر- بىرىدىن پەرق قىلىپ كەتمەيدىكەن. مەن بۇنىڭغا ئۇيغۇرچە ھېساپچى دەپ ئىسىم قويۇپ قويدۇم.

    تۆۋەندە بۇ ئەپنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئازراق چۈشەندۈرۈپ قوياي:

    ئادەتتە مالىيە خادىملىرى بولسا بۇ دىتالنى كۆرۈپلا قانداق ئىشلتىشىنى بىلەلەيدۇ. ئەمما مالىيە خادىملىرى ئەمەس كىشلەرنىڭ بىر قاراپلا قانداق ئىشلىتىشنى بىلەلىشى ناتايىن. شۇڭا بۇ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى مالىيە بىلەن شۇغۇللانمايدىغان كىشلەر ئۈچۈنلا تۈزۈپ چىقتىم.

    1-قەدەم تەييارلىق خىزمەت .

    ھسىاپچىدا جەمئى بەش خىل  ھىساپ تۈرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئەپ ئۆزىدە ھەر قايسى تۈرلەر ئاستىدا 1-2 گىچە 2-دەرىجىلىك ھىساپ تۇرغۇزۇلغان. ئەمدى ئىشلىتىش ئۈچۈن سىز ئالدى بىلەن ئاشۇ بەش خىل تۈر ئاستىغا ئۈسىتىدە بىرىلگەن 2-دەرىجىلىك ھىساپ ئۈلگىسىگە ئاساسەن ئۆزىڭىز دائىم ئىشلىتىدىغان ھىساپ تۈرلىرىنى بەلگىلەيسىز. يەنى ئالدى بىلەن ھېساپ تۈرلىرى دىگەن دىگەن تۈرنى چىكىپ كىرىپ ئىچىدىكى ھەر قايسى ھېساپ تۈرلىرى ئارىسىغا يەنە ئىھتىياجىمىز بويىچە ئۆزىمىز خالىغان ھېساپ تۈرلىرىنى قوشساق بولىدۇ.مەسىلەن: كىرىم تۈرى ئاسىتىدا مۇئاش ۋە باشقا كىرىم تۈرى بولۇپ، سىز يەنە مۇكاپات، تىجارەت كىرىمى، ھەدىيە كىرىمى، تاسادىپى كىرىم دىگەندەك كىرىم تۈرلىرىنى بىكىتسىڭىز بولىدۇ. چىقىم تۈرى ئاستىدا ، يىمەك ئىچمەك، كۆڭۈل ئىچىش، باراۋەت-زىياپەت، باشقا چىقىملار دىگەندەك تۈرلەر بولۇپ، سىز يەنە ئىھتىياجىڭىزغا ئاساسەن، كىرا خىراجىتى، ئالاقە خىراجىتى، كىيىم-كىچەك خىراجىتى، داۋالىنىش خىراجىتى،ئوقۇش خىراجىتى، بالىلار خىراجىتى، سۇغۇرتا خىراجىتى ، ئادەمگەرچىلىك خىراجىتى دىگەندەك ئۆز ئىھتىياجىڭىزغا ماس كېلىدىغان خىراجەت تۈرلىرىنى بىكىتىۋالسىڭىز بولىدۇ. مۈلۈك تۈرى ئاستىدا، بانكا.سودا-سانائەت، بانكا .يىزا ئىگىلىك، نەقپۇل دىگەندەك 3 تۈر بولۇپ، بىز يەنە ئىھتىياجىمىزغا ئاساسەن بۇنىڭغا جۇڭگۇ بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى، فوند ، پاي دىگەندەك تۈرلەرنى قوشىۋالساق بولىدۇ.

    قەرز تۈرىدە بولسا كىرىدىت كارتىسى دىگەن بىرلا تۈر بولۇپ، بۇنىڭغا بىز يەنە كىملەرگە قەرز بولساق، شۇلارنىڭ ئىسىمىنى ، مەسىلەن : مەمەت،سەمەت دىگەندەك يىزىپ قويساق بولىۋىرىدۇ.

    باشقا دىگەن تۈردە بولسا، ئۇنىڭغا ئۆزىڭىز يۇقۇرقىلارغا چۈشمەيدىغان تۈر بولسا شۇنىڭغا يېىزىپ قويسىڭىز بولىدۇ.

    ھەمدە بۇلارنىڭ ئىچىدىن مۈلۈك تۈرىدىكىلەر بىلەن قەرز تۈرىدىكىلەرنىڭ دەسلەپكى قىممىتىنى بېكىتىپ قويىمىز. چۈنكى« بانكا . سودا-سانائەت بانكىسى » دىگەن تۈرنى ئىشلىتىشنى بېكتكەن بولسىىڭىز.جەزمەن شۇ كارتىدا ئازراق بولسىمۇ پۇلىڭىز بولغان بولىدۇ. بۇ پۇل سوممىسىنى سىز ئاشۇ دەسلەپكى قىممەت دىگەن يەرگە يېزىپ قويسىڭىز بولىدۇ. قەرز تۈرىدىمۇ ئەگەر سىز مەن مەمەتكە قەرز ئىدىم قەرز تۈرى ئىچىگە مەمەت دەپ يازغان بولسىڭىز، ئۇنىڭ دەسلەپكى قىممىتىگە مەمەتكە ئۆزىڭىز ھازىر قانچە قەرز بولسىڭىز شۇ سوممىنى يېزىپ قويسىڭىز بولىدۇ.

    2- قەدەمدە كۈندىلىك كىرىم –چىقىمنى خاتىرلەش.

    يەنى «يىڭى ھىساپ» دىگەن تۈرنى چېكىپ، يېڭىدىن ھىساپ خاتىرلەش باسقۇچىغا كىرىمىز.

    بۇ يەردىكى «پۇل چىققان ھېساپ»دىگەن تۈرگە ئادەتتە نەقپۇل خەجلىگەن بولسىڭىز، مۈلۈك.نەقپۇلنى تاللاپ قويسىز. ئەگەر بانكا كارتىسى ئارقىلىق پۇل تۆلىگەن بولسىڭىز، بانكا.سودا-سانائەت ياكى بانكا . يېزا ئىگىلىك دىگەندەك قايسى بانكا كارتىسى بولسا شۇ بانكا كارتىسىنى تاللاپ قويسىىز. پۇل كىرگەن ھېساپ دىگەن تۈرگە ئاساسلىقى قىلىنغان چىقىم تۈرىنى تاللايسىز. مەسىلەن بۈگۈن تېلېفۇنىڭىزغا 50 يۇەننى نەقپۇل ئارقىلىق قاچىلىغان بولسىڭىز، پۇل كىرگەن ھېساپ دىگەن تۈرگە ئالاقە خىراجىتى دىگەن تۈرنى تاللاپ بېرىسىز. پۇل سوممىسى دىگەن يەرگە 50 دىگەن ساننى يازىسىز. ئاستىغا قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ، ئاندىن تۆۋەندىكى «خاتېرە قوش» كۇنۇپكىنى چەكسىڭىز، بۇ قېتىملىق ھېساپ خاتىرلەش يانفۇنىڭىزغا ساقلىنىدۇ.

    ئەمما بۇ يەرگە چوقۇم چىقىملا يېزىلىدۇ دەپ ئويلاپ تۇرىۋالماڭ. ئەگەر سىز يېزا ئىگىلىك بانكا ھېساۋىڭىزدىن 500 يۇەن نەقپۇل چىقارغان بولسىڭىز، پۇل چىققان ھېساپقا بانكا.يېزا ئىگىلىك دىگەن تۈرنى تاللاپ، پۇل كىرگەن ھېساپ دىگەن تۈرگە نەقپۇل دىگەن تۈرنى خاتىرلەيسىز. ئاستىدىكى پۇل سوممىسىغا 500 نى يېزىپ، خاتىرە قوش دىگەن كۇنۇپكىنى چەكسىڭىزلار بولىدۇ.

    ئەگەر بىر نەچچە كۈن بۇرۇنقى چىقىمنى خاتىرلىمەكچى بولسىڭىز، چىسلا دىگەن يەردىن توغرا بولغان چىسلانى تاللىسىڭىزلا بولىدۇ.

    ئەگەر مۇئاش تارقىتىلغان بولسىچۇ ؟ بۇنىڭدا پۇل چىققان ھىېساپ دىگەن تۈرگە مۇئاش دىگەن تۈرنى تاللاپ، پۇل كىرگەن ھېساپ دىگەن تۈرگە بانكا. سودا –سانائەت دىگەن تۈرنى تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ.

    3. جەدىۋەل كۆرۈش

    مەزكۇر ئەپ كۈنلۈك ، ھەپتىلىك ،ئايلىق ۋە يىللىق قىلغان خىراجەتلىرىڭىزنى تەپسىلى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. يەنى سىز پەقەت كۈنلۈك تەپسىلات، ھەپتىلىك تەپسىلات، ئايلىق تەپسىلات ۋە يىللىق تەپسىلات دىگەن سىنبەلگىلەرنى چەكسىڭىزلا ھەممىنى ئېنىق كۆرەلەيسىز. ھەمدە ئايلىق راسچوت، يىللىق راسچوت ۋە جۇغلانما راسچوت دىگەن تۈرلەر ئارقىلىق ھەر قايسى ھېساپ تۈرلىرىدە قانچىلىك ئوبۇرت بولغانلىقىنى كۆرەلەيسىز.

    4. ساندان زاپاسلاش

    مەزكۇر ئەپتە سانداننى تورغا زاپاسلاش ئىقتىدارى يوقكەن. شۇڭا سىز سانداننى يانفۇن ئۆزىگە زاپاسلايسىز. بۇ ئەپ ئارقىلىق، ئۆزىڭىزنىڭ بارلىق كىرىم-چىقىم خاتىرىلىرىڭىزنىcsv  فورماتىدا چىقىرىۋالالايسىز. ھەمدە يەنە كېيىن شۇ ھۆججەتنى يۆتكەپ ئەكىرگىلى بولىدۇ. شۇڭا يانفۇن ئالماشتۇرۇش، روم يەڭگۈشلەش دىگەندەك مەشغۇلاتلاردا ساندان زاپاسلاشنى ئۇنۇتماڭ. Csv ھۆججىتىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بۇنى excel  ئارقىلىق ئاچقىلى بولىدىغان بولۇپ، كومپىيۇتېردىمۇ كۆرەلەيسىز.(ئەمما ئۇيغۇرچە ھالەتتە كۆرۈپ باقسام، ئۇيغۇرچە خەتلەر قالايمىقان بىر بىر نەرسىلەردەك كۆرۈندى. سانلار توغرا )

    بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ

    ھىساپچىنىڭ بىر قىسىم سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ بېقىڭلار:

    بۈگۈن 2-ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنى ، يەنە كېلىپ 4 يىلدا بىر كېلىدىغان  خاسىيەتلىك كۈن ئىكەن. شۇڭا بۇ ئىككى ئەپنى بىلوگىمغا يوللاپ قويدۇم. خالىغان تورداشلار چۈشۈرىۋالساڭلار بولىدۇ.

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • [avatar:30]رەھمەت سىزگە

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !