ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| قىزىق نۇقتا | خەلقئارا خەۋەرلىرى | مەملىكەت خەۋەرلىرى | شىنجاڭ خەۋەرلىرى | تەنتەربىيە | IT كومپىيۇتىر | ئىقتىسادى خەۋەرلەر | مائارىپ-ئىمتىھان خەۋەر باش بىتى  
ئايروپىلاندا يۈز بەرگەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ۋەقەلەر - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
ئورنىڭىز:خەۋەر >> خەلقئارا خەۋەرلىرى >>
ئايروپىلاندا يۈز بەرگەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ۋەقەلەر
 يوللىغۇچى:خۇشخۇي  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:0  
ئايرۇپىلان نۆۋەتتىكى ئەڭ تېز بولغان قاتناش قورالى بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر ئايرۇپىلان بىلەن سەپەرگە چىقىشنى تاللايدۇ، ئەمما ئايرۇپىلان سەپىرىدىمۇ نۇرغۇن توقۇنۇشلار كۆپىيىشكە باشلىدى. بۇ ئىشلارغا قارىتا كىشىلەر ھاڭ-تاڭ قېلىپ يا يىغلىشىنى يا كۈلىشىنى بىلەلمەي ئامالسىز قالغان. بولۇپمۇ ئايرۇپىلان سەپىرىدىكى ھەرخىل «قاتىل ۋەقە» لەر، كىشىلەرنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن يەنە يولۇچىلارغا بىر مۇنچە ئىقتىسادىي زىيان ئېلىپ كېلىدۇ ياكى يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىشىمۇ مۇمكىن.
    تۆۋەندە ئايرۇپىلاندا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئەڭ «قاتىل» لىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

شىۋىتسارىيەنىڭ بىر يولۇچىلار ئايرۇپىلانىدا ئىككى جۇڭگولۇق يولۇچى ئۇرۇشۇپ كەتكەنلىكتىن ئايرۇپىلان كەينىگە يېنىپ كەتكەن.

    2012-يىلى 9-ئايدا سيۇرىخدىن بېيجىڭغا قاراپ ئۇچقان LX196نۆۋەتچى ئايرۇپىلانىدا ئىككى جۇڭگولۇق يولۇچى ئۇرۇشۇپ كەتكەنلىكتىن، بۇ ئايرۇپىلان كەينىگە قايتىپ كەتكەن، شۋېتسارىيە خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ باياناتچىسى مىرىئان چىساكې: «يولۇچىلار ئايرۇپىلانى قايتىپ بارغاندىن كېيىن، شۋېتسارىيە خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئايرۇپىلاندىكى باشقا يولۇچىلارنىڭ ياتىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەتىسى بېيجىڭغا ئۇچىدىغان ئايرۇپىلان بېلىتىنى زاكاس قىلىپ بەردى. ئايرۇپىلاندا ئۇرۇشقان ئىككى جۇڭگولۇق يولۇچىنى سيۇرىخ ساقچى تەرەپنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەردۇق» دېدى، ئەمما ئۇ بۇ ئىككى جۇڭگولۇق يولۇچىنىڭ كونكرىت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارلىمىدى.

    ئامېرىكىلىق بىر ئايال تازىلىق قەغىزى بىلەن قەدىمكى ئۇسلۇبتا ياسىنىۋالغان.

    2012-يىلى 4-ئايدا، ئامېرىكىلىق بىر ئايال لوس ئانژىلىستىن يېڭى زىللاندىيە ئاۋكلاندقا قاراپ ماڭغان بىر ئايال 14 سائەتلىك سەپەر جەريانىدا ئىچى پۇشۇپ كەتكەنلىكتىن، كۆپ قېتىم ھاجەتخانىغا كىرىپ تازىلىق قەغىزى بىلەن ئۆزىنى قەدىمكى ئۇسلۇبتا ياساپ چىققان، يەنە تېخى قول تېلېفون ئارقىلىق ئۆزىنى رەسىمگە تارتىپ، 15-ئەسىردىكى رەسىم بىلەن سېلىشتۇرغان.

    كىنو چولپىنى ئايرۇپىلاندا باشقىلارنىڭ ئالدىدىلا كىچىك تەرەت قىلىپ، ئايرۇپىلاننىڭ كېچىكىپ ئۇچۇشىغا سەۋەبچى بولغان.

    2011-يىلى 8-ئايدا فرانسىيە كىنو چولپىنى گېرارد ئولتۇرغان ئايرۇپىلان كېچىكىپ ئۇچقانلىقتىن، ئۇنىڭ كىچىك تەرىتى قىستاپ قېلىپ، ئايرۇپىلان كۈتكۈچىسىنى تېپىپ ھاجەتخانىغا كىرىۋىلىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما ئايرۇپىلان كۈتكۈچىسى رەت قىلىپ، ئايرۇپىلان قوزغالغاندىن كېيىن ئاندىن ھاجەتخانىنى ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتقان. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى بۇ داڭلىق چولپان شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئالدىدىلا كىچىك تەرەت قىلغان، ئۇنىڭ بۇ قىلىقىدىن ئەتراپتىكى كىشىلەر ئاغزىنى ئېچىپ، ھاڭ-تاڭ قالغان. ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ كىچىك تەرىتىنى تازىلاش ئۈچۈن ئايرۇپىلان يەنە ئىككى سائەت كېچىككەن. بۇ ئىشتىن كېيىن ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بىلوگىدا ئاممىغا بۇ ئىشنى ئاشكارىلىغان شۇنداقلا گېراردنىڭ كەچۈرۈم سورىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق «ئەدەبسىزلىك» قىلغانلىقى ھەققىدە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ھېچنىمىنى ئاشكارىلىمىغان.
ئامېرىكىلىق بىر ئەرنىڭ ئىشتىنى بەك كەڭ بولغاچقا ئايرۇپىلاندىن چۈشۈرۋېتىلگەن

    2011-يىلى 6-ئايدا سان فرانسىسكولۇق بىر يولۇچى دۇچامپ ماماننىڭ كىيگەن ئىشنى زىيادە كەڭ بولۇپ، ئىشتىنىنى ئېگىزرەك كۆتۈرۋىلىشنى رەت قىلغاچقا ئايرۇپىلاندىن چۈشۈرۋېتىلگەن. ئىگىلىنىشىچە، دۇچامپ تولۇق ئوتتۇرا پۇتبول ئەترىتىدىكى سەپدىشىنىڭ ماتەم مۇراسىمىگە ماڭغان ئىكەن، ئەمما يېڭى مېكسىكا شىتاتىنىڭ شەھىرىگە قاراپ ئۇچۇش ئالدىدىكى ئايرۇپىلانغا چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىيگەن ئىشتىنىنىڭ بېلىنىڭ ئاستىغىچە سېيرىلىپ چۈشۈپ قالغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىچ كىيىمىنىڭ يېرىمى دىگۈدەك چىقىپ قالغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. بۇ ئاۋىئاتىسيە شىركىتىنىڭ بىر ئايال باياناتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «شىركەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۇلارنىڭ ‹مەدەنىيەتسىز كىيىم› كىيگەنلەرنى ئايرۇپىلانغا چىقارماسلىق ھوقۇقى بار.» دۇچامپنىڭ ئاپىسى ساقچى تەرەپنىڭ ئەيىبلىشىگە قايىل ئەمەسلىكىنى، ئوغلىنى كەمسىتىشكە ئۇچرىدى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    ئەنگىلىيە پۇتبول مەستانىلىرى يولۇچىلار ئايرۇپىلانىدا ئۇرۇشۇپ كەتكەچكە، ئايرۇپىلان جىددىي ھالدا يەرگە قونغان.

    2009-يىلى 11-ئايدا 12 كىشىدىن تەشكىللەنگەن گىرمانىيەگە بېرىپ بايرىن ميۇنخېن كوماندىسى بىلەن شالىك 04 كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈشكە ماڭغان پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئىككەيلەننىڭ كۆز قارىشى ئوخشىمىغانلىقتىن تاكاللىشىپ كەتكەن ۋە ئاخىرى بىرىپ بىر-بىرىگە مۇشت-پەشۋالارنى ئاتقان، ئايرۇپىلاندىكى خىزمەتچى خادىملارمۇ بۇ ئىككەيلەننى توسۇپ قالالمىغان. فرانكىفورت ساقچىسىنىڭ دېيىشىچە ئۇچقۇچى ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىپ باشقا يولۇچىلارغا زىيان يېتىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئايرۇپىلان فرانكىفورت ئايرودرومىدا قونۇشقا مەجبۇر بولغان. ئايرۇپىلان ئايرودرومغا قونغاندىن كېيىن، ۋەقە سادىر قىلغۇچى ئىككەيلەننى ساقچىلار ئېلىپ كەتكەن. بۇ ئاۋىئاتسىيە شىركىتى باياناتچىسى مۇنداق دېگەن: «بۇ قېتىمقى ئايرۇپىلاندىكى ئۇرۇشۇش ۋەقەسىدە باشقا يولۇچىلارغا ھېچقانداق زىيان يەتمىگەن. ئۇچقۇچىنىڭ بۇ قىلغىنى پۈتۈنلەي توغرا. ئايرۇپىلاندا بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشى ئادەمنى ھەقىقەتەن بىزار قىلىدۇ.»

    جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بىر ئەر تاساددىپىي ھالدا ئېتىلما ئورۇندۇقنى قوزغىتىپ سېلىپ ئايرۇپىلاندىن ئېتىلىپ چىقىپ كەتكەن.

    جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بىر ئەر تاساددىپىي ھالدا ئېتىلما ئورۇندۇقنى قوزغىتىپ سېلىپ خۇددى 007 فىلىمىدىكى «راكىتا ئادەم» دەك تېز  سۈرئەتتە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان ئايرۇپىلاندىن ئورۇندۇق بىلەن بىللىلا ئېتىلىپ چىقىپ ئايرۇپىلاندىن 100 مېتر ئېگىزلىككە ئۇچۇپ كەتكەن. گەرچە بۇ ئەر ھېچقانداق كەسپىي مەشىقنى قوبۇل قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئەمما تەلىيىگە يارىشا زاپاس پاراشوتنى ۋاقتىدا ئېچىپ، يەرگە ساق-سالامەت قونىۋالغان.

    ئامېرىكىنىڭ بىر ئايرۇپىلانى ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندا ئايرۇپىلان باشلىقىنىڭ «ساراڭ» لىقى تۇتۇپ قالغان ۋە ئۇنى يولۇچىلار بويسۇندۇرغان.

    2012-يىلى 3-ئايدا ئامېرىكىنىڭ بىر ئايرۇپىلانى ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندا ئايرۇپىلان باشلىقىنىڭ نېرۋىسى قالايمىقانلىشىپ كەتكەچكە ئايرۇپىلان جىددىي ھالدا يەرگە قونغان. بۇ ئىشتىن كېيىن بۇ ئايرۇپىلان باشلىقىنىڭ ئايالى يولدىشىنىڭ بىرەر نېمىدىن قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. بۇ ئايرۇپىلان باشلىقى شۇ يەردىكى دوختۇرخانىغا كىرىپ داۋالاشنى قوبۇل قىلغان. ئامېرىكىدىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگان باشلىقىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ھاجەتخانىدىن چىققاندىن كېيىن سەل بىنورمال بولۇشقا باشلىغان بولۇپ، يولۇچىلارغا قالايمىقان گەپ قىلغان. ئۇچۇش ھەيدەش بۆلمىسىگە قايتقاندىن كېيىن دەرھال ئورنىدا ئولتۇرماي، قالايمىقان ھەرىكەت قىلىپ كەتكەن. تۆت يولۇچى ئۇنى بويسۇندۇرۇپ يەرگە بېسىۋالغاندىن كېيىن يولۇچىلار بەرگەن بەلۋاغ قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن باغلاپ قويغان.

    ئامېرىكىلىق بىر ئەر ئايرۇپىلاندا ھاجەت تۇڭىدا ئولتۇرغانلىقى ئۈچۈن ئىككى مىليون تۆلەمگە ئېرىشكەن.

    2008-يىلى 5-ئايدا ئامېرىكىلىق بىر ئەر ئورنىنى بىر كۈتكۈچى خانقىزغا ئۆتىنىپ بېرىپ ئۆزى ئولتۇرىدىغان يەر بولمىغاچقا ھاجەت تۇڭىدا ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق ئولتۇرغان ۋە بۇ ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنى سوتقا ئەرز قىلىپ، ئىككى مىليون دوللار تۆلەمگە ئېرىشكەن.

    يولۇچىلار ئايرۇپىلاننىڭ كېچىكىپ ئۇچقانلىقىدىن نارازى بولغاچ كۈتكۈچىگە ئۈچ ئىستاكان قايناقسۇ چېچىۋەتكەن.

    2012-يىلى 8-ئايدا بىر ئايرۇپىلان كۈتكۈچىسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر تورداش بلوگىدا، ھاۋارايى سەۋەبلىك ئايرۇپىلاننىڭ كېچىپ قالغاندا، يولۇچىنىڭ ئۆزىگە ئۈچ ئىستاكان قىززىق قايناقسۇ چېچىۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان، بۇنى 50 مىڭغا يېقىن ئادەم تارتقان بولۇپ، كۆپ قىسىم تورداشلار بۇ كۈتكۈچى قىزغا ئىچ ئاغرىتقان. بىر غەيرىي رەسمىي توردا بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %73 تورداش يولۇچىلارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك دەپ قارىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەزى تورداشلار بۇ كۈتكۈچى خانىمدىن گۇمانلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئايرۇپىلاندا قىززىق قايناقسۇ يوق ئىكەن.

    بىر ئايال ئايرۇپىلاندا تۇغۇپ سېلىپ، بالىسىغا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئىسمىنى قويغان.

    ئىگىلىنىشىچە، بىر ئايال ئايرۇپىلاننىڭ ھاجەتخانىسىدا بىر ئوغۇل تۇغقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئالاھىدە سەرگۈزەشتىسىنى خاتىرلەش ئۈچۈن بالىسىغا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ نامىنى قويغان.

    ئامېرىكىلىق ئىككى كۈتكۈچى خانىم ئايرۇپىلاندا ئۇرۇشۇپ كەتكەنلىكتىن، ئايرۇپىلان ئۇچۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

    ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بىر ئايرۇپىلانى ئۇچۇش ئالدىدا ئايرۇپىلاندىكى ئىككى كۈتكۈچى خانىم ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، ئايرۇپىلان باشلىقى يولۇچىلارنى ئايرۇپىلاندىن چۈشۈشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئىشتىن كېيىن بۇ ئىككى كۈتكۈچى خانىم خىزمەتتىن توختىتىلىپ تەكشۈرۈلگەن، بۇ نۆۋەتچى ئايرۇپىلاننىڭ ئۇچۇشىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، يولۇچىلارنى باشقا ئايرۇپىلانغا ئورۇنلاشتۇرغان.

    ئامېرىكىلىق بىر ئەر زىيادە سېمىز بولغاچقا ئايرۇپىلاننىڭ ئورۇندۇقىغا سىغماي، ئايرۇپىلاندىن چۈشۈرۋېتىلگەن.

    بۇ ئەر ئايرۇپىلانغا چىققاندىن كېيىن ئايرۇپىلان خادىملىرى ئۇنىڭدىن 928 فونستېرلىڭنى كۆپ تاپشۇرۇپ يەنە بىر بېلەت ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇ بەك سېمىز بولغاچقا، يېنىدىكى ئورۇننى ئىگىلىۋالغان. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان يولۇچى نارازىلىقىنى ئىپادىلىمىگەن. بۇ يولۇچى ئايرۇپىلان خادىملىرىنىڭ بۇ باھانىسىدىن نارازى بولۇپ، قەتئىي پۇل تاپشۇرمىغان، كېيىن ئايرۇپىلان خادىملىرى ئۇنى ئايرۇپىلاندىن چۈشۈرۋەتكەن. بۇ سەۋەبلىك ئۇ ھاممىسىنى ئاخىرقى قېتىم كۆرەلمەي، چەكسىز پۇشايمانغا قالغان.

    بىر خانىم ئايرۇپىلاندا تەشۋىقات ۋاراقچىسى تارقاتقان.

    ئوقۇش پۈتتۈرگىنىگە ئۈچ ئايمۇ بولمىغان بىر كىچىك قىز بىردىنلا شىركەتتىكى داڭلىق كىشىگە ئايلىنىپ كەتكەن، 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۇ ئۆزى پۇل تۆلەپ چىڭدۇدىن گۇاڭجۇغا بارىدىغان ئايرۇپىلانغا چىققان بولۇپ، سەپەر جەريانىدا يولۇچىلارغا 100 پارچىدىن ئارتۇق تەشۋىقات ۋاراقچىسى تارقاتقان، ئەمما ئۇ يولۇچىلارنى بىزار قىلىپ قىلىپ قويمىغان بولۇپ، ئەكسىچە، كۈتكۈچى خانىملارنىڭ يول قويىشىغا ئېرىشكەن ۋە بىر خېرىدارنىڭ ئەھۋال ئىگىلەش تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان.

    يولۇچىلار ئايرۇپىلانىدا تۇيۇقسىز بىر تىمساق پەيدا بولۇپ قېلىپ، قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، ئايرۇپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

    2010-يىلى 10-ئايدا بىر كىچىك يولۇچىلار ئايرۇپىلانى سەپەر داۋامىدا چۈشۈپ كېتىپ، 20 ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ۋەقەدىن كېيىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، ئايرۇپىلاندا ھېچقانداق كاشىلا يوقلۇقىنى بايقىغان، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە بىردىنبىر ھايات قالغۇچى تەكشۈرگۈچى خادىملارغا بۇ غەلىتە ئىشنىڭ سەۋەبىنى دەپ بەرگەن، يەنى تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالغان تىمساق ئۇچۇش بۆلۈمىنى قالايمىقان قىلىۋەتكەچكە، ئايرۇپىلان تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىپ قويغان. ئۇچقۇچىلار كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا ئايرۇپىلاننى كونترول قىلالماي قېلىپ، ئاخىر نىشانغا يېقىنلا يەردىكى بىر ئۆيگە سوقۇلۇپ كەتكەن.
 

يېڭى خەۋەرلەر
ئايروپىلاندا يۈز بەرگەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ۋەقەلەر
ئايروپىلاندا يۈ...
ئامېرىكىنىڭ ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانى ياپونىيىگە جىددىي قوندى
ئامېرىكىنىڭ ئىك...
دۇنيادىكى ئاجايىپ شەكىل تۈزەش مىساللىرىنى كۆرۈپ بېقىڭ
دۇنيادىكى ئاجاي...
سومالىنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى قۇرئان تۇتۇپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى
سومالىنىڭ يېڭى ز...
ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى تىپتىكى «ھەربىي ئىتى» ئاشكارىلاندى
ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ...
موسكۋادا جۇڭگودىن ئۆگىنىش شامىلى كۆتۈرۈلدى
موسكۋادا جۇڭگود...
ئامېرىكىنىڭ لىۋىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى قوراللىق خادىملارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
ئامېرىكىنىڭ لىۋ...
ئامېرىكىنىڭ لىۋىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى قوراللىق خادىملارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
ئامېرىكىنىڭ لىۋ...
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئايروپىلاندا يۈز بەرگەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدى...
ئامېرىكىنىڭ ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانى ياپونىيىگە ...
دۇنيادىكى ئاجايىپ شەكىل تۈزەش مىساللىرىنى كۆرۈپ ...
سومالىنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى قۇرئان تۇتۇپ ۋەزىپە تاپشۇ...
ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى تىپتىكى «ھەربىي ئىتى» ئاشكا...
موسكۋادا جۇڭگودىن ئۆگىنىش شامىلى كۆتۈرۈلدى
ئامېرىكىنىڭ لىۋىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى قورال...
ئامېرىكىنىڭ لىۋىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى قورال...
موسكۋادا جۇڭگودىن ئۆگىنىش شامىلى كۆتۈرۈلدى
مىسىردىكى نامايىش قىلغۇچىلار ئامېرىكا بايرىقىنى...
ئالىي مەكتەپنىڭ ماتېماتىكا كەسپىدىكى 12 ياشلىق ئو...
سەت بولىۋىلىش ئۈچۈن بۇرنىغا ياغاچ تىقىۋالىدىغان ...
ھىندىستاندىكى «ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇش زاۋۇتى...
«بازا» 2-نومۇرلۇق كاتتىۋېشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جەزم...
09-12ئوباما «11- سېنتەبر» ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارغا ...
تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 13899842526