باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • ئېلكىتاپ-ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستىمىسى

    ۋاقىت:2012-03-28 | تۈرى:ئابرال ئېلكىتاپلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ilkitap-logs/201430106.html

     

    ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇ تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ كۈچەپ تېرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسى ئاساسى جەھەتتىن تەرجىمە قىلىنىپ بولغان بولۇپ، بۇ يىل 4- ئايدا تارقىتىلىدىغان 12.04 نەشرىدە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ تارقىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتساق ئۇبۇنتۇنىڭ بۇ قېتىمقى نەشرى،  ھەقىقى ئورگان تەرەپتىن تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلغان مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ قالغۇسى.

    بىلىك ۋە ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمى جەمئىيىتى قاتارلىق تور بەتلەردىكى ئۇستازلارنىڭ ھارماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن پۈتۈنلەي ھەقسىز بولغان ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسى ھازىر كىشىلەرگە خېلىلا تونۇشلۇق بولۇپ قالدى ھەمدە ئۇنىڭغا قىزىقىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن مەنمۇ قولۇمدىن كېلىشىچە ئازراق بولسىمۇ پايدىلىق ئىش قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى ئۇبۇنتۇ توغرىسىدىكى پايدىلىق يازمىلارنى توپلاپ بۇ ئېلكىتاپنى تۈزۈپ چىقتىم.

    ئېلكىتاپنىڭ سىغىمىنىڭ بەك چوڭ بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن 2 كىتابچە قىلدىم. 1-كىتابتا ئاساسلىقى لىنۇكس توغرىسىدىكى ئۇقۇملار ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى، ئۇبۇنتۇنى كومپيۇتېرغا ھەر خىل ئۇسۇلدا قاچىلاش شۇنداقلا قوزغىتىش پروگراممىلىرىنى تونۇتۇش توغرىسىدىكى يازمىلار كىرگۈزۈلدى.

    2- كىتابقا ئۇبۇنتۇ مۇھىتىدا ھەر خىل يۇمشاق دېتاللار، ئويۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىتىش تونۇشتۇرۇلدى.

    دوستلارنىڭ ئېلكىتاپنى كۆرۈش جەريانىدا بايقىغان خاتالىقلار ياكى باشقا پايدىلىق پىكىرلىرى بولسا ۋاقتىدا بېرىپ تۇرسا، مەنمۇ خاتالىقلارنى تۈزەپ، كىتابنى ئەڭ ئاخىرى مۇكەممەل ھېقىقى باسمىغا لايىق ھالىتىگە ئەكەلسەم دەپ ئويلايمەن. شۇنداقلا بۇ ئېلكىتاپنى توردا كەڭ تارقىتىپ، ئۇبۇنتۇ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىگە يول ئاچساق دېگەن ئۈمىدتىمەن.

     

    1-  كىتاپ چۈشۈرۈش ئادرېسى:

     

    http://good.gd/1994775.htm

     

     

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !