يەر شارى تورىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: ياپونىيە فۇجى تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرى تورىنىڭ 12- سېنتەبردىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بېيجىڭ ۋاقتى 12- سېنتەبر چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دىن 15 مىنۇت ئەتراپىدا، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ F-22تىپلىق ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانى ياپونىيەنىڭ ياماگۇچى ناھىيەسىدىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىنىڭ ئىۋاكۇنى بازىسىدا قونغان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، F-22تىپلىق ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ گەۋدىسىگە AKدېگەن خەت يېزىلغان بولۇپ، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئالياسكا بازىسىغا تەۋە.
فۇجى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا بۇ خەۋەرگە قارىتا مۇنداق دېيىلدى: F-22تىپلىق ئىككى يۇشۇرۇن ئۇرۇش ئايروپىلانى 12- سېنتەبر ئىۋاكۇنى بازىسىغا قونۇشى «جىددىي قونۇشقا» تەۋە. بۇ ئىككى ئايروپىلان «جىددىي قونغاندىن» كېيىن دەرھال قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئايروپىلان ئىسكىلاتىغا قاراپ ماڭدى.
ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ياپونىيە ئوكىناۋا ناھىيەسىدىكى كادېنا بازىسىدا ھازىر ئالتە دانە F-22تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى بولغاچقا، بۇ ئىككى دانە F-22تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ئىۋاكۇنى بازىسىدا قونغان. بۇ بەلكىم ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە ئاساسەن ياپونىيەدە جىددىي ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتى بولۇشى مۇمكىن.