باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • wifi ئارقىلىق پاراڭلىشىش ۋە ھۆججەت يوللاش

    ۋاقىت:2012-04-08 | تۈرى:يانفۇن بىلىملىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ilkitap-logs/203771856.html

    تۈنۈگۈن بىر دوستۇمنىڭ يانفۇنىغا تۆمۈر مۇش ئويۇنىنىڭ 43 مىگابايتلىق سانلىق مەلۇماتىنى يوللاش توغرا كېلىپ قىلىپ، كۆك چىش ئارقىلىق ھەر قانچە قىلىپمۇ يوللاپ بولالماي، كاللامغا مۇشۇ يانفۇنلارنىڭ  wifi ئىقتىدارى ئارقىلىق ھۆججەت يوللىغىلى بولماسمۇ دىگەن نەرسە كېلىپ قالدى.

     wifi ئىقتىدارى ئارقىلىق ھۆججەت يوللاش دىسەم ھەر قانداق  wifi ئىقتىدارى بار يانفۇندا  wifi تورى بولسىلا ھۆججەت يوللىغىلى بولىدىغۇ دىيىشىڭىز مۇمكىن. لىكىن مېنىڭ دەۋاتقىنىم دەل ئاشۇ  wifi تورى يوق مۇھىتتا  wifi ئىقتىدارى بار ئىككى يانفۇننىڭ ئۆزىدىكى  wifi ئارقىلىقلا ھۆججەت يوللاش .

    شۇنىڭ بىلەن كەچتە ئۆيگە كېلىپلا بەيدۇدىن ئىزدەشكە باشلىدىم. تەلىيىمگە شۇنداق بىر يازما ئۇچراپ قېلىپ، بۇنىمۇ ھەل قىلىۋالدىم. تېخى بۇ دىتالدا چ چ دا پاراڭلاشقاندەك ئۆز-ئارا پاراڭلاشقىلى بولىدىكەن. شۇڭا بۇ ھۈنەرنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشاي دەپ تېما يوللىشىم. ئەمىسە باشلاپ كەتتىم. 

    ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى 2 ئەپنى توردىن چۈشۈرۈپ ھەر ئىككى يانفۇنغا قاچىلاڭ. 1. 飞鸽传书 2.   (بۇ ئەپنى بىر يانفۇنغا قاچىلىسىڭىزلا بولىدۇ)聚点wifi 

    ئاندىن يانفۇننىڭ wifi ئىقتىدارىنى ئېچىۋىتىڭ. شۇنداقلا يەنە wifi نۇقتىسى (便携式wlan热点) ئىقتىدارىنى ئېچىۋىتىڭ.

    بۇ چاغدا بىر يانفۇندىكى 飞鸽传书 ئارقىلىق ئىزدەش ئېلىپ بارسىڭىز يەنە بىر يانفۇننى تاپالىسا . يەنە بىر ئەپنى ئىشلىتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر تاپالمىسا يەنە بىر 聚点wifi دىگەن ئەپنىمۇ قوزغىتىپ، بۇ ئەپ ئارقىلىق wifi نۇقتىسىنى ئىزدەيمىز. ھەمدە تاپقان wifi نۇقتىسىغا ئۇلاشنى باسساق، يەنە بىر يانفۇنغا ئۇلىنىدۇ. رەسىمدىكىدەك 

     

    ئاندىن 飞鸽传书 دىتالىنى ئېچىپ، يىڭلاش (刷新) كۇنۇپكىسىنى باسساق ، يەنە بىر يانفۇننى تاپالايدۇ. ئاندىن بىز ئاشۇ يانفۇن نامىنى بېسىپ، ئۇچۇر يوللاش ھالىتىگە ئۆتۈپ، ئۇچۇر يوللاپ سىناپ باقساق، قارشى تەرەپكە ئۇچۇرىمىز نورمال بارسىلا مۈۋەپپىقىيەتلىك بولدى دىگەن گەپ.

    بۇ دىتالدا پەقەت سۆزلەشكىلى بولۇپلا قالماي يەنە ئۆز-ئارا ھۆججەت يوللاشقىمۇ بولىدۇ. ئادەتتە سۈرئىتى ئەڭ تىز بولغاندا 2 مىگابايت ئەتراپىدا، تۆۋەن بولغاندىمۇ 500 كىلوبايت ئەتراپىدا بولۇپ، 43 مىگابايتلىق ھۆججەتنى كۆكچىش ئارقىلىق يىرىم سائەتتەك ھەپىلىشىپ ئەۋەتەلمىگەن ئىدىم. ماۋۇ دىتالدا 20 سىكۇنىتقا بارمىغان ۋاقت ئىچىدە يوللاپ بولدۇم. سۈرئەت 1.7 مىگابايت ئەتراپىدا بولدى. ئەلۋەتتە ئارلىق بەلكىم 50 مېتىر ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئىشقىلىپ، زىرىكىشلىك يېغىندا ئولتۇرغاندا ، ئارلىقىڭىز يىراقراق بولسىمۇ ئۆز-ئارا خەت يېزىپ پاراڭلاشقىلى، كىنو، رەسىملەرنى ئەۋەتىشكىلى بولىدىكىەن.

     

    بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر دىتال بار ئىكەنتۇق. ئەمما ئۇنىڭدا مۈۋەپپىقىيەتلىك بولمىدى. سىناپ باقاتتىم دىگۈچىلەر بولسا، تۆۋەندىكى بەتتىكى يازما بويىچە مەشغۇلات قىلىپ باقسا بولىدۇ.

    [url]http://wenku.baidu.com/view/ac2e54dcad51f01dc281f14b.html[/url]

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !